«ئالتە شەھەر كونسېرتى» ئەنقەرەدە غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.12.16
alte-sheher-konserti-1 نۆۋەتتە تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان «ئاق پارتىيە» سىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان مەستەن ئەپەندى كونسېرت باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. 2024-يىلى دېكابىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە «مىراس» نامىدىكى «يىپەك يولى كوللېكتىپى» نىڭ «ئالتە شەھەر كونسېرتى» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەيدان ئويۇنى ئەنقەرە شەھرىدە كۆرسىتىلدى. ئاساسلىق ناخشىچى ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇد، ئاساسلىق سازەندە، ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى تەتقىق قىلغۇچى پىروفېسسور رەيچىل خاررىس قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئالتە سەنئەتچى قوللىرىدىكى ئۇيغۇرچە سازلىرى، رەڭدار ئەتلەس كىيىملەر ۋە ئۇيغۇر دوپپىلىرى بىلەن سەھنىدىن ئورۇن ئېلىپ، بىر يېرىم سائەت مەخسۇس كونسېرت بەردى. ئۇلارنىڭ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ زالىدا ئورۇنلىغان ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە ناخشا مۇزىكىلىرى تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلغان بولۇپ، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى توختىمىدى.

نۆۋەتتە تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان «ئاق پارتىيە» سىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان مەستەن ئەپەندى كونسېرت باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ بۇنداق باي مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئىسلام تارىخىغىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە بۈيۈك ئالىملارنى يېتىشتۈرگەن ئۇلۇغ بىر مىللەتتۇر. ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي زۇلمى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە كۈلتۈرىدىن ۋاز كەچمىدى. شۇنداقلا ئاسسىمىلياتسىيە بولماستىن ۋەتەن ۋە مىللەت ئىشقى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۈچلۈك مۇھاجىرلار توپى بەرپا قىلىپ، بىز تۈركلەرنى غۇرۇرلاندۇرۇۋاتقان بىر مىللەتتۇر. خۇدايىم بۇيرۇسا ئۇيغۇرلار ئەڭ يېقىن زامان ئىچىدە تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتىدە قايتا ئورۇن ئالىدۇ. تۈرك دۇنياسى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە ئۆزئارا يېقىنلىشىۋاتىمىز. تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق كۈچەيمەكتە. مەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان كۈنلىرى يېقىنلاشتى، دەپ ئويلايمەن.»

«مىراس» نامىدىكى «يىپەك يولى كوللېكتىپى» نىڭ «ئالتە شەھەر كونسېرتى» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەيدان ئويۇنىدا سازەندىلەر. 2024-يىلى دېكابىر، ئەنقەرە.
«مىراس» نامىدىكى «يىپەك يولى كوللېكتىپى» نىڭ «ئالتە شەھەر كونسېرتى» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەيدان ئويۇنىدا سازەندىلەر. 2024-يىلى دېكابىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

كونسېرت جەريانىدا دوكتور ئەخمەت ئوزان بايسال ئەپەندى تاماشىبىنلارغا ئۆزى بىلەن تەڭ سەھنىدە مۇزىكا ئورۇندىغۇچى سەنئەتكارلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى تەتقىق قىلغۇچى پىروفېسسور رەيچىل ھاررىس خانىم دۇتار بىلەن، دىلزات تۇردى داپ بىلەن، لى چوڭ (Li Cheong) غىجەك بىلەن، شۆھرەت نۇر راۋاپ بىلەن سەھنىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇلار رەھىمە مەھمۇد خانىم ئېيتقان «يارۇ»، «تارىم ناخشىسى»، «ئاي بىلەن كۈن يار ساڭا»، شۇنداقلا «ناۋا» مۇقامىنىڭ «جۇلا» سى قاتارلىق ئۇيغۇر ناخشىلىرىغا ۋايىغا يەتكۈزۈپ مۇزىكا تەڭكەش قىلدى.

كونسېرت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى تۈرك پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇزاتتۇق. تۈركىيەنىڭ «سائادەت ۋە كېلەچەك پارتىيەسى» دىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇلى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى ئۆز تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلى خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىدى. ئۇ، كۈندىن بۇيان ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە. خىتاي ‹بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى›نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خىتايلاشتۇرۇشتا قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دۇنياغا قانداق ئاڭلىتىمىز؟ مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا بۇرۇنلا شۇنى دېگەن ئىدىم: مەدەنىيىتىڭلارنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇڭلار. ئۇيغۇرلار باي مەدەنىيەت-سەنئەتكە ئىگە. ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، تىل، دىن، مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنى قوغداپ قېلىش كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ شانلىق مەدەنىيىتىگە تەۋە بولغان ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇۋاتقان رەھىمە مەھمۇد باشچىلىقىدىكى ‹يىپەك يولى كوللېكتىپى› نىڭ ئالتە شەھەردە ئويۇن قويۇپ، ئۇيغۇر سەنئەتىنى تونۇشتۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلايمەن. مەن كونسېرتنى كۆرۈپ بەكلا تەسىرلەندىم. بۇ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەتنىڭ جەۋھىرىدۇر.»

«مىراس» نامىدىكى «يىپەك يولى كوللېكتىپى» نىڭ «ئالتە شەھەر كونسېرتى» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەيدان ئويۇنىدا تاماشىبىنلار. 2024-يىلى دېكابىر، ئەنقەرە.
«مىراس» نامىدىكى «يىپەك يولى كوللېكتىپى» نىڭ «ئالتە شەھەر كونسېرتى» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەيدان ئويۇنىدا تاماشىبىنلار. 2024-يىلى دېكابىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى مەسئۇلى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى مەسلىھەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ قېتىملىق ئويۇننى كۆرۈشكە كەلگەن ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىستانلىق بىر ئائىلىنىڭ ئەۋلادىمەن. مەن سىلەرنىڭ بىر ئەزايىڭلار ھېسابلىنىمەن. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بېرىدىغان ئەڭ چوڭ ياردىمىمىز مەدەنىيەت-سەنئەت جەھەتتە ئۇيغۇرلاردىن كۈچلەندۈرۈش بولىدۇ. بۇنداق بىر مەدەنىيەتنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن ياردەمنى قىلىشىمىز كېرەك. مەن بەكلا تەسىرلەندىم.»

«يىپەك يولى كوللېكتىپى» نىڭ «ئالتە شەھەر كونسېرتى» 9-ئاينىڭ 1-كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا باشلانغان بولۇپ، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئاخىرلاشتى. «يىپەك يولى كوللېكتىپى» نىڭ ئاساسلىق ناخشىچىسى، سەنئەتكار ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇد خانىم سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ۋەتەندىكى ئالتە شەھەرنى ئەسلەش يۈزىسىدىن كونسېرتنىڭ نامىنى ‹ئالتە شەھەر كونسېرتى› دەپ قويغان ئىدۇق. بۇ كونسېرتنى قويۇش سەپىرىگە ئاتلىنىشتىكى مەقسىتىمىز بولسا دۇنياغا ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش، ئاشۇ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن دىدار كۆرۈشۈش، ھەرقايسى جايلاردا ئۇيغۇر دەۋاسىنى قىلىۋاتقان ياكى سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سەنئەتكارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇ دۆلەتلەردىكى سەنئەتكارلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئويۇن قويۇپ ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش. 2017-يىلىدىن كېيىن ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ھەمدە بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئالتە شەھەردە كونسېرت بەردۇق.»

رەھىمە مەھمۇد خانىم بىريۇسسېل، پارىژ، سىتوكھولم، ئوسلو ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردە كونسېرت بەرگەندىن كېيىن، 15-دېكابىر كۈنى ئاخشىمى ئەنقەرەدە بەرگەن كونسېرتنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ئەڭ ياخشى كونسېرت بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.