ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىشنىڭ ئارقىسىدىكى سىرلار
2024.09.27
يېقىندا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ X قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلىگەن بىر قىسقا ۋىدىيولۇق كۆرۈنۈشى كەڭ تارقىلىپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. قەشقەردە تارتىلغان بۇ سىن كۆرۈنۈشىدە، خىتايلارنىڭ زومىگەرلىك بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى تارتىۋېلىش قىلمىشىدىن بىر ئارىيە كۆرسىتىلگەن.
ئەسلى مەنبەسى خىتاينىڭ «دوۋيىن» سۇپىسى بولغان بۇ قىسقا سىن كۆرۈنۈشىدە، ئەلپازى يامان بىر خىتاي ئەرنىڭ قوپاللىق ۋە زومىگەرلىك بىلەن بىر ئۇيغۇر ئايالنى ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئۆيىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن تىركىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ قىسقا سىن كۆرۈنۈشى، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئۆي-جايلىرىدىن مەھرۇم قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈپ بارغان ئۆيلىرىدىنمۇ قوغلىنىۋاتقانلىقى، ھەر ۋاقىت كۆچمەن خىتايلارنىڭ ھەيۋىسىگە ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقى، ھاياتىنىڭ ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى بىڭتۈەننىڭ يەر ئىگىلىشى، ئاتالمىش «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي» قۇرۇلۇشى، «كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى» دېگەندەك باھانىلەردە چېقىلىپ، زېمىنلىرى تارتىۋېلىنغان بولسا؛ كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان چوڭ تۇتقۇنى داۋامىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرى مۇسادىرە قىلىنغان ياكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىلگەنلىكى مەلۇم.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەھەللىلىرى چېقىلىپ، كەنت ۋە يېزىلار بويىچە مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن. ئۇلار پۈتۈن مەھەللە بويىچە، خىتايچە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا لايىقلاشتۇرۇپ سەرەڭگە قېپىدەك ياسالغان ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان قورشاۋ تاملىق ئولتۇراق رايونلىرىغا كۆچۈرۈلگەن. ئۇيغۇرلار بۇ رايونلاردا قۇرۇلغان خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۇ خىل ئۇسۇللاردا تارتىۋېلىنىشى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى نامراتلىق ۋە بېقىندىلىق ھالىتىگە دۇچار قىلغان. بۇ بىر قاتار مەجبۇرىي تەدبىرلەر ئارقىسىدا ئۇيغۇرلار يالغۇز ئۆز تۇپراقلىرىغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنىلا ئەمەس، بەلكى جامائەت ۋە مەھەللىگە باغلانغان مەنىۋى ھاياتى ھەمدە ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىدىنمۇ مەھرۇم بولغان.
بۇ قىسقا سىننىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى سىرلار ھەققىدە ئېنىقراق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلىگەن ئابدۇۋەلى ئايۇپنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ سىن كۆرۈنۈشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆي-ماكانلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى سالاھىيەتسىزلەشتۈرۈۋاتقانلىقىدەك بىر سۇيىقەستنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى «سەككىز چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» غا ئايلاندۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رايوننى مۇھىم دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ ئاشلىق ۋە يېمەكلىك تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. يېقىنقى مەزگىلدە تارىم ۋادىسىدىن ئىبارەت دېھقانچىلىققا ئەڭ ماس كېلىدىغان، مۇنبەت تۇپراققا ئىگە ۋە نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغان جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا، خىتاينىڭ جىددىي خىتايلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 15-سېنتەبىر چەرچەندە، رايوننىڭ بايلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، يەر بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش قاتارلىق كۆرسەتمىلەرنى بەرگەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا كەڭ كۆلەملىك دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى ئاشكارىلىغانىدى. بۇ ئەمدىلىكتە غايەت زور تۈركۈمدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ دېھقانچىلىق قىلىش باھانىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا يەرلىشىشىگە شارائىت ھازىرلاۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ X تە ھەمبەھىرلىگەن قىسقا سىن كۆرۈنۈشىگە ياۋروپادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى نىيرۇلا ئەلىما (Nyrola Elima) مۇ ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا بۇ سىننى ھەمبەھىرلەپ مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ ۋىدىيودا خىتاي ئەمەلدار بۇ ئايالنى ئۆيىدىن قوغلىدى ۋە ‹يوقال› دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئولتۇراق ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى قاتتىق نازارەت ئاستىدا بولىدۇ. بۇ خىل كۆچۈش تۈرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى، ئۆيى ۋە ھاياتى كونتروللۇققا ئېلىنىدۇ. بۇ ئولتۇراق ئۆيلەر ئۇلارنىڭ ئەمەس، ئۇلار داۋاملىق قوغلاپ چىقىرىلىپ تەھدىتىگە دۇچ كېلىدۇ».
نىيرۇلا ئەلىما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇشى تېمىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يېڭى ئولتۇراق مەھەللىلەرگە كۆچۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن پاراللېل ھالدا كۈچەيتىلگەن ئىكەن.
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەردىن تۇڭگان زىيالىيسى ما جۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يەر-زېمىندىن مەھرۇم قالدۇرۇش سىياسىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى مۇستەملىكە قىلىش، ئۇيغۇر خەلقىنى ئېرىتىپ يوق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:
«ئىلگىرى خىتايلارنىڭ زومىگەرلىك بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي ماكانلىرىنى تارتىۋېلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان بىڭتۈەننىڭ كېڭەيمىچىلىكىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغانىدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ مۇنبەت، ئەڭ باي يەر-زېمىنلىرىغا ئىگە بولۇۋالغانىدى. ھازىرقى ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن، يەنى ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈپ تارقاقلاشتۇرماقتا. ئۇلارنىڭ ئۆز زېمىنىغا ئەنئەنىۋى ھاياتىغا بولغان باغلىنىشىنى ئۈزۈپ تاشلىماقتا. ئەڭ رەزىل تەرىپى شۇكى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئاشكارا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە ‹باي قىلىش›، ‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش› دېگەندەك چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇپ پەردازلىماقتا. بۇ خىل تەدبىرلەر بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى ئۆيسىز، ماكانسىز، ياشاشقا مەجبۇر قىلماقتا. ئاقىۋەتتە ئۇلارنى جان بېقىش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سەرسان-سەرگەردان بولۇپ كېتىشكە قىستىماقتا. مەن بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئېرىتىپ يوق قىلىش سىياسىتى، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋامى دەپ قارايمەن».
مۇستەقىل تەتقىقاتچى نىيرۇلا ئەلىما يەنە نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر تەرەپتىن، خىتاي كۆچمەنلىرى ئارقىلىق رايوندىكى ئەمگەك كۈچىنى تولۇقلاش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئاساسلىق نوپۇسنى تەشكىل قىلىدىغان جەنۇبنى تولۇق خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يەر-زېمىنلىرىدىن ئايرىپ، ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا پۈتۈنلەي يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن، بۇ ئەھۋاللارنى ھۆججەتلىك ھالدا دوكلاتلاشتۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلىدى.