ئۇيغۇر دىيارى نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش ئەندىشە قوزغىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.03.01
wang-yi-myunxen.jpg خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 17-فېۋرال، گېرمانىيە.
AP Photo/Matthias Schrader

2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۇيغۇر نوپۇسىنى قايتا تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 1955-يىلى ئىككى مىليونغا بارمايدىغان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ھازىر 12 مىليونغا يەتكەنلىكى» نى قەيت قىلىشى ئۇيغۇر نوپۇسى ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىدى.

خىتاي ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇش ئارقىلىق تۇغۇشنى كونترول قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان پەيتتە ئېيتىلغان بۇ سۆز ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ دىنامىكىسىدىكى يېقىنقى 75 يىللىق ئۆزگىرىش، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇس سىياسىتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ يېقىنقى 6-7 يىللىق نوپۇس سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا يېڭى سوئاللارنى پەيدا قىلدى. ۋاڭ يى ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى 30 ياشتىن ھازىرقى 75.6 ياشقا ئۇزارغانلىقىنىمۇ ئېيتقان.

ھالبۇكى، ۋاڭ يى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر نوپۇسىنى خىتاينىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان رەسمىي ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىدىن پەرقلىق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنداقلا ئۇ بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلمىغانلىقىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە سۇنۇپ كېلىۋاتقان بىردىن بىر خىتاي ئەمەلدارىمۇ ئەمەس. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇنجى نوپۇس ئىستاتىستىكىسى 1953-يىلى ئېلىپ بېرىلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇرلار رايون نوپۇسىنىڭ ئاز دېگەندە 75 پىرسەنتىنى، خىتايلار تەخمىنەن 6 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغانلىقى مەلۇم.

ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا ۋاڭ يى، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 2 مىليوندىن 12 مىليونغا چىققانلىقى، بۇنداق ئەھۋالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولدى دېيىشنىڭ چوڭ يالغانچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. ۋاڭ يى بۇ پەرقلىق سانلىق مەلۇماتلارنى سەۋەنلىك بىلەن ياكى غەرەزلىك مىسال ئالغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سۆزى پەرقلىق ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا. ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى نەچچە ئون يىللىق نوپۇس ئۆزگىرىشى مۇرەككەپ بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تۇغۇلۇشىنى كونترول قىلىشقا باشلىغان 2016-يىلغىچە، بەزى دەۋرلەردە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى تېز بولغان، بەزى دەۋرلەردە خىتاي نوپۇسى تېز كۆپەيگەن.

ئادرىيان زېنز 29-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «رايوننىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشى مۇرەككەپ. مېنىڭ 2022-يىلى 6-ئايدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر نوپۇسى ۋە تۇغۇشنى كونترول قىلىش ھەققىدىكى تۇنجى تەتقىقات ماقالەمدە، بىز ئۇيغۇر نوپۇسى ئۈستىدىن تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بۇنىڭدىن بەزى ۋاقىتلاردا خىتاي نوپۇسىنىڭ تېز كۆپەيگەنلىكى، بولۇپمۇ 1953-يىللارنىڭ باشلىرى ۋە 1990-يىللاردا كۆپىيىشى تېز بولغانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى 2000-يىللىرى ۋە 2010-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا تېز بولغان.»

لېكىن ئادرىيان زېنز، بۇ تەرەققىيات خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىشى بىلەن توختىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «دېمەك، بۇ جەرياندا نۇرغۇن پەرقلىق تەرەققىيات بولغان. ئىككى مىللەتنىڭ نوپۇسى ئوخشىمىغان دەۋردە، ئوخشىمىغان سۈرئەتتە كۆپەيگەن. مېنىڭچە شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 2000-يىللىرىدىن 2015-يىلغىچە، ھەتتا 2016-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يۇقىرى سۈرئەتتە كۆپىيىشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى توختىتىشقا كىرىشكەن.»

ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى «خەلقئارا تەرەققىيات تەتقىقاتى پىروگراممىسى» نىڭ دىرېكتورى، «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى پىروفېسسور شون روبېرتس (Sean Roberts) نىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ خىل ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى غەرەزلىك ياكى غەرەزسىز نەقىل قىلىشى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئۇلار دائىم خەلقئارا سورۇنلاردا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە دائىر ئىجابىي كارتىنا سىزىپ كەلمەكتە ئىكەن. لېكىن ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن بۇ خىل سانلىق مەلۇماتلارغا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شون روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ خىل سانلىق مەلۇماتلارنى غەرەزلىك ياكى غەرەزسىز نەقىل قىلغانلىقىغا بىر نېمە دېيىش مۈشكۈل. ئەمما شۇ نەرسە ئەمەلىيەتكى، ئۇلار ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالىغا قارىتا ئىجابىي كارتىنا سىزىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. شۇنى ئېيتىشقا تامامەن بولىدۇ، رايوننىڭ سىياسەت مۇھىتىدىن ئېيتقاندا بۇ رايوندىن كەلگەن ھەرقانداق ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ.»

خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلانغان چوڭ باستۇرۇشىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېر، تۈرمىلەرگە قامىلىشى، ئۇيغۇرنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىسى» غا قاتناشتۇرۇلۇپ، رايوننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى كارخانىلارغا يۆتكىلىشى، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا رايوندا نۇرغۇن سودا-سانائەت بازىلىرىنىڭ قۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ سۇنغان ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى رايونغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا قىزىقتۇرۇشىمۇ، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا جىددىي ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارالماقتا. پىروفېسسور شون روبېرتس، بۇ سىياسەت ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ھازىر بىر نېمە دېيىش قىيىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا دائىملىق ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئىلگىرىكى خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر رايونىغا بۇيرۇق بىلەن يۆتكەش سىياسىي ئانچە ئۇتۇقلۇق بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى نوپۇس يۆتكەشنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە باغلىشى ئۇتۇقلۇق بولماقتا ئىكەن. شون روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «ئومۇمەن ئېيتقاندا، 1990-يىللاردىن كېيىنكى تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى رايونغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ پەرقلىق بىر ماھىيىتى بار. بۇ رىغبەتلەندۈرۈش ئىقتىسادىي قىزىقتۇرۇشنى نىشان قىلغان. مېنىڭچە بۇ خىل ۋاسىتە تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاندەك، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئېتنىك دىنامىكىلارنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىش يولى بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. بىز ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىن ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوننى ئۆزىگە قارىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ھەم تىنچ يولى ئۇنىڭ ئېتنىك قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، دەپ قارىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىۋاتىمىز.»

شون روبېرتسنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ۋەزىيەت رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۈكۈتكە چۆمۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن. شون روبېرتس: «ئۇيغۇرلار ئالاھىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ھۆكۈمەت سىياسىتىگە قارشى سۆز قىلىش ئىمكانىيىتى يوق، بەلكىم ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتى رايونغا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن» دېدى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق چاغان بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇيغۇر دىيارىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى يەنە كۈچەيگەن. ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش نىشانىنىڭ نۇقتىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قارىتىلغانلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىرتىدىكى ئۆلكە-شەھەرلەردە قوبۇل قىلىش نۇقتىلىرىنى قۇرغانلىقى، يەرلىك ئورۇنلارنىڭمۇ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش نۇقتىلىرىنى قۇرۇشىغا يول قويۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

دوكتور ئارىيان زېنزنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىپ، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە ئوخشىمىغان ئىستراتېگىيەلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتكەن. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا ئوخشىمىغان ئىستراتېگىيەلەرنى ئىشقا سالدى. ئۇيغۇرلارنى ماكانلىرىدىن باشقا جايلارغا يۆتكەش بۇنىڭ بىرى. ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش بۇنىڭ بىر مىسالى. يەنە بىر جەھەتتىن بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي پۇقرالىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۆتكەش، پەقەت بولمىسا شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا يۆتكەش بۇنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى. بىز نەچچە خىل ئۇسۇلنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 1955-يىلى 2 مىليونغا بارمايدىغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ 2021-يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلغان «شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ ئەھۋالى ۋە سانلىق مەلۇماتى» ناملىق دوكلاتىدا پەرقلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن. دوكلاتتا 1953-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئومۇمى نوپۇسنىڭ 4 مىليون 451 مىڭ 500، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئۈچ مىليون 607 مىڭ 600 ئىكەنلىكى، 2020-يىلىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ بولسا 11 مىليون 624 مىڭ 300 ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئەمما ۋاڭ يى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ يېقىنقى 75 يىلدا 2 مىليوندىن 12 مىليونغا چىققانلىقىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رايوندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا 6 پىرسەنتتىن قانداق قىلىپ ھازىرقى 40 نەچچە پىرسەنتكە چىققانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.