ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدا خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقى

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.08.02
بىڭتۇەن دائىرىلىرى ئۆز يۇرتلىرىغا كېتىدىغان خىتاي ئىشلەمچىلىرىگە ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمى 2-كۈتۈش زالىدىكى يولۇچىلار، 2019-يىلى 9-ئاپرېل، ئۈرۈمچى
Xinhua

ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسى خىتايلار ئىزچىل يوسۇندا ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي نوپۇسى زادى قانچىلىك؟ خىتاي تەشۋىقاتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى، خىتاي نوپۇسىدىن يۇقىرى بولغانلىقىدەك بايانلار توغرىمۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى تاشقى دۇنياغا نامەلۇم. دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۆلچىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇسى 20 مىليوندىن ئارتۇق دەپ قارىلىدۇ. ئەمما نوپۇزلۇق بىر ئىستاتىستىكىلاش بولمىغۇچە، بۇ سانلار خەلقئارادا ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. بەلكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىدا خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئورۇنلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارلا ئىناۋەتكە ئېلىنىدۇ. خىتاينىڭ ئىستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى نوپۇسى 11 مىليوندىن 12 مىليونغىچە ئەتراپىدا پەرقلىق سانلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ نۆۋەتتە ئون مىليوندىن تۆۋەن ئەمەسلىكىنى خىتايمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. لېكىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان 2017-يىلىدىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار نوپۇسىغا بولغان دىققىتى ئېشىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن خىتايمۇ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ھەققىدە تۈرلۈك يالغان تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار نوپۇسىغا دائىر باياناتلىرىدا، خىتاينىڭ «شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىن» لىرىدا، ئىشقىلىپ نوپۇس ھەققىدە سۆز قىلىش پۇرسىتى بولغان ھەرقانداق پۇرسەتتە، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى نۆۋەتتە خىتايلارنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى جار سېلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە، «2023-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» نى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ دەرھاللا «ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ خىتايلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى» بىلەن مەزكۇر دوكلاتقا رەددىيە قايتۇردى. يەنى، بۇ يىل ئىيۇلنىڭ بېشى خىتاي تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋنىڭ بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ياپونىيەلىك مۇخبىر ماۋنىڭدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «2023-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» غا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغانىدى. ياپونىيەلىك بۇ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا ماۋنىڭ «خىتايدا ئىككى يۈز مىليون مۇسۇلمان بار، 140مىڭدىن ئارتۇق دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى بار. ئۇيغۇرلار نوپۇسى 1953-يىلىدىكى 3 مىليون 600 مىڭدىن، نۆۋەتتىكى 11 مىليون 643 مىڭ 200 گە يەتتى. ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىندارلار ئىناق، خەلق تۇرمۇشى ياخشى بولغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئەمما ئامېرىكا رېئاللىقنى كۆرمەسكە سېلىپ، يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىز ئامېرىكانىڭ بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلاشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنداقتا خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ماۋنىڭنىڭ دېگەنلىرى قانچىلىك توغرا، بۇنىڭغا قاراپ باقايلى.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئاسىيا پاكىت تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى (AFCL) خىتاينىڭ 1949-يىلىدىن تاكى بۈگۈنگىچە بولغان نوپۇس ئىستاتىستىكىسىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار، تەتقىقات دوكلاتلىرى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلار نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ ئىزچىل يوسۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇپ كەلگەنلىكىنى دەلىللىگەن.

يەنى، AFCL ئالدى بىلەن خىتاينىڭ «مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى» دىكى 1953-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرگەن. بۇ جەرياندا خىتاي 7 قېتىم نوپۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار نوپۇسىغا دائىر ئېنىق مەلۇماتلارنى پەقەت 1982-يىلىدىن كېيىنكى ئىستاتىستىكىدىنلا تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ دېگەنلىك خىتاي ۋە ئۇيغۇر نوپۇسى ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى پەقەت 3-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتىن 7-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشكىچە بولغان ئىستاتىستىكىدىنلا تاپقىلى بولغان. بۇ ئىستاتىستىكىدا 1982-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان 38 يىلدا ئۇيغۇرلار نوپۇسى 5 مىليون 668 مىڭ 400 ئادەم، خىتاي نوپۇسى بولسا، 5 مىليون 633 مىڭ 600 ئادەم كۆپەيگەن.

ئەمەلىيەتتە، خىتايلارنىڭ 1953-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 6 پىرسەنتنى ئىگىلىشىمۇ، ۋاڭ جېن باشچىلىقىدىكى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگىنىدىن كېيىن شەكىللەنگەنلىكى ئېنىق. ئەگەر ۋاقىتنى 1949-يىلىدىن بۇرۇنغا سۈرىدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايلارنىڭ نوپۇسى 5 پىرسەنتكىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن. 1953-يىلىدىكى خىتاي ئىستاتىستىكىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ پۈتۈنلەي ئىشەنچلىك دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى 1982-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر ۋە خىتاي نوپۇسىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنىڭ خىتاي مەنبەلىرىدە تاپقىلى بولماسلىقى ياكى خىتاي تەرىپىدىن مەخپىي تۇتۇلۇشى، نوپۇس مەسىلىسىدە خىتاينىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. 1954-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» قۇرۇلۇپ، ئارقىدىنلا يەنى 1955-يىلى بىڭتۈەننىڭ 5 يىللىق پىلانى (1953-1957) ئېلان قىلىندى. مەزكۇر پىلاندا «دېھقانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەركەز قىلىش، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى ئالدى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىمالىي شىنجاڭنى نىشان قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى قۇرۇشنى تېزلىتىش» لار قارار قىلىندى. بىڭتۈەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قارايدىغان ئورگان ئەمەس بولۇپ، ئۇنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە باشقۇراتتى. بىڭتۈەنگە بېرىلگەن ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن يەرلىك ئۇيغۇرلار نەپ ئېلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئاستىدا بىڭتۈەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ ياخشى جۇغراپىيەلىك ئورۇنلىرىنى، سۇ مەنبەلىرىنى، مۇنبەت تۇپراقلىرىنى ئىگىلىدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسەت جەھەتتىكى قوللىشى ۋە ياردىمى بىڭتۈەننىڭ چەكلىمىسىز ھالدا خىتاي نوپۇسىنى مەركەز قىلىپ زورىيىشى ۋە كۈچلىنىشىگە ئاساس سالدى. بىڭتۈەن ئەنە شۇ يىللاردا شەندۇڭ، خېنەن، خېبېي، گەنسۇ، جياڭسۇ، شاڭخەي، تيەنجىن قاتارلىق جايلاردىن «چېگرا رايونلارغا ياردەم بەرگۈچى ياشلار» نامىدا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يۆتكەشنى باشلىۋەتتى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا، بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا كەڭ كۆلەمدە نوپۇس يۆتكەش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئازىيىپ ماڭغانلىقى؛ نەتىجىدە 1964-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈشتە، ئۇيغۇرلار نوپۇسى رايون نوپۇسىنىڭ 75 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان ھالەتتىن، 55 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقى؛ خىتايلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 6 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغان ھالەتتىن، 33 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان ھالەتكە كۆپەيگەنلىكى؛ 1982-يىلىدىكى 3-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈشىدە بولسا، ئۇيغۇرلار نوپۇسى تېخىمۇ ئازىيىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئاران 45 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى، خىتاي نوپۇسىنىڭ بولسا پۈتكۈل رايون نوپۇسىنىڭ 40 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. خەلقئارا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنزمۇ 2021-يىلى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىگە دائىر تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلغانىدى. ئۇنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ خىتاينىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئۆلتۈرۈش، غايىب قىلىش، لاگېرلارغا قاماش قاتارلىق تۈرلۈك سىياسەتلىرى تەسىرىدە 2040-يىلىغا بارغاندا 4.5 مىليون ئەتراپىدا ئازلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

1982 -2020 – يىلىغىچە شىنجاڭدىكى خىتاي ۋە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى گىرافىكى (خىتاي نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئېلىنغان)  رەسىمنى AFCL كىرىشتۈرگەن
1982 -2020 – يىلىغىچە شىنجاڭدىكى خىتاي ۋە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى گىرافىكى (خىتاي نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئېلىنغان) رەسىمنى AFCL كىرىشتۈرگەن
AFCL

AFCL ئۇيغۇرلار نوپۇسىغا دائىر تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دائىر سانلىق مەلۇماتلار ئۈستىدە ئىزدەنگەن. بۇ ئىزدىنىش داۋامىدا «1949-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات دوكلاتى» نى كۆرۈپ چىققان. مەزكۇر دوكلات شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. دوكلاتنىڭ ئاپتورى ۋۇ فۇخۇەن بولسا ئەينى يىللاردا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى ۋە خىتايدىكى داڭلىق شىنجاڭ تارىخىي تەتقىقاتچىسىدۇر. مەزكۇر دوكلات ھەتتا خىتاينىڭ «خىتاي كوممۇنىست پارتىيە تارىخىي تەتقىقاتى» دىمۇ تەشۋىق قىلىنغان. شۇڭا AFCL بۇ دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلىدىغان ئىشەنچلىك سانلىق مەلۇمات دەپ قارىغان. بۇ دوكلاتتا خاتىرىلىنىشىچە، 1949-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەسلىدىكى 3 مىليون 291 مىڭ 100 دىن، 9 مىليون 650 مىڭغا يېتىپ، 2.93 ھەسسە كۆپەيگەن. لېكىن خىتايلارنىڭ نوپۇسى بولسا، ئەسلىدىكى 290 مىڭدىن 2007-يىلىدا 8 مىليون 293 مىڭ 300 گە يېتىپ، 28.31 ھەسسە كۆپەيگەن. يەنى AFCL بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن 1949-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، خىتايلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن نەچچە ئون ھەسسە تېز دەپ قارىغان.

AFCL يەنە خىتاينىڭ نوپۇسلۇق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان دوكلاتلاردىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىغا دائىر ئۇچۇرلارنىمۇ تەكشۈرگەن. يەنى، خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «2021-يىللىق دوكلات» نىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىدا 6-نۆۋەتلىك ۋە 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلار نوپۇسىنىڭ ئېشىشى 24.66 پىرسەنت، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بولسا 16.2 پىرسەنت بولغانلىقى ئېلان قىلىنغان. دېمەك AFCL بۇ دوكلاتقا ئاساسەن، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ نۆۋەتتە يەنىلا خىتايلارنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئىلىدا ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئەسلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 75پىرسەنتىدىن كۆپ نىسبەتنى (يەنى، خىتاي ئىستاتىستىكىسى بويىچە) ئىگىلىشىدەك ھالەتتىن، نۆۋەتتىكى 46 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى سەۋەبسىز ئەمەس. خىتاي نوپۇسىنىڭمۇ ئەسلىدىكى، يەنى 1949-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ 5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان ھالەتتىن، بۈگۈنكىدەك 40 پىرسەنتتىن كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان ھالەتكە كېلىشى بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس! ئەگەر ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئازىيىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىش توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە باشتىن تارتىپ قايتا قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دۇنياغا ئاشكارىلانغان 2017-يىللىرىدىن بۇيان خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىغا دائىر دوكلاتلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قانداق شەكىلدە ئىنكار قىلىنىۋاتقانلىقى دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشتا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى كوزىر قىلىشى، نوپۇسقا دائىر مەلۇماتلارنى تەكرار بۇرمىلاپ، كۆز بويامچىلىق قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدىنىشنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەكشۈرۈشتە تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

[ئەسكەرتىش: ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.