ئۇيغۇر رايونىدىكى «كۆچۈرۈش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» سىياسىتىنى چۈشىنىش
2022.04.14
خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلى ھاللىق سەۋىيەگە ئومۇميۈزلۈك يېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانى بويىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغانىدى. ئەمما نامراتلىقنى يوقىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا، رايون مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش دەپ بېكىتىلگەن. ئۇ ھالدا رايون مۇقىملىقىغا خەتەر بولۇۋاتقانلار زادى كىملەر؟
بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا گەرچە مۇقىملىقنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاتالغان بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ۋە رايون نوپۇسىنىڭ ئەڭ كۆپ نىسبىتىنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئېنىق تىلغا ئالمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى 90-يىللاردىن بۇيان خەلقئارا تېررورلۇققا باغلىۋالغان ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا كۆرسىتىدىغانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «ئۈچ خىل كۈچ »نامىدا ئاتىشىنىڭ كەينىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش نىيىتى يوشۇرۇنغان. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر نوپۇسىنى يوقىتىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم نىشان ھېسابلىنىدۇ ئەلۋەتتە.
شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقىنىڭ سەۋەبىنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئارقىلىق ۋاسىتىلىك بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىدەك جىنايىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ رادىكاللىقى، ئاشقۇنلۇقى ۋە خەلقئارا تېررورلۇققا باغلانغانلىقى بىلەن يوشۇرۇپ كەلگەن. شۇنداقلا رايوندىكى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئۈچ خىل كۈچلەرنى تازىلاش نامىدا ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى چېقىپ، قايتا سېلىش، ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى بىخەتەر، يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۆيلەرگە كۆچۈرۈش بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى، ياشاش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كونتروللۇقىغا تېخىمۇ چوڭ قۇلايلىقلارنى يارىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان. مەسىلەن، خىتاينىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە دائىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئون مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، پۈتكۈل ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە 333دانە كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى تەسىس قىلغان. ياكى شەھەر، بازارلاردىكى سانائەت رايونى قۇرۇلۇشى ياكى يېزا – كەنت قۇرۇلۇشى، ۋە ياكى كۆچمەنلەر كەنتى، چېگرا رايونلاردىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورۇنلىرى ئارقىلىق كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارغا ئولتۇراق ئۆي رايونى قۇرۇپ، بۇ رايونلارغا كۆچۈپ كەلگەن نوپۇسنىڭ «تىرىكچىلىك قىلىش شارائىتى» نى ئالدىن ھازىرلىغان. مەزكۇر دوكلاتتا، ئۇيغۇر يازغۇچى ئۆمەر ئىمىننىڭ «تەكلىماكاننىڭ يۈرىكىدىكى ئوت» ناملىق ئەسىرىدە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ قەدىمىي كەنت بولغان دەريابويى كەنتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈرۈلۈش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. يەنى، 2016-يىلى خوتەن دىيارىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىگە جايلاشقان دەريابويى كەنتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈلۈشى قارار قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى دەريابويى كەنتى ئاھالىلىرىنى 150كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈرۈشنى پىلانلاپ، ئۇ يەرگە يېڭى دەريابويى كەنتى دەپ نام قويغان. 2019-يىلى دەريابويى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەزىزخان ئابلا قاتارلىق 114ئائىلە ئۇيغۇر رەسمىي ھالدا ئاتالمىش يېڭى دەريابويى كەنتىگە كۆچۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 363ئائىلىنى كۆچۈرۈپ، تەكلىماكاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى قوغدىغۇچىلىرى دەپ قارالغان دەريابويى كەنتى ئۇيغۇرلىرىنى پۈتۈنلەي كۆچۈرۈشنى تاماملىغان. دوكلاتتا دەريابويى كەنتىدىكى خەلقلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ كۆچۈرۈش پىلانىدىن ئانچە رازى ئەمەسلىكىنى، ئەمما ھۆكۈمەت بۇ خەلقلەرنىڭ سالامەتلىكى، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولغىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دېمەك، تەكلىماكان قۇملۇقنىڭ ئىچكىرى قىسمىدىكى دەريابويى كەنتىدە ئەسىرلەر بويى دەريا ئېقىنلىرىنى بويلاپ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ۋە ھېچقانداق خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئايىغى تەگمىگەن زېمىن، ئاقىۋەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا ۋەيران قىلىنىش قىسمىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.
ھەرقانداق ئىنسان ئۆزى ياشاۋاتقان ماكانلىرىنى تاشلاپ، باشقا جايلارغا كۆچكەندە، ھاياتىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشى تەبىئىي. خىتاينىڭ كۆچۈرۈش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىدە ئۆي – ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈپ، يېڭى رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك مەسىلىسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىر تۇتاش، پىلانلىق يوسۇندا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئالاھىدە غەمخورلۇقى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ھادىسىنىڭ خۇددى تارىختىكى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن يۈرگۈزگەن مۇستەملىكە سىياسەتلىرىدىن پەرقسىز ئىكەنلىكى كۈنسېرى ئاشكارا بولماقتا.
13-بەش يىللىق پىلاننىڭ خىزمەت دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلى قەشقەر ۋىلايتىىنىڭ يەكەن ناھىيەسىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىن، ئاقتاغ بازىرىغا كۆچۈرۈلگەن ئايگۈل ساۋۇرنىڭ كۆچۈرۈلۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان تىرىكچىلىك مەسىلىسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنىڭ قانداق يوقالغانلىقى مىسال قىلىنغان. يەنى، ئايگۈل ساۋۇر مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، يېڭى كۆچۈپ بارغان يېزىدا «تەربىيەلەش كۇرسى» غا قاتناشتۇرۇلغان، كۇرسنى تاماملىغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى بىر پەلەي زاۋۇتىغا ئىشلەمچىلىككە ئورۇنلاشقان. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ تىرىكچىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، «ئۆينىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىسىلا، زاۋۇتقا كىرىدىغان قولاي شارائىت ھازىرلىغان» لىقىنى تىلغا ئالغان.
بۇنىڭدىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەن شەھىرىنىڭ «كۆچۈرۈش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى مىسال قىلغان. مەسىلەن، نامراتلىق قۇتۇلدۇرۇشتىكى كۆچۈرۈش نۇقتىلىرىنى ئاساسەن سانائەت رايونلىرىنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتراپتىكى سانائەت رايونلىرىدىكى 70تىن ئارتۇق كارىخانىلاردا يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، باقمىچىلىق، تىككۈچىلىك قاتارلىق تۈرلۈك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، مۇقىم كىرىمگە ئېرىشىپ، تۇرمۇشى كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
بۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كۆچۈرۈش بىر ۋاسىتە، سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، نامراتلارنى يوقىتىش ئاساسىي مەقسەت» دېگەن نىشانى ئاستىدا، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ، دەرىجە بويىچە كۇرسلاردا تەربىيەلەپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئالاھىدە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرى، ئەمگەك كۈچلىرى زىچ بولغان كەسىپلەر، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردا 90مىڭدىن ئارتۇق كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ تىرىكچىلىك قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرگە قارىتا باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئەمما كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ ئاتالمىش«دۆلەت تىلى ئۆگىنىش»، «مەدەنىيەتلىك ئائىلە قۇرۇلۇشى» قاتارلىق ئۇسۇللاردا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۆز ئارا سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئاساس قىلغان خوتەن ۋىلايىتىدە « ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا سىڭىپ كېتىشى» دەك مەنزىرىنى قانداق بەرپا قىلىۋاتقانلىقىنى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
خىتاينىڭ مەزكۇر خىزمەت دوكلاتىدا يەنە تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى 333 يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، خىلمۇ خىل تەشۋىقات تاختىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كۆچمەنلەر ھەر ۋاقىت ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق «بەشنى قوبۇل قىلىش ئىدىيەسى» نى كۈچلەندۈرىدۇ، دېيىلگەن. خىتاينىڭ ئاتالمىش «بەشنى قوبۇل قىلىش ئىدىيەسى»: بولسا، «1. خىتاي دۆلىتىنى دۆلىتىم دەپ تونۇش ئىدىيەسى؛ 2. جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكىنى مىللەت كىملىكى دەپ قوبۇل قىلىش ئىدىيەسى؛ 3. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى مىللىي مەدەنىيىتىم دەپ قوبۇل قىلىش ئىدىيەسى؛ 4. خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك جەمئىيەت قۇرۇشنى قوبۇل قىلىش ئىدىيەسى؛ 5. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقى، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى قوغداشنى مۇھىم ئاساس قىلىش، شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىئولوگىيەلىك بىخەتەرلىكىنىڭ مۇستەھكەم ئۇلى دەپ قوبۇل قىلىش»، قاتارلىقلاردۇر.
دەرۋەقە، جەنۇبتىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستنى باش نىشان قىلغان ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولغان «كۆچۈرۈش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۈرى» بولسا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تاشقى دۇنياغا تېخى ئاشكارىلىنىپ بولالمىغان يەنە بىر يۈزىدۇر.
***
مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.