ئامېرىكا سىياسىيونلىرى:«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشكە ھەممەيلەن تۆھپە قوشالايدۇ!»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.02.06
cristofer-smith.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ قوشما رەئىسلىرىدىن كرىستوفېر سىمىت ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 30-يانۋار، ۋاشىنگتون
RFA/Sintash

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئىزچىل  تۈردە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ھالقىلاردىن بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھال 31-يانۋار كۈنى ئاياغلاشقان 2024-يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» مەزگىلىدە ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ھەققىدىكى بايانلىرىدىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپتى. بۇ يىللىق ئالىي كېڭەشنىڭ ئەزىز مېھمانلىرىدىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى ئۈچىنچى نومۇرلۇق ئەرباب مايىك جونسون (Mike Johnson) يىغىن مەزگىلىدە قىلغان ئۇزۇن سۆزىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىلىنى مەخسۇس ئەسكەرتتى. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، بۇنىڭدىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى بولسا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قەبىھلىكلەرنى ساناپ ئۆتكەچ «بىز بايدىن ھۆكۈمىتىنى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى تولۇق ئىجرا قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ باشقا مەزمۇنلىرى شۇ جايدىكى خەلققە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، بۇنىڭدىكى يەنە بىر مۇھىم مەزمۇن بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك بۇ ماكاننىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى كىشىلەرگە، توغرىسى دۇنيا مىقياسىدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا چېتىلىدىغانلىقى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىن بۇ يىللىق ئالىي كېڭەشنىڭ مۇھىم يانداشما پائالىيەتلىرىدىن بىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئەمەلگە ئاشقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى بولدى. يىغىندا بۇ جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان ئەھۋاللار كەڭ-كۇشادە مۇھاكىمە قىلىنغاندىن كېيىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ھەمدە بۇ جەھەتتىكى بەزى قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ قوشما رەئىسلىرىدىن كرىستوفېر سىمىت ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ھەققىدە كېيىنكى قەدەمدە نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

سوئال: ھازىرغىچە بۇ توغرىسىدا كۆپ خىزمەتلەر ئىشلەندى. ئەمدى كېيىنكى قەدەمدە نېمىلەر بىزنى كۈتۈۋاتىدۇ، دەپ ئويلايسىز؟

كرىستوفېر سىمىت: مەن يېقىندا بۇ ئىشلارغا قاراپ چىقىش تېمىسىدىكى ئىككى قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدىم. بۇ يىغىنلار توغرىسىدا خەۋەر بەرگەنلىكىڭلاردىن بىز بەكمۇ مىننەتدار. شۇنى ئېيتىشىمىز لازىمكى، بىز ھازىرغا قەدەر ئاكتىپلىق بىلەن بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تېگىشلىك ئۈنۈم قازاندۇق. ئەمما بۇنىڭدا يەنىلا كۆپلىگەن يوچۇقلار ساقلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، شىنجاڭدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى 800 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولسا ئامېرىكا تاموژنىسى ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرمەيدۇ. بۇ تاۋارلارنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى قانداق بىلىمىز؟ بۇ بىر مەسىلە. بۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە ئىككى مەسىلىگە زېھىن قويۇشىمىز لازىم. بىرى، خىتايدىكى ئىچكى ئەزالار سودىسى. بۇنىڭدا ياشلار مۇھىم سالماقنى ئىگىلەۋاتىدۇ. بۇ ھال ھازىر ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بىر زور پاجىئە بولۇۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھازىر بەكمۇ ئېچىنىشلىق بولۇۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ئىشلارنى ناتسىستلار دەۋرىدىكى قاباھەتلەرگە ئوخشىتىش مۇمكىن. ئەمما بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقان كىشى دەل شى جىنپىڭدۇر. ئىككىنچىسى، كوبالت (cobalt) مەسىلىسى. ھازىر دۇنيا بويىچە قېزىلىۋاتقان كوبالتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كونگودىن چىقىدۇ. كونگودىكى بۇ كوبالت كانلىرى بولسا پۈتۈنلەي دېگۈدەك خىتاينىڭ كونتروللۇقىدا. ئېلېكتىر قۇۋۋەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ باتارېيەسىنى ياساشتىكى ئاچقۇچلۇق ئېلېمېنت بولغان كوبالت كونگودا قېزىپ چىقىلغاندىن كېيىن ئاساسەن دېگۈدەك شىنجاڭغا يۆتكەپ كېلىنىدۇ. ئاندىن بۇ جايدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ. ھازىر بازارلاردا بىز كۆرۈۋاتقان ئېلېكتىر قۇۋۋەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ باتارېيەسى ئەنە شۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ياسىلىۋاتىدۇ. دېمەك بۇ ساھەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ئەنە شۇ يوسۇندا ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ كەتكەن. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەردە قىلىدىغان ئىشلار يەنىلا كۆپ. يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىقچىلىق ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەنگەن بۇ بېلىقلار خىتايدىن ئۇدۇل ئامېرىكا تەۋەسىگە يوللىنىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى غىزا ئۈستەللىرىدىن ئورۇن ئالماقتا. مەن بۇ توغرىسىدا ئۇ شىركەتلەرگە ئوچۇق مەكتۇپ يوللاپ سۈرۈشتە قىلغانىدىم. ئەمما ھازىرغىچە ئۇلاردىن بىرەر جاۋاب كەلمىدى.

سوئال: خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ھازىرغىچە بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى مەنئى قىلىش ھەققىدە بىرەر ئېنىق بەلگىلىمە ئوتتۇرىغا چىقمىدى. كېيىنكى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇ توغرىسىدا نېمىلەرنى كۈتىسىز؟

كرىستوفېر سىمىت: مېنىڭچە كېيىنكى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە زېھىن قويۇشى لازىم. چۈنكى ھازىرقى ھۆكۈمەت بۇنى قىلىپ بولالمىدى. بۇ جەھەتتە ئىستېمالچىلارمۇ بۇنىڭغا قارىشى لازىم، دەپ قارايمەن. چۈنكى بىز بۇ ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدىلا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بارلىقى ھەققىدە تاغدەك پاكىتلارنى كۆرمەكتىمىز. شۇنداق بولغانىكەن، ئىستېمالچىلارمۇ مال سېتىۋالغاندا بۇ مالنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە كەلمىگەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالىشى لازىم. بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب شۇكى، ھۆكۈمىتىمىز بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭدا شەخسلەرنىڭمۇ مەجبۇرىيىتى بار. ھازىر بىزنى تەشۋىشلەندۈرۈۋاتقان بىر ھادىسە خىتاي كومپارتىيەسى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن تاۋارلارنى ۋىيېتنام قاتارلىق باشقا مەملىكەتلەرگە يۆتكەپ ئاپىرىپ «بۇلار مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسىز، بۇلار شىنجاڭدا ئىشلەنگەن ئەمەس» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ. بۇ بىز ھازىر كۆز تىكىۋاتقان رېئاللىق بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ خادىملار دىرېكتورى پىيېر توزى (Piero Tozzi) ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 30-يانۋار، ۋاشىنگتون
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ خادىملار دىرېكتورى پىيېر توزى (Piero Tozzi) ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 30-يانۋار، ۋاشىنگتون
RFA/Sintash

«خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ خادىملار دىرېكتورى پىيېر توزى (Piero Tozzi) ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

سوئال: مەزكۇر قانۇن ئىجرا بولغىلى بىر يىلدىن ئاشتى. بۇ جەھەتتە قولغا كەلگەن ئۇتۇقلار ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى سىز قانداق باھالايسىز؟

پىيېر توزى: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بۇ ساھەدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك بىر قانۇن ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان بىر ئامىل شۇكى، ئۇ مال ئىمپورت قىلغۇچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ پاكىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش شەرتىنى  قويالايدۇ. خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك بىز ھازىرغا قەدەر ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ماللارنى ئامېرىكا تاموژنىسىدا تۇتۇپ تەكشۈردۇق. بۇلارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 20 پىرسەنتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلىنىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن چېگرادىن ئۆتكۈزۈلمىدى. دېمەكچىمەنكى، ھازىر بۇنىڭدا ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ؛ شىركەتلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەنلا بۇنى مۇكەممەل بولۇپ كەتتى، دېگىلى بولمايدۇ. قارايدىغان بولساق ھازىر «تېمۇ» ۋە «شېين» قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ 800 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن قىممەتتىكى  تاۋارلىرى تەكشۈرۈشسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ھازىر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان نۇرغۇن شىركەتلەر ۋە كارخانىلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلمىگەن. مۇشۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا ئاجىز كېلىۋاتىدۇ. ھازىر گەرچە سىز تەمىنلەش زەنجىرى پاكىز بولغان يوللاردىن سېتىۋالغان تاۋارلارمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. مەسىلەن ئالساق، ياۋروپا ۋە باشقا جايلارغا سېتىلىۋاتقان كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرى دەل شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۈگۈنكى يىغىندا گېرمانىيە، ئىسپانىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختالدۇق. ھازىر ئامېرىكا بۇ جەھەتتە ئەڭ ئالدىدا مېڭىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ماس ھالدا بىر قىسىم خەلقئارا ئاۋاز قوشۇشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇلار ئىشقا ئاشقاندا خىتايغا بولغان بېسىم ئېغىرلاشسا خىتاي كومپارتىيەسى بەزى ئىسلاھاتلارنى قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر ياخشىلىنىشلار بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ھازىرغا قەدەر بىز تېخى بۇ جەھەتتىكى بىرەر ھەقىقىي ئۆزگىرىشنى كۆرمىدۇق.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن خادىملار دىرېكتورى تاد ستايىن (Todd Stein) ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 30-يانۋار، ۋاشىنگتون
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن خادىملار دىرېكتورى تاد ستايىن (Todd Stein) ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 30-يانۋار، ۋاشىنگتون
RFA/Sintash

«خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن خادىملار دىرېكتورى تاد ستايىن (Todd Stein) مۇ شۇ قاتاردا رادىيومىزنىڭ ئايرىم زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى تېخىمۇ كۆپ كومىتېتلارنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا جەلپ قىلىش ھەمدە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ خامچوتىنى ئاشۇرۇپ بېرىش بۇنىڭدىكى مۇھىم تەدبىرلەردىن ھېسابلىنىدۇ.

سوئال: سىزنىڭچە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە ھۆكۈمەتلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن باشقا ئىستېمالچىلار ۋە پارچە ساتقۇچىلارنىڭمۇ مەجبۇرىيىتى بار، دەپ قارامسىز؟

تاد ستېيىن: ئەلۋەتتە. بۇ يەردە ئۇلار ئالدى بىلەن كۆرۈپ يېتىشى لازىم بولغان ئامىل شۇكى، ئۇلار مەزكۇر قانۇنغا ۋە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە ماس رەۋىشتە ئىش كۆرۈشى لازىم. بۇ جەھەتتە ئالاقىدار قانۇن ماددىلىرىغا ھەمدە ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنىڭ ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىش ئۇلارغا قويۇلغان بىر مۇھىم تەلەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەھەتتە ھەممىدىنمۇ بەكرەك مۇھىم بولغان بىر ھالقا ئۇلارنىڭ قولىغا يېتىپ كېلىۋاتقان ماللارنىڭ پاكىز تەمىنلەش زەنجىرىدىن كېلىشىگە ھەقىقىي يوسۇندا ھۆددە قىلىشتۇر. بولۇپمۇ «بۇ ماللار نەدىن كېلىۋاتىدۇ، ئۇنى كىملەر ئىشلىگەن» دېگەنلەر ھەرقاچان يادىمىزدا بولۇشى لازىم. شۇڭا بىز شىنجاڭدىن كەلگەن ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقتۇق. ئەمما ھازىرقى بىر چوڭ مەسىلە، بۇ خىل شىركەتلەرگە قارىتىلغان مۇپەتتىشلىك خىزمەتلىرى دائىم ئىشەنچسىز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ كىشىلەر ھەرقاچان خىتايدىكى ھېچقانداق سۆز ئەركىنلىكى ياكى باشقا ئەركىنلىك مەۋجۇت بولمىغان بېكىنمە مۇھىت ئىچىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىن ھەقىقىي ۋە پاكىز بولغان مەلۇماتلارنى كۈتۈشكە ئاجىزمىز. ھازىر نۇرغۇنلىغان پارچە ساتقۇچىلار ۋە شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ پاكىز ئىكەنلىكىگە ھۆددە قىلىشى زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىلا ساھە مۇشۇ نىشان بويىچە ئىش كۆرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. قاچانكى بۇ ئىشقا ئاشقاندا بۇ شىركەتلەر ياكى پارچە ساتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈۋاتقانلىقىغا، شۇنىڭدەك ئىستېمالچىلارنى تەمىنلەۋاتقان ماللىرىنىڭ پاكىز بولۇشىغا نازارەتچى بولالايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.