«ئۇيغۇر مەلىكە» ئەردەنئاي خەلقئارا خانقىزلارنى تاللاش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تالانت تۈرىدە ئۈچىنچى بولدى

2023.11.23
Erdenay-02

ئۇيغۇر قىزى ئەردەنئاي ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ «ئالېكساندىرىيە خانقىزى» سۈپىتىدە 2023-يىللىق ئامېرىكا خانقىزى ۋە خەلقئارا خانقىزى تاجىسىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 21-نويابىر، ئورلاندو RFA/Gulchehre

Erdenay-03

ئۇيغۇر قىزى ئەردەنئاي ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ «ئالېكساندىرىيە خانقىزى» سۈپىتىدە 2023-يىللىق ئامېرىكا خانقىزى ۋە خەلقئارا خانقىزى تاجىسىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 21-نويابىر، ئورلاندو RFA/Gulchehre

Erdenay-04

ئۇيغۇر قىزى ئەردەنئاي ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ «ئالېكساندىرىيە خانقىزى» سۈپىتىدە 2023-يىللىق ئامېرىكا خانقىزى ۋە خەلقئارا خانقىزى تاجىسىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 21-نويابىر، ئورلاندو RFA/Gulchehre

Erdenay-05

ئۇيغۇر قىزى ئەردەنئاي ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ «ئالېكساندىرىيە خانقىزى» سۈپىتىدە 2023-يىللىق ئامېرىكا خانقىزى ۋە خەلقئارا خانقىزى تاجىسىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 21-نويابىر، ئورلاندو RFA/Gulchehre

Erdenay-06

ئۇيغۇر قىزى ئەردەنئاي ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ «ئالېكساندىرىيە خانقىزى» سۈپىتىدە 2023-يىللىق ئامېرىكا خانقىزى ۋە خەلقئارا خانقىزى تاجىسىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 21-نويابىر، ئورلاندو RFA/Gulchehre

Erdenay-07

ئۇيغۇر قىزى ئەردەنئاي ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ «ئالېكساندىرىيە خانقىزى» سۈپىتىدە 2023-يىللىق ئامېرىكا خانقىزى ۋە خەلقئارا خانقىزى تاجىسىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 21-نويابىر، ئورلاندو RFA/Gulchehre

2023-يىللىق ئامېرىكا خانقىزى ۋە خەلقئارا خانقىزى تاجىسىنى تاللاش مۇسابىقىلىرى 19-نويابىردىن 27-نويابىرغىچە فىلورىدا شىتاتىنىڭ ئورلاندو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرىدىن ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تارماق مۇسابىقىلەردىن تاللىنىپ چىققان ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ماھىر «خانقىز تاجى» نى كىيىش ئۈچۈن كەسكىن رىقابەت ئىچىدە بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشتى.

بۇ نوقۇل ھالدىكى گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى بولماستىن ياش كاتېگورىيەسى بويىچە تۆت خىل گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ مۇسابىقىگە چۈشكەن ماھىرلار ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسال تالانتى، خاراكتېرى، ئەڭ گۈزەل قىياپىتى ۋە ئەڭ مۇكەممەل ئىپادىسىنى نامايەندە قىلىدۇ. ئونلىغان تەلەپچان باھالىغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ئىرق ۋە مىللەتلەردىن بولغان قىزلارنىڭ سەھنە ھالىتى، ماسلىشىشچانلىقى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى قاتارلىق 30 نەچچە تەرەپتىن نومۇر قۇيۇشى بىلەن تاللاپ چىقىلغان «خانقىز» لارغا مەلىكە تاجى كىيدۈرۈلىدۇ. «خەلقئارا خانقىزى تاجىسى» نى تالىشىۋاتقان ئالتە ياشلىق ئۇيغۇر ماھىر ئەردەنئاي چىمەن دوپپا كىيگىنىچە ئاپىسى ئادالەت خانىم ۋە نەۋرە ئاكىسى بىلگىيارنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ مۇسابىقە تۈرلىرىگە قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان تۇنجى، شۇنداقلا بىردىن بىر ئۇيغۇر قىزى ھېسابلىنىدۇ.

 ئەردەنئاي ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدا تۇغۇلغان. تۇغۇلغاندىن بۇيان دادىسى بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغان ئالتە ياشلىق ئەردەنئاي خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئۆزىنى «ئۇيغۇر قىزى» دەپ تونۇشتۇردى. شۇنىڭدەك ئەڭ چوڭ غايىسىنىڭ دادىسىنى ئېلىپ كېلىپ ئائىلىسىنى جەم قىلىش ئىكەنلىكىنى تەسىرلىك بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بالىلارچە قەيسەرلىكى بىلەن تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇرۇپ كەلمەكتە ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى جانلىق ئاڭلاتماقتا. ئاپىسى ئادالەت خانىم ئامېرىكىغا كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئۇسسۇل ئارتىسى ئىدى. ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدا تۇرۇشلۇق ئادالەت سابىت خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «پاسپورت يىغىۋېلىش سىياسىتى» نىڭ قۇربانلىرىدىن بولۇۋاتقان يولدىشى ئابلىمىت ئابلىز بىلەن جەم بولالماي، يىللاردىن بۇيان يالغۇز ئانا بولۇپ قىزىنى بىر قوللۇق چوڭ قىلماقتا.

2023-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئادالەت خانىم قىزى ئەردەنئاينى «ئامېرىكا دۆلەت خانقىزى» ۋىرجىنىيە شىتاتلىق مۇسابىقە رايونىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان. ئەردەنئاي بۇنىڭ ئالدىدىكى تاللاش مۇسابىقىلىرىدە رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ، ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ «ئالېكساندىرىيە خانقىزى» سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت خانقىزى كاندىداتى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنىدى. ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق خانقىز تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ بۇ يىللىق ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ئەردەنئاينىڭ 21-نويابىر (سەيشەنبە) كۈنىدىكى بىر كۈنلۈك پائالىيىتىنى خاتىرىلىدۇق.

ئۆزىدىنمۇ بۈيۈك ھېكايىسى بولغان «ئۇيغۇر مەلىكە» ئەردەنئاي ئۆزىنى بىزگە «ئەسسالام، مەن ئۇيغۇر مەلىكە» دەپ تونۇشتۇردى. كىچىككىنە، شۇنىڭدەك ياسانچۇق ۋە ئەركە قىزدەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئۇيغۇر مەلىكە ھەر كۈنى سەھەر سائەت ئالتىدە يۇقىرى كەيپىيات بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ مۇسابىقىلەرگە تەييار بولىدىكەن. بۈگۈنكى مۇسابىقە ئەتىگەن سائەت 9:30 دىن چۈشتىن كېيىن ئالتىگىچە داۋام قىلىدىكەن. ئۇ بۇ نۆۋەت ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ «ئالېكساندىرىيە خانقىزى» بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئۆسمۈر خانقىزى تاللاش مۇسابىقە تۈرلىرىگە قاتناشقاندىن باشقا، تېخىمۇ ھاياجانلىق يېرى ئۇ «ئۇيغۇر مەلىكە» دېگەن نامىدا خەلقئارالىق خانقىز تاجىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگىمۇ قاتنىشىدۇ.

ئۇ 21-نويابىر بىر كۈن ئىچىدە بۇ ئىككى كاتېگورىيە بويىچە يەنە تۆت تۈردە ماھارەت كۆرسەتتى. ماھىرلارنىڭ سەھنىدە ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشى بىلەن مۇسابىقە باشلاندى. خۇددى چۆچەكلەردىكى بارلىق مەلىكىلەرنى بىر يەرگە ئەكېلىپ قويغاندەك بۇ مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆز شىتاتلىرىغا ۋە دۆلەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان مەلىكىلەر ئىچىدە پەقەت «ئۇيغۇر مەلىكە» نىڭ كىيىمى، قىياپىتى ۋە ھېكايىسى ھېچكىمگە ئوخشىمايتتى. شۇنداقلا باشقا ماھىرلارغا ئاتا-ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى ھەمراھ بولۇۋاتقان بولسا ئەردەنئاي ئۈچۈن پەقەت ئۇنىڭ ئاپىسى ئادالەت خانىملا پايپېتەك بولماقتا ئىدى. كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك جانلىق ۋە مودا كىيىنگەن ھەر خىل ئىرق ۋە مىللەتتىن بولغان مەلىكىلەر نومۇر ۋە ئىسىم تەرتىپى بويىچە بىر-بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ ئۆزلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىپادىلىشىپ سەھنىگە تىزىلغان ماھىرلار قاتارىدا 87-نومۇرلۇق ماھىر ئەردەنئاي ئۇيغۇر سەھنىگە چىققاندا سەھنە ئارقىسىدىكى چوڭ ئېكراندا لاتىنچە «UYGHUR» دېگەن چوڭ خەتلەر پەيدا بولدى. ئاپئاق كۆڭلەكلىرى بىلەن قار لەيلىسىگە ئوخشاپ قالغان ئۇيغۇر قىزى ئەردەنئاي مىكروفوننى قولىغا ئالدى: «ۋېرجىنىيە شىتاتىدىكى ئالېكساندىرىيەدىن كەلگەن كەلگۈسىدىكى چىش دوختۇرى ئەردەنئاي ئۇيغۇردىن ھەممىڭلارغا سالام. مەن ئالتە ياشقا كىردىم، يەسلىدە ئوقۇيمەن. مېنىڭ بەكمۇ ئېسىل ئاپام ۋە دادام بار. مەن دادامنى بەكمۇ سېغىندىم. مەن ئۇنىڭ ئائىلىمىزگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن. »

«ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» دېگەندەك بۇ يۇمران غۇنچىنىڭ خىتابى تاماشىبىن ۋە باھالىغۇچىلارنى تەسىرلەندۈردى. ئۇلار ئەردەنئاي سەھنىدىن چۈشۈپ كەتكۈچە ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق نەزىرىدە ھەۋەس قىلىشىپ قاراپ تۇرۇشتى. قىزىدىن كۆزىنى ئۈزمەي جىددىيلىشىۋاتقىنىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرغان ئادالەت خانىم بولسا ئەردەنئاي سۆزىنى تامام قىلىشى بىلەنلا كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى. «ئۇيغۇر مەلىكە» ئەردەنئايغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ھەمدە ئورلاندو شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر قانچە ئۇيغۇر ئۇنى دەستە-دەستە گۈللەر ۋە سوۋغاتلار بىلەن ئورىۋېلىشتى.

21-نويابىر كۈنى ئەردەنئاي ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى ئۈچۈن جىددىي ۋە جاپالىق، شۇنىڭدەك تولىمۇ ھاياجانلىق بىر كۈن بولدى. مۇسابىقىنىڭ تەلەپلىرىگە ماس ھالدا ئەردەنئاي تۆت قېتىم كىيىم ۋە ئاياغلىرىنى، ھەتتا زىبۇ-زىننەتلىرىنىمۇ ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشى كېرەك ئىدى. قىزىل ئەتلەسلىك گاز كۆڭلەك، قار لەيلىسى كۆڭلىكى، يېشىل ياقۇت كۆزلۈك كۆڭلەك ۋە ئاخىرىدا چېچەكلەردەك ھالرەڭ كۆڭلەكلىرىنىڭ ھەممىسىلا ئەردەنئايغا بەكلا ياراشتى. ھەر قېتىم ئۇ كىيىم ئالماشتۇرغاندا يېڭىدىن باشقا بىر رەڭدە پورەكلەۋاتقان غۇنچىغا ئوخشاپ قالاتتى. ئۇ ئەينەكتىكى ئەكسىگە قاراپ تاتلىق بىر كۈلۈمسىرەپ مەمنۇنلۇقىنى ئىپادىلەپ قويغاندىن كېيىن «ئۇيغۇر» دەپ يېزىلغان مەلىكە لېنتىسىنى ياراشتۇرۇپ يانغا ئېسىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. ئارتۇقچە ياسالمىلىقتىن خالى، ساددىلىقى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بۇ ئۇيغۇر مەلىكە يۇمران ۋە سىلىق خاراكتېرى بىلەن بىر دەمدىلا رىقابەتچىسىدىن بىر قانچىسى بىلەن دوستمۇ بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ھېكايىلىرى مۇسابىقىگە كەلگەنلەرنى تەسىرلەندۈرۈپتۇ. مىزۇرى شىتاتىدىن كەلگەن گرام كېيسى (Gram Casey) خانىم مىزۇرى شىتاتلىق خانقىزى بولغان قىزى بېنتىلى (Bentley) بىلەن بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش جەريانىدا ئەردەنئاي ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن تونۇشقان ۋە ئەردەنئاينىڭ ھېكايىسىدىن بەكمۇ تەسىرلەنگەنىكەن.

مىزۇرى شىتاتىدىن كەلگەن گرام كېيسى (Gram Casey) خانىم مىزۇرى شىتاتلىق خانقىزى بولغان قىزى بېنتىلى (Bentley)،  2023-يىلى 21-نويابىر، ئورلاندو
مىزۇرى شىتاتىدىن كەلگەن گرام كېيسى (Gram Casey) خانىم مىزۇرى شىتاتلىق خانقىزى بولغان قىزى بېنتىلى (Bentley)، 2023-يىلى 21-نويابىر، ئورلاندو
RFA/Gulchehre

ئەردەنئاي بىلەن قىزىنىڭ ئوماق كۈلۈپ ئويناشلىرىغا مەسلىكى كېلىپ قاراپ تۇرغان كېيسىي خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەردەنئاي تونۇشتۇرۇلغان ۋاراقچىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغاندىن بۇيان دادىسىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىشلارغا ئىشەنگۈم كەلمىدى. بۇ بەكمۇ قورقۇنچلۇق. بۇنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلغۇسى كېلىدۇ. كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، مەن ئۇلارنىڭ بۇ ئېغىر كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى قىياس قىلالمايمەن. ئۇنىڭ ئاپىسى بەكمۇ جاسارەتلىك ئىكەن. ھەممە تەييارلىقنى ئۆزى يالغۇز قىلىۋاتىدۇ. ئەردەنئاي بولسا بەكمۇ چىرايلىق ھەم قەيسەر، يېقىملىق بىر قىز. ئۇ دادىسىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، ئۇ تېخى بالا. ئەمما ئۇنىڭ قەيسەرلىكىگە ھەيران قالدىم. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يېشىغا ماس بولمىغان بۇ ئېغىر كۈلپەتلەرگە ئۇچرىشى ئاجايىپ بىر ناھەقچىلىك. ھېچكىمنىڭ، بولۇپمۇ ھەر قانداق بىر سەبىينىڭ بېشىغا بۇنداق كۈنلەر كەلمەسلىكى كېرەك ئىدى» .

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان ھەممە ماھىرلار ۋە ئاتا-ئانىلار بۈگۈنكى پائالىيەت كۈن تەرتىپىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئوخشاش بىر زالغا يىغىلدى. خەلقئارالىق ئۆسمۈرلەر خانقىزنى تاللاش جىددىي داۋام قىلىۋاتقان دەقىقىلەردە ئالدىنقى كۈندىكى مۇسابىقىلەرنىڭ نەتىجىلىرىمۇ ئېلان قىلىندى. ئەردەنئاي 5-نۆۋەت مۇسابىقە ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مۇكاپات تاپشۇرۇۋالغىلى سەھنىگە چىقتى. ئەردەنئاي ئۆسمۈر خانقىزلارنىڭ تالانت تۈرىدە 3-چىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن ماھىر سۈپىتىدە لەۋھەنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ 20-نويابىر كۈنى ئۆسمۈر خانقىزى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ تالانت كۆرسىتىش تۈرىدە ئاپىسى ئۆگەتكەن «چىمەن دوپپا» دېگەن ئۇيغۇرچە ئۇسۇلنى ئوينىغان ئىدى. ئادالەت خانىم ھاياجانلىق كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ «ئۇف. . . ئەمدى زىيارىتىڭلارنى قوبۇل قىلاي» دېدى.

ئادالەت خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ «خەلقئارا خانقىزلارنى تاللاش مۇسابىقىسىگە چۈشۈۋاتقان ئەردەنئاي مۇسابىقىلەردە ئۆزىنىڭ ئىچكى گۈزەللىكىنى نامايان قىلىشنى، مېھىر-مۇھەببەتنى ئەتراپىغا يەتكۈزۈشنى، شۇنىڭدەك كىشىلىك ھاياتقا توغرا قاراش، ئۆزىگە ئوخشاش ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ ئۇ يەنە بارلىق ئۇيغۇر بالىلىرىغا ‹مەن قىلالىدىم، سىزمۇ قىلالايسىز› دېگەن خىتابنى يەتكۈزۈشنى، قىيىنچىلىقنىڭ ھېچقاچان بىزنى يىقىتالمايدىغانلىقى، ئەكسىچە بىزنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىپ تاۋلاپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى خالايدۇ» دەيدۇ.

«بۇ مۇسابىقىلەر جەريانىدا سىز ھېس قىلغان ئەڭ مۇھىم نەرسە نېمە؟ » دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ «بىز يالغۇز ئەمەسكەنمىز. بىز ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەسكەنمىز» دېدى. بۇ مۇسابىقىلەردە ماھىرلارنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىدا ئۇلارنىڭ مۇسابىقىلەردىكى نەتىجىلىرىدىن باشقا توردا بىلەت تاشلاش تۈرىدە ئېرىشكەن قوللاش سانىمۇ ھالقىلىق رول ئوينايدىكەن. قانچە كۆپ بىلەت تاشلانسا ئۇتۇش ئېھتىمالى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ توردىن بىلەت تاشلاش باسقۇچى 20-نويابىر ئاخىرلاشقان. ئەردەنئاي 27-نويابىرغىچە يەنە خەلقئارا سەۋىيەدىكى بۇ خانقىزلارنى تاللاش مۇسابىقىسى سەھنىلىرىدە ئوخشىمايدىغان تۈرلەر بويىچە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ. ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىپ بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەردەنئاي يالغۇز ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاي تەرىپىدىن ئائىلىسى پارچىلانغان ھەمدە ئائىلە جۇدالىقىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر سەبىيلىرى، شۇنىڭدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جاسارەت كۆرسەتمەكتە. ئۇ مۇشۇ بىر كۈن ئىچىدىلا تۆت قېتىم ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىپ سەھنىگە چىقتى ۋە تۆت قېتىم سەھنىنىڭ چوڭ ئېكرانىدا «ئۇيغۇر» دېگەن خەتلەرنى جۇلالاتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.