خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە ئۇيغۇر كرىزىسىنىڭ داۋامى
2022.10.24
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇشىدىن كېيىن خۇددى كىشىلەرگە مەلۇم بولغاندەك خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ كومپارتىيە نىزامنامىسىنى ۋە ئاساسىي قانۇننى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ ئۈچىنچى قېتىم رەئىس بولۇپ «سايلاندى». شۇنىڭ بىلەن بىرگە شى جىنپىڭنىڭ بىر قوللۇق تاللىشىدىن ئۆتكەن يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپىمۇ ھاسىل بولۇپ دۇنياغا جاكارلاندى. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 24-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپى جاكارلىنىش بىلەن تەڭلا خىتايدىكى پاي چەكلىرىنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ساھەسىدىكى چېكىنىشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلانغان. چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئېقىپ چىقىپ كېتىشىدىمۇ يېڭى يۇقىرى پەللە يارىتىلغان. چۈنكى بۇ يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپى شى جىنپىڭنىڭ «خۇسۇسىيلار قۇدرەت تېپىپ كەتسە مەركىزىي ھاكىمىيەتكە خىرىس پەيدا قىلىدۇ» دېگەن يېتەكچى ئىدىيەسى تۈپەيلىدىن تەقىبگە ۋە چەكلەشكە ئۇچرىغىلى خېلى بولغانىدى.
بۇ يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ بۇ يۈزلىنىشنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىشى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن مۇتلەقلەشتى ھەمدە خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىگە غايەت زور ۋەھىمىنىڭ سايىسى چۈشۈشكە باشلىدى. خوڭكوڭدىكى KGI Asia پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى شىركىتى مەبلەغ ئىستراتېگىيەسى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى كېننىي ۋېن (Kenny Wen) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «نۆۋەتتىكى پاي چەكلىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى خىتايدىكى مەبلەغ مۇھىتىنىڭ نەقەدەر نازۇكلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى. نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئىجابىي تەرەپكە قاراپ مېڭىشىغا پايدىلىق بولغان بىرەر ئامىلنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى ئاخىرقى ھېسابتا كۆپۈككە ئايلاندى» دېگەن.
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەھرىرات ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالتە كىشىلىك ئەزاسى بىردەك شى جىنپىڭغا ئەڭ سادىق بولۇش شەرتى بىلەن تاللانغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان. شۇنداق بولغانىكەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىدە شى جىنپىڭغا پىكىر بېرىشكە ياكى ئۇنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە جۈرئەت قىلىدىغان ھېچقانداق ئىنساننىڭ ئوتتۇرىغا چىقمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشقان. شۇنداقلا خىتايدا دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدە مۇقىملاشقان ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەردىن شەكىللەنگەن كوللېكتىپ رەھبەرلىك ئۇسلۇبىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل بىتچىت قىلىۋېتىلگەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىن مەركىزىي رەھبەرلىك كوللېكتىپىدا شى جىنپىڭنىڭ پىكىرىگە مۇخالىپ كېلىدىغان ھېچقانداق سۆزنىڭ ئوتتۇرىغا چىقمايدىغانلىقىدىن، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينى ئىدارە قىلىشتا شى جىنپىڭنىڭ دېگىنى دېگەن بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن. تەيۋەندىكى دۆلەتلىك سىياسەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ شىنشيەن (Hsin Hsien Wang) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئالتە كىشىنى شى جىنپىڭ بىر-بىرلەپ تاللاپ چىققان بولۇپ، بۇ تاللاش نۆۋەتتە شى جىنپىڭ ئۈچۈن ساداقەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە كۆرسەتتى. بۇنىڭدا مەۋجۇت قائىدىلەر ياكى بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنمىدى» دېگەن. BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، ئىككى قارارلىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن خىتايدىكى مۇتلەق ئالىي رەھبەرلىك ھوقۇقنى شى جىنپىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن خۇ جىنتاۋنىڭ پۈتكۈل دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان قۇرۇلتاي مەيدانىدىن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە «يالاپ ئېلىپ مېڭىش» شەكلىدە چىقىرىۋېتىلىشى شى جىنپىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق ئىنساننىڭ «قورققۇچىلىقى قالمىغان» لىقىنى دۇنياغا ئېلان قىلغان. تاشقى دۇنيا بۇ ھالنى «شى جىنپىڭ ئەمدى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھوقۇقدارغا ئايلاندى» دەپ تەسۋىرلىگەن.
بۇ قېتىمقى يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئىچىدە كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ئىدىيە ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىسى» دەپ قارىلىدىغان ۋاڭ خۇنىڭنىڭ داۋاملىق ھالدا ئورۇن ئىگىلىشى بولدى. جاڭ زېمىن دەۋرىدىن تارتىپ خۇ جىنتاۋ دەۋرى ۋە ھازىرقى شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قەدەر ئىزچىل ھەرقايسى «ئالىي رەھبەرلىك» نى نەزەرىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىن ئەتكۈچى، جۈملىدىن شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى «ئاخىرقى ھەل قىلىش ئۇسۇلى» نىڭ ئىجادچىسى بولغان ۋاڭ خۇنىڭ بۇ قېتىممۇ «ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمى» دىن داۋاملىق ئورۇن ئېلىشى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇنىڭ ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۈپ خاراكتېرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
خىتاي ئاخباراتلىرىدا قېتىمقى قۇرۇلتايدا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولۇپ سايلىنىشى ئۇيغۇر دىيارىغا دائىر ئالاھىدە خەۋەرلەرنىڭ بىرى قاتارىدا ئورۇن ئالدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىلشات ھەسەن بۇ ھالنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچقانداق خۇشخەۋەر بولمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ تېخىمۇ چوڭ بالايى-ئاپەتتىن بېشارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قېتىملىق يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپى قائىدە بويىچە 2023-يىلى مارت ئېيىدا چاقىرىلىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغان بولۇپ، خىتايدىكى ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ مۇتلەق دىكتاتورىلىق ئاساسىدا ئىش كۆرۈلۈشتەك ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن بۇنىڭدا بىرەر توسقۇنلۇقنىڭ بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.