لاۋرا مورفى: «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تايانچ نۇقتىسىدۇر»
2024.11.01
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىسى، شېفىل ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پىروفېسسورى لاۋرا مورفى (Laura Murphy) يېقىندا ئامېرىكادىكى كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى (Global Cornell) دە: «ھۆكۈمەت، تەتقىقاتچىلار، سانائەت ۋە جەمئىيەت بىرلىشىپ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى كۈرەش قىلىش» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان شىۋېتسىيەلىك ئانتروپولوگ ماگنۇس فىسكەسيۆ بۇ لېكسىيەگە رىياسەتچىلىك قىلغان.
لاۋرا مورفى ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمرانلىقىدا مۇستەملىكىلىشىش ۋە خىتايلىشىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، 1 مىليوندىن كۆپ ئادەمنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى لاگېرلارغا سولانغانلىقىنى، 3 مىليوندىن كۆپ ئادەمنىڭ ھۆكۈمەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىغا يۆتكەلگەنلىكىنى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىدا بىر نەچچە خىل ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلغان. بۇلاردىن بىرىنچىسى، لاگېرغا ياكى تۈرمىگە سولانغانلارنى ۋاقىتلىق «قويۇپ بېرىپ» مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش؛ ئىككىنچىسى، «زاۋۇت-كارخانىلارنى ئىشىك ئالدىدا قۇرۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يەرلىك دېھقانلارنى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ۋە زاۋۇتلارغا ماڭدۇرۇش؛ ئۈچىنچىسى ئۇيغۇرلارنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» باھانىسى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەش.
لاۋرا مورفى مۇنداق دەيدۇ: «2019-يىل ۋە 2020-يىل ئاشكارىلانغان كۆپلىگەن ئىسپاتلاردىن شۇنى كۆرەلەيسىزكى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ قورشاۋ تاملىرى ئىچىدە زاۋۇتلار بار. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ‹ئۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ بەختلىك كۈن كەچۈرۈۋاتقانلىقى، كەسپىي تېخنىكىلارنى قانداق ياخشى ئۆگىنىۋاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ نورمال ئەزاسىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى› تەشۋىق قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى ئۆزگەرتمەكچى بولغان شەكىلدە ئۆزگەرتتى. ئۇلارنى لاگېردىن قويۇپ بېرىدىغان چاغدا، ‹سېنى قويۇپ بەرسەك بولىدۇ، ئەمما چوقۇم زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەيسەن› دېدى. ھۆكۈمەت يولغا قويغان تۈرلەردىن يەنە بىرى بولسا، خىتاي شىركەتلىرى يېزا-كەنتلەردە كىچىك زاۋۇتلارنى قۇرۇپ، يەرلىك خەلققە ‹زاۋۇت-كارخانىلار ئۆيۈڭلارنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەشنىڭ ھاجىتى يوق، زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەيسىلەر› دېدى، خەلق يېقىن ئەتراپتىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلاندى. كىمكى بۇنى رەت قىلسا، ئۆز مەھەللىسىدىن باشقا جايدىكى زاۋۇتقا، ھەتتا ئۆز يۇرتىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەشكە ماڭدۇرۇلدى».
لاۋرا مورفىنىڭ تەبىر بېرىشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەك پەقەت ھەقسىز ئىشقا سېلىنىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۆزى خالىغان جايغا بېرىپ ئىشلىيەلمەسلىك، ئىشلىگەن جايىدىن چىقالماسلىق ۋە ئەركىن ھەرىكەت قىلالماسلىقتۇر.
لاۋرا مورفىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا بېسىمنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم لاگېرلارنى تاقىغان بولسىمۇ، كۆپ قىسىم لاگېرلار يەنىلا مەۋجۇت، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى سولىغان ئۇيغۇرلار باشقا ھەر قانداق ئۆلكىنىڭ پۇقراسىدىن كۆپ. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلار باشقا ئۆلكىلەردە جىنايەت ھېسابلانمايدىغان ئۇششاق سەۋەبلەر بىلەن كېسىلىدۇ، ھەتتا ئۇزۇن يىللىق كېسىلىدۇ. خىتاي ئۇلارنى سولاپ قويماي، مانچە يىللىق كېسىۋەتسە گويا قانۇن بىلەن ئىش قىلغاندەك بولىدۇ. ئەگەر سىز تۈرمىنى قانۇنلۇق بىر نەرسە دەپ قارىسىڭىز، ئۇ ھالدا خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنى، ‹تۈرمە دېگەن قانۇنلۇق› دەپ تۇرۇپ، قانۇنسىز ھۆكۈم چىقىرىشتۇر».
لاۋرا مورفى يەنە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى 5 يىل ئىچىدە نورماللاشتۇرۇپ بولغانلىقىنى ۋە بۇنى بۈيۈك سىياسىي نەتىجە دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بەش يىلدىن كېيىن خىتاي، ‹بىز مۇقىملىق تەدبىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈۋاتىمىز، ھەممە ئىش ياخشىلاندى، ھەممە ئادەم تىنچلاندى، ھېچكىم جېدەل قىلمىدى، ھېچقانداق چاتاق چىقمىدى، دەۋاتىدۇ. مەنچە بىز بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى بولسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تايانچ نۇقتىسى دەپ قارىشىمىز كېرەك. خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەكنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ماكانىدىن سۈرگۈن قىلىۋاتىدۇ، ئەرنى ئايالىدىن، بالىلارنى بولسا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋاتىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە ئېيتقاندا، ئاھالىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، ئائىلىلەرنى پارچىلاپ خانىۋەيران قىلىش، مەدەنىيەتلىرىنى يوقىتىش قاتارلىقلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىپادىلىرىدۇر. بۇ ئىشلار ھازىرمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ».
لاۋرا مورفىنىڭ بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيادىكى پاختىنىڭ 25 پىرسەنتى، ئاليۇمىننىڭ 10 پىرسەنتى، PVC نىڭ 10 پىرسەنتى، شوخلا قىيامى، سۈنئىي ياغاچ، سولياۋ پالاس، لىتىىيۇم قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان مىنېرال ماددىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇلار مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمىنىڭ نەقەدەر كەڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. خىتاي ئەزەلدىن ئەرزان ئەمگەك كۈچىدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىنى قوشقان. خىتاي بۇنىڭدىن قانائەتلەنمەي، ئەرزان ئەمگەك كۈچىنى قوغلىشىپ، زاۋۇتلىرىنى ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكىگەن. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇنىڭغا ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش سىياسىتى سەۋەب بولغان.
لاۋرا مورفىنىڭ قارىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دەك قانۇنلارنىڭ رولى ئەمەلىيەتتە خېلى كۈچلۈك رول ئوينايدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى كۆپلىگەن شىركەتلەر مەجبۇرىي ئەمگەك، مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى، كۆپ مىقداردىكى تولۇقلىما پۇلى قاتارلىق سەۋەبلەردىن تاقىلىشقا مەجبۇر بولدى. مال مەنبەيىمىزنىڭ ئازلىقى تۈپەيلىدىن خىتايغا تايىنىپ قالغان بەزى ساھەلەردە خىتاي شىركەتلىرى مال باھاسىنى تۆۋەنلەتتى. ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ۋە خەلقئارا بېسىملار تۈپەيلىدىن بەزى ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم لاگېرلار تاقالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ھۆكۈمىتى بىزنى تونۇدى. ئۇلار تاشقى دۇنياغا باشقىچە كۆرۈنۈشكە، ‹تۈرمە› نىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە، شۇ ئارقىلىق ب د ت غا ۋە خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىغا ئۆز قىلمىشلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ ئۆزىلا بىر ئۈنۈمدۇر».