«ئۇيغۇر» نامىنى ئۆزگەرتىش نېمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدى؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.09.04
Uyghur-nami-uighur-1920 «ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى» نىڭ «ئۇيغۇر» نامىنى ئىنگلىزچە تىرانسكرىپسىيە قىلىپ يېزىش شەكلىنى «Uyghur» دەپ مۇقىملاشتۇرۇش ھەققىدە 2006-يىلى 11-ئۆكتەبىردە رەسمىي تۈردە قىزىل باشلىق ھۆججەت ئېلان قىلغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.
Photo: RFA

ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ھەققىدىكى بايانلاردا ئاتلاپ ئۆتكىلى بولمايدىغان خەلقلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار بولۇپ، «ئۇيغۇر» نامى ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ مىلادىيە 7-ئەسىرلەردە ھازىرقى موڭغۇلىيە يايلىقىدا تىكلەنگەن مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىدە ئۇچرايدۇ. ئارىدىن ئەسىرلەر ئۆتۈپ زامانىمىزغا كەلگەندە تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ نامنى چەتئەل يېزىقىدا قانداق ئىپادىلەش ئىزچىل بىرلىككە كېلىنمىگەن تېمىلاردىن بولۇپ قالدى. ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا يېقىندىن بۇيان بۇ تېمىنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى بۇ ھەقتىكى بەزى گۇمانلارغا يول ئاچتى.

 «Uyghur» شەكلىدىكى خاتالىقمۇ؟

2-سېنتەبىر كۈنى ئۆزىنى «شاڭخەي گېزىتى» نىڭ ئوبزورچىسى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى دەپ ئاتىۋالغان ئاندى بورھام (Andy Boreham، خىتايچە ئىسمى «ئەن بورەن» ) ئۆزىنىڭ X بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ، ھەرقايسى مەتبۇئاتلار قوللىنىۋاتقان «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ ئىنگلىزچە ئىپادىلىنىشى بولغان «Uyghur» نىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ ئىنگلىزچە شەكلى ئۈچۈن «Uygur» سۆزىنى قوللىنىش لازىملىقىنى، «Uyghur» شەكلىنىڭ بۇندىن كېيىن خىتاي تەۋەسىدە ئېلان قىلىنىدىغان ھەرقانداق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى ياكى تور بەتلىرى ئۈچۈن مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي تەۋەسىدىكى مۇخبىرلار ياكى قەلەم ساھىبلىرىنىڭ تېزدىن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشى لازىملىقىنى جاكارلىدى.

بۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ بەزىلىرىدە «بۇنداق ئۆزگەرتىش نېمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ » دەپ سورالغان. ئۇ بۇنىڭغا قارىتا «مەركىزىي ھۆكۈمەت شۇنداق يېزىشقا بۇيرۇغان ئىكەن، سىلەرمۇ جەزمەن شۇ بويىچە يېزىشىڭلار كېرەك» دەپ جاۋاب قايتۇرغان. شۇنىڭدەك «Uygur» شەكلىدىكى يېزىش ئۇسۇلىنىڭ پەقەت خىتاي تەۋەسىدىكىلەر ئۈچۈنلىكىنى، چەت ئەلدىكىلەرنىڭ قانداق يېزىشى بىلەن كارى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويغان.

قارىماققا «ئۇيغۇر» نامىنى چەت ئەل يېزىقىدا قانداق ئىپادىلەش ھەققىدىكى بۇ چاقىرىق ئاندى بورھامنىڭ خۇسۇسىي پىكرىدەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئىنچىكىلەپ قارىغاندا، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان «ئۇيغۇر» نامىنى ئاتاشتا قوللىنىپ كەلگەن ئىپادىلەش شەكلىنى بازارغا سېلىش ئىكەنلىكى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولىدۇ. مەيلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» نىڭ تور بېتىدە بولسۇن ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ياكى ياۋروپادىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ تور بېكىتىدە بولسۇن «ئۇيغۇر» نامى تا بۈگۈنگە قەدەر بىردەك «Uygur» شەكلىدە يېزىلىپ كەلگەن. يەنە كېلىپ بۇ ئەھۋالنىڭ يېڭىلىق ئەمەسلىكىمۇ بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرىلا مەلۇم بولغان ئىدى.

2012-يىلى 15-مايدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنگلىزچە كارنىيى بولغان «خىتاي گېزىتى» (China Daily) نىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى خەۋىرىدە «ئۇيغۇر» سۆزى «Uygur» شەكلىدە يېزىلغان. شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر تورداشلار ئارىسىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە بىر مەيدان تالاش-تارتىش ئوتتۇرىغا چىققان ھەمدە بۇنداق قالايمىقانچىلىققا خاتىمە بېرىشنىڭ لازىملىقى ئەسكەرتىلگەن. شۇنىڭدەك «ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى» نىڭ «ئۇيغۇر» نامىنى ئىنگلىزچە تىرانسكرىپسىيە قىلىپ يېزىش شەكلىنى «Uyghur» دەپ مۇقىملاشتۇرۇش ھەققىدە 2006-يىلى 11-ئۆكتەبىردە رەسمىي تۈردە قىزىل باشلىق ھۆججەت ئېلان قىلغانلىقىنى تەكىتلەشكەن. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ «Uyghur» دېگەن شەكىلنى «ھەرقايسى تارماقلار ۋە شەخسلەرنىڭ مۇشۇ بويىچە قوللىنىشى لازىملىقى» ئېيتىلغان.

ئاندى بورەمنىڭ مەزكۇر ئۇچۇرى تارقىلىپ شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا بۇ ئۇچۇرنى كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشقان. كەم دېگەندىمۇ يۈزگە يېقىن كىشى ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ «تاپشۇرۇۋالدۇق. ئىجرا قىلىمىز!» دېگەن شەكىلدە جاۋاب قايتۇرغان.

مۇتەخەسسىسلەر نېمە دەيدۇ؟

 «ئۇيغۇر» نامى غەرب دۇنياسىدىكى تۈركولوگىيە ساھەسىدە ئەڭ كەڭرى قوللىنىلغان ئاتالغۇلاردىن بولۇپ، زامانىمىزدا «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى» دەپ ئاتىلىۋاتقان يېزىقنىڭ نامى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى (745-840) گۇمران بولغاندىن كېيىن موڭغۇلىيە يايلىقىدىن دۇنخۇاڭ ۋە تۇرپان ئەتراپلىرىغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي خەلقلەردىن بولغان سوغدىلارنىڭ يېزىقىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا ھاسىل قىلغان بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر مىلادى 9-ئەسىردىن باشلاپ تەدرىجىي ھالدا «قەدىمكى تۈرك يېزىقى» ياكى «ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى» (يەنە «تۈرك-رۇنىك يېزىق» دەپمۇ ئاتالغان) دەپ ئاتالغان ئېلىپبە سىستېمىسىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. 13-ئەسىردە موڭغۇللارغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇر ئىلىمدارلىرىدىن تاتا تۇڭا بۇ يېزىقنى موڭغۇللارغا ئۆگەتكەن بولسا، كېيىنچە بۇ يېزىقنى خىتاي ئۈستىدىن ئۈچ ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان مانجۇلار قوبۇل قىلغان.

ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى شۇ قەدەر زور ۋەقەلەر بىلەن باغلىنىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن «ئۇيغۇر» نامى تۈركولوگىيە ساھەسىنىڭ ۋاستىسىدە غەرب دۇنياسىغا كۆپلەپ تونۇلغان. شۇ قاتاردا «ئۇيغۇر» سۆزى «Uighur» ياكى «Uyghur» دېگەندەك ئىككى خىل شەكىلدە يېزىلىپ كەلگەن. ئەمما «ئۇيغۇر» نامىنى «Uighur» شەكلىدە ئىپادىلەشتىكى «Ui-» بوغۇمىنىڭ تۈركىي تىللاردىكى تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتىگە خىلاپ ئىكەنلىكى، چۈنكى تۈركىي تىللاردا ئىككى سوزۇق تاۋۇشنىڭ قاتار كەلمەيدىغانلىقى تۈپەيلىدىن بۇ خىل يېزىش شەكلىنىڭ خاتا بولىدىغانلىقىمۇ خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەردىن ئىدى. بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا سورىغان سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغان تۈركولوگىيە پىشىۋالىرىدىن گېرمانىيەلىك ئالىم پىتېر زېمە (Peter Zieme) مۇنداق دەيدۇ:

 «مەن شەخسەن ‹Uyghur› شەكلىنى قوللىنىمەن. ‹Uygur› دېگەن شەكىل كۆپىنچە تۈركىيەدە قوللىنىلىدۇ. بەزىلەر بۇ سۆزنى ‹Ui-› شەكلىدىمۇ ئالىدۇ. بۇ قارىماققا قوشما سوزۇق تاۋۇش (diphthong) تەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. خۇددى ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاش تۈرك تىلىدىمۇ ‹ئاي› سۆزى ‹y› بىلەن يېزىلىدۇ. فونېتىكا نۇقتىسىدىن ئالغاندا ‹Uy-› شەكلىدە يېزىش تېخىمۇ توغرا.»

 «ئۇيغۇر» نامى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان ئاتالغۇلاردىن «ئافغانىستان» ياكى «مۇغال ئىمپېرىيەسى» دېگەنلەردىكى «غ» تاۋۇشى ئىنگلىز تىلىدا مەۋجۇت بولمىغانلىقى ئۈچۈن غەرب دۇنياسىدا كۆپىنچە «gh» شەكلىدە ئىپادىلىنىپ كەلگەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاندى بورھامنىڭ «Uyghur» دېگەن ئىنگلىزچە شەكىلدىن «h» ھەرپىنى چىقىرىۋېتىش ھەققىدىكى تەكلىپى ئوتتۇرىغا چىققان ھامان ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ تەنقىدلىرىگە كۆمۈلۈپ كەتتى. بەزىلەر ئۇنى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چوماقچىلىقىنى قىلىۋاتىدۇ» دېسە يەنە بەزىلەر ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان قاراشتىكى «پىكىر مۇتىھەملىكى» نى كەسكىن ئەيىبلىدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دىلنۇر رەيھان بۇنى مازاق قىلىپ، «باشقا بىر مۇستەملىكە ئىمپېرىيەسىدىن خىزمەت تاپقان بىر ئاق مۇستەملىكىچى بىز ئۇيغۇرلارغا مىللىي نامىمىزنى قانداق يېزىشنى ۋە ئوقۇشنى ئۆگەتمەكچى بولۇۋېتىپتۇ-دە. سەن ئۆزۈڭنى كىم چاغلاپ قالدىڭ؟» دېگەن. ئىندىيانا ئىشتاتىدىكى روس-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور تىموسىي گروس (Timothy Grose) بۇنى تەنقىدلەپ «بۇ پۈتۈنلەي خاتا. سېنىڭچە ‹ئۇيغۇر› دېگەن سۆزنىڭ يېزىلىشىدىن ‹h› ھەرپىنى چىقىرىۋېتىش كېرەكمۇ؟ ئەمما بۇ يەردىكى ھەرپ ‹غ›، ھەرگىزمۇ ‹گ› ئەمەس. شۇڭا ‹gh› شەكلى بۇ تاۋۇشنى ئىپادىلەپ بەرگۈچى ئەڭ ياخشى شەكىل» دەيدۇ. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تىموسىي گروس بۇ ھەقتە ئالاھىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

 «ئاندى بورھام ئۇزۇندىن بۇيان دۆلەت (خىتاي) سادىر قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارشى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان بىر ئادەم. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئىشىنى تىلغا ئالغۇچىلىكىمۇ يوق بىر ئىش، دېسەكمۇ بولىدۇ. ھەتتا ئۇ مەسخىرە ئاھاڭىدا ‹ئۇيغۇر› نامىنى مەلۇم بىر شەكىلدە ئېلىشنى ۋە بۇنىڭدىكى ‹h› ھەرپىنى چىقىرىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلغان ھالەتتىمۇ، بۇ يەنىلا بىز ئاللىقاچان چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن ئىرق مەركەزچىلىكى (ethnocentrism) نىڭ زامانىمىزدىكى ئىنكاسى ۋە ئەكس ئېتىشى، خالاس. بۇ شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ‹ئۇيغۇر› نامىغا سىز مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ خىتاينىڭ كۆزىدە ‹ۋېيۋۇئېرزۇ› دەپ قارامسىز ياكى ياۋروپا ئىرقىنىڭ نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ‹ئۇيغۇر› نامىنى ‹gh› شەكلىدە ئىپادىلەمسىز؟ ئۇنىڭ بۇ پىكرىدە سەل قارالغان نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس مەدەنىيىتى ۋە تىلى بارلىقىنى دىققەتتىن ساقىت قىلغان. ھالبۇكى باشقا ئىنسانلارنىڭ بۇنداق بىر تىل ۋە مەدەنىيەتنى شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس، دەپ قاراش، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا ئاشۇ مىللەتنىڭ كۆزىدىن قاراش مەجبۇرىيىتى بار.»

 «Uyghur» نامى ئۆزگەرسە نېمە بولىدۇ؟

 ئاندى بورھامنىڭ بۇ خىلدىكى يېڭى «ئىجادىيىتى» ھەققىدە سۆز بولغاندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى دەپ كېلىۋاتقان كونا مۇقامنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل يوسۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى نام جەھەتتىكى بىرلىكىنىمۇ بۇزۇپ تاشلاش، شۇ ئارقىلىق «جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنىڭ ‹ئۇيگۇر› نامىدىكى بىر ئەزاسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى قەستلىگەن. بۇ ھال كىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان دەپ كېلىۋاتقان «يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش، مەنبەسىنى بۇزۇپ تاشلاش» دېگەن سىياسىي شوئارنى ئەسلىتىدۇ.

ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئالاھىدە تەكىتلىگەن يەنە بىر نۇقتا شۇ بولدىكى، «Uyghur» شەكلىنىڭ يېزىقتا «Uygur» شەكلىگە ئۆزگىرىشى بىلەن كۈنىمىزدىكى تور كەزگۈ موتورلىرىدىن مەيلى «Google» ،«Bing» ياكى «Yahoo» بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، «Uyghur» دەپ كىرگۈزۈپ ئۇچۇر ئىزدىگەندە ئۇيغۇرلار ياكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرەلمەسلىكتەك بىر قالايمىقانچىلىقمۇ پەيدا بولىدۇ.

ئاندى بورھام كىم؟

ئاندى بورھام يىللاردىن بۇيان خىتايدا ياشاپ كېلىۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا توختىماي چىقىرىۋاتقان يازمىلىرىدا قارىماققا خىتايدىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر ئوخشىمىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئايلاندۇرۇپ كېلىپ خىتاي دۆلىتىنىڭ قانچىلىك «ئادىل» ۋە «قانۇن بويىچە ئىش كۆرىدىغانلىقى» ئالغا سۈرۈلىدۇ.

دەرۋەقە، ئاندى بورھامنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلىرى ماھىيەتتە يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن بازارغا سېلىۋاتقان «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقاتى بىلەن ماس قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېغىر بېسىملىرى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنى ئاقلاشتا ئۆزلىرى بىۋاسىتە سۆز قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلارنى «مەدھىيە سۆزلىرىنى قىلىش» قا مەجبۇرلاش ياكى چەتئەللىكلەرنى بۇ ھەقتە «ماختاش» لارنى تۆكمە قىلىشقا قىزىقتۇرۇش شەكلىنى تاللاپ كەلمەكتە. ئاندى بورھام دەل مۇشۇ خىل كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىلدىكى «خىزمەت» لىرى ھېسابىغا 2022-يىلى 18-دېكابىردا شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «خەلقئارا ھەمكارلىق» تۈرى بويىچە بېرىلگەن كۈمۈش مېدالىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى پەخىرلىنىش ئىچىدە تىلغان ئالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.