«چېگراسىز دىكتاتورلار» مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم تېما بولدى
2024.11.01
ئامېرىكادىكى «دېموكراتىيەنى يېڭىلاش قۇرۇلۇشى» ئۇيۇشتۇرغان «چېگراسىز دىكتاتورلار» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 29- ۋە 30-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ۋاشىنگتون شەھىرىدە چاقىرىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا دۇنيا مىقياسىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان زۇلۇملار ۋە بۇنىڭغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان دىكتاتورلار، چېگرا ھالقىغان زۇلۇملار ۋە بۇنىڭغا قارشى ئەمەلىي تەدبىرلەر، بۇ ساھەدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان پاجىئەلەر توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ دۇنيا جامائىتىنى خەۋەرلەندۈرۈش قاتارلىق كۆپلىگەن تېمىلار بويىچە سۆھبەتلەر تەشكىللەندى.
شۇ قاتاردىكى سۆھبەتلەرنىڭ بىرى «چېگرا ھالقىغان زۇلۇملارغا يۈزلىنىش» تېمىسىدا بولۇپ، بۇنىڭدا ھەرقايسى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۆكتىچىلەر، دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ نەزەرىدىكى «دۈشمەن» كۈچلەر، شۇنىڭدەك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك بېسىملار ھەر ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ئەنگلىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم ئۆز سۆزىدە شەخسەن باشتىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرى ئارقىلىق خىتاي دىكتاتورلىرىنىڭ زۇلۇملىرىنى تەسۋىرلەپ بەردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى دىكتاتۇرىلىق ئاساسىدىكى چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرى ئەمەلىيەتتە ئۇ ۋەتەندىن ئايرىلغان 2000-يىلىلا ئاللىقاچان مۇنتىزىم شەكىل ئېلىپ بولغان. ئۇ شۇ ۋاقىتتا گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ 15 كىشىلىك يېپىق يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، يىغىندىن كېيىن غۇلجادىكى قېرىنداشلىرىغا تېلېفون قىلغاندا، ئۇلار رەھىمەگە ئۆيگە «ئالاھىدە مېھمانلار» نىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان، شۇنداقلا مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ بۇ خىلدىكى يىغىنلارغا قاتناشماسلىقىنى ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا سورىغان. 2013-يىلى ئۇ قاتتىق ئاغرىپ بىر ئادەمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقتىن غۇلجادىكى سىڭلىسىنى ئەنگلىيەگە تەكلىپ قىلغان. ئەمما سىڭلىسى ھەرقانچە قىلىپمۇ پاسپورت ئالالمىغان. 2017-يىلى 1-ئايدا ئۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلغاندا، ئۇلار ناھايىتى قىيىندا تېلېفوننى ئالغان ھەمدە «بىز سىزنى خۇدايىمغا تاپشۇردۇق. سىزمۇ بىزنى شۇنداق قىلىڭ» دېگىنىچە يىغلىۋەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسى كېسىلگەن.
بۇ خىلدىكى چېگرا ھالقىغان زۇلۇمنىڭ ئەڭ يېقىنقى شاھىتلىرىدىن بىرى خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچى جوي سيۇ (Joey Siu) بولۇپ، ئۇ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتى باشلانغاندىلا بۇنىڭغا قىزغىنلىق بىلەن ئىشتىراك قىلغان. بولۇپمۇ خوڭكوڭ دائىرىلىرى 2019-يىلى قولغا ئېلىنغانلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ئېلان قىلغاندا، بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت سېپىگە قوشۇلغان. كېيىنچە ئۇ ساقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى تۈپەيلىدىن خوڭكوڭدا تۇرالماي ئامېرىكاغا قايتىپ كەلگەن ھەمدە بۇ جايدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. ئەمما ئۇنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەنلىكى ھەمدە ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن بولۇشىغا قارىماي خوڭكوڭ دائىرىلىرى 2023-يىلى ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە بىر مىليون سوم (تەخمىنەن 128 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى سۆزلەپ كېلىپ، خىتاي دىكتاتورلىرىنىڭ ھازىر ئەڭ «يۇقىرى ماھارەتلىك» دىكتاتورلار بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەرقاچان دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى دىكتاتورلار بىلەن مۇستەھكەم ئىش بىرلىكى قۇرۇپ، زۇلۇمنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «دىكتاتورلار چېگرا ھالقىغان زۇلۇملارنى باستۇرۇش ئۈچۈن زىچ ئىتتىپاق ئورنىتالىغان يەردە، بۇ خىلدىكى زۇلۇمغا قارشى تۇرغۇچىلار نېمىشقا بۇنداق قىلالمايمىز؟» دەپ سوئال قويدى.
دىكتاتورلارنىڭ بۇ خىلدىكى چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرى ھەممىلا جايدا مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ قازاقىستاندىكى قۇربانلىرىدىن بارلىك مەندىغازىيېۋ (Barlyk Mendygaziyev) مۇ يىغىندا ئالاھىدە سۆز قىلدى. ئۆز دۆلىتىدە بىر ساخاۋەتچى ۋە سودىگەر بولۇپ تونۇلغان بارلىق سىياسىي پىكىر جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق تۈپەيلىدىن دىكتاتورلاردىن نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ، كېيىنچە بولسا پىرېزىدېنت توقايېۋنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، قازاقىستاندىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئەمما ئۇ ئامېرىكا تەۋەسىدە خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۈرمىگە قامىلىش، جىسمانىي قىيناق ۋە سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتىشلەرگە مۇپتىلا بولغان.
يىغىننىڭ ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب قىسمىدىمۇ مۇشۇ دائىرىدىكى سوئاللار ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن سورالدى. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا رەھىمە مەھمۇت ئۆزىگە ئوخشاش غەرب دۇنياسىدىكى ئەركىنلىك مۇھىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ تېخىچە ئەركىنلىككە يېتەلمەيۋاتقان ۋە ئاۋازى بوغۇپ تاشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشتەك ۋىجدانىي مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. چۈنكى ئۇ 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال قىرغىنچىلىقى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان، شۇنىڭدەك ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەر كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغانلىقىغا بىۋاسىتە شاھىت بولغان. شۇڭا ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ زۇلۇملار چېگرا ھالقىغان شەكىلدە ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقاندا مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۇرۇق-تۇغقانلارنى زىيارەت قىلىش» نامىدا ۋەتەن سەپىرىگە ئاتلىنىشى مىللىي داۋاغا قىلىنغان خىيانەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جوي سيۇ خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرى ھەمدە بۇنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىسمەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئەڭ جانلىق تەجرىبىلەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ:
«مېنىڭچە، بۇ يەردە ئاشۇنداق بىر مۇمكىنچىلىك بار. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئۇ جايدىكى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرى 1997-يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ۋاقىتلاردىن باشلاپلا خوڭكوڭدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. ھازىر بولسا خىتاي تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسمى، دەپ جار سېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ‹تەيۋەننى ئانا ۋەتەننىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش› ھەققىدە چۇقان سېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە، ئەگەر تەيۋەن خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھازىر داۋام قىلىۋاتقان بۇ زۇلۇم سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا بىر چارە كۆرمىسە، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تەيۋەننىڭ ئەتىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇڭا ھازىر تەيۋەننى خىتايغا قارشى قوراللاندۇرۇشلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھۆرلۈكنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن زىچ ھەمكارلىشىشى زۆرۈر.»
بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقانلار ئىچىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، «ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى»، «ئەركىنلىك سارىيى» قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئالىي مەكتەپ پىروفېسسورلىرى ۋە مۇخبىرلار بولۇپ، ئوخشىمىغان مۇھاكىمە تېمىلىرى بويىچە سۆز قىلدى.