ئۇيغۇر مەسچىتلىرىنىڭ خىتاي ساياھەتچىلىرى ئۈچۈن بەزمىخانىغا ئايلاندۇرۇلۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
2024.08.19
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە «شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى» يولغا قويۇلۇپ، يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىۋاتقانلىقى خىتاي تاراتقۇلىرىدا بەس-بەستە خەۋەر قىلىنماقتا. ھالبۇكى خىتاي تاراتقۇلىرى كۆككە كۆتۈرۈپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى» دە 2017-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ناماز ئوقۇشى چەكلەنگەن بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ خىتاي ساياھەتچىلىرىگە ئېچىۋېتىلگەنلىكى، ھەتتا بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ خىتاي ساياھەتچىلىرى كۆڭۈل ئاچىدىغان بەزمىخانىلارغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.
بۇ ھاقارەتلىك كۆرۈنۈشلەر چەتئەللەردىكى فېيىسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا قارىتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قاتتىق ئىنكاسى ۋە غەزىپىنى قوزغىماقتا. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇقەددەس جاي ھېسابلىنىدىغان مەسچىتلەرنى بەزمىخانىلارغا ئايلاندۇرۇشىدەك قىلمىشلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىنىڭ ۋېرجىنىيە ئىشتاتىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ئىماملىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنقەر ئەنۋەر ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاللاغا ئىبادەت قىلىپ ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتلەر ھېچقاچان دىنىي ئېتىقادى بولمىغان خىتاي ساياھەتچىلىرى خالىغانچە زىيارەت قىلىدىغان جاي ئەمەس. بۇ خىل سەجدىگاھلارنىڭ خىتاي ساياھەتچىلىرى ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناش ئارقىلىق كۆڭۈل ئاچىدىغان بەزمىخانىلارغا ئايلاندۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا زور ھاقارەت بولۇپ قالماستىن يەنە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈنمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھاقارەتلىك قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. ئەنقەر ھاجىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارىتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆز نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى ئىپادىلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ خىل ھاقارەتلىك قىلمىشنى ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولغان ھەرقانداق بىر ئىنسان ئەيىبلىشى لازىم. بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە مۇسۇلمان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەسچىتلىرىنىڭ بەزمىخانىلارغا ئايلاندۇرۇلۇشى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولغان غەرب دۆلەتلىرىدە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھاقارەتلىك قىلمىش دەپ ئەيىبلىنىدۇ. ئەمما مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بۇنىڭغا قارىتا يەنىلا سۈكۈتتە تۇرۇش يولىنى تاللىغان بولۇپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېلىدىغان مەنپەئەتلەرنى مۇقەددەس ئىسلام دىنىي ئېتىقادىدىنمۇ ئۈستۈن قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
ھالبۇكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئىسلام دىنىغا قىلىنغان زور ھاقارەت. ھالبۇكى ھەر ۋاقىت ئىسلام دىنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ كەلگەن ئىسلام ھۆكۈمەتلىرى خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتنى كۆزلىگىنى ئۈچۈن، يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇملىرىغا، جۈملىدىن خىتايدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قىلمىشىغا سۈكۈت قىلىشنى تاللاپ كەلگەن. مۇشۇ سەۋەبلەردىن مەسچىتلەرنىڭ بەزمىخانىلارغا ئايلاندۇرۇلۇشىدەك بۇ خىلدىكى ھاقارەتلىك قىلمىشلار يۈز بەرگىنىدىمۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسى يەنىلا سۈكۈت قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.