ئۇيغۇر پىروفېسسور «ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ سىياسەت، تىنچلىق ۋە دىپلوماتىيە» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.10.07
tinchliq-deplomatiye-mukapat-04 تۇنجى نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى ئىلىم-پەن مۇكاپاتلىرى» نى تارقىتىش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 3-ئۆكتەبىر، بۇرسا
RFA/Arslan

3-ئۆكتەبىر «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك دۇنياسى يۆرۈك تۈركمەن بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە بۇرسا تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى ئىلىم-پەن مۇكاپاتلىرى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ مۇكاپات تۈرك دۇنياسىدىكى تەتقىقاتچى ئالىملار، دوكتور، پىروفېسسورلارنىڭ ھەم تەبىئىي پەن ھەم ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىدە ئۆز كەسىپلىرى بويىچە نەتىجە قازانغانلىرىغا بېرىلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر مۇكاپات يەنە كەسىپ تۈرلىرى بويىچە بىر قانچە ناملار بىلەن ئاتالغان. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى, پىروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەتكە «ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ سىياسەت، تىنچلىق ۋە دىپلوماتىيە» مۇكاپاتى بېرىلدى. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە مەھمۇد قەشقىرى تىلشۇناسلىق مۇكاپاتى پىروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇنغا، كاتىپ چەلەبى جۇغراپىيە مۇكاپاتى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالە ۋە كىتاب يازغان تۈرك تارىخشۇناس پىروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىلغا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ سىياسەت بىلىمى مۇكاپاتى، پىروفېسسور دوكتور بۇرھانېددىن دۇرانغا بېرىلدى. بۇلاردىن باشقا يەنە ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن بويىچە ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازانغان 29 مۇتەخەسسىسكە «تۈرك دۇنياسى ئىلىم-پەن مۇكاپاتى» تارقىتىپ بېرىلدى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا يىلدىرىم شەھەر باشلىقى ئوكتاي يىلماز، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان مەستەن، بۇرسا تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى رېكتورى پىروفېسسور ناجى چاغلار، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بۇرسا شەھەرلىك شۆبە رەئىسى داۋۇت گۈركان، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سەردار چام قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە كۆپ ساندا تەتقىقاتچىلار ۋە مۇخبىرلار قاتناشتى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى سەردار چام سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر ساھەدە ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە كۈچلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك بولغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز ھەم شۇنىڭغا چۈشلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. پۈتۈن دۇنيا بۇ جەھەتتە تۈركىيەنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان خىزمەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىدۇ. تۈركىيە مەزلۇملارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش، زالىمنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى چەكلەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ» .

مۇراسىم رىياسەتچىسى ئەركىن ئەمەتنى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەزلۇم خەلقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن تەقدىم قىلىنىدىغان بۆ مۇكاپات شەرەپلىك خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇق قوغدىغۇچىسى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئىلمىي ئاۋازى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەتكە بېرىلدى» .

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پىروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەتكە «ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ سىياسەت، تىنچلىق ۋە دىپلوماتىيە» مۇكاپاتى بېرىلدى. 2024-يىلى 3-ئۆكتەبىر، بۇرسا
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پىروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەتكە «ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ سىياسەت، تىنچلىق ۋە دىپلوماتىيە» مۇكاپاتى بېرىلدى. 2024-يىلى 3-ئۆكتەبىر، بۇرسا
RFA/Arslan

مۇكاپاتنى بۇرسا تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پىروفېسسور بەيھان بايھان ئەپەندى ئەركىن ئەمەتكە تەقدىم قىلدى. مۇكاپات تەقدىم قىلىنغاندىن كېيىن پىروگرامما رىياسەتچىسى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پىروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەتكە تەشەككۈر ئېيتىمىز، يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمىز، بۇ يەردىن بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلايمىز».

بىز، «مەھمۇد قەشقىرى تىلشۇناسلىق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن پىروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تېلېفون قىلدۇق، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز يەنە بۇ ھەقتە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن «كاتىپ چەلەبى جۇغراپىيە مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن پىروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پىروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك دۇنياسى تارىخىدىكى ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بىباھا خەزىنىلىرىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى قەدىمكى تۈرك مەدەنىيىتى ۋە ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە بولغان باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك ئەسەرلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بىز قەدىمكى تۈرك مەدەنىيىتىنى بىلىپ يەتتۇق. بۇ ئىككى ئالىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى بولغان قەشقەر شەھىرىدە ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ بىزگە قالدۇرغان بۇ مىراسى پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە قىممەتكە ئىگە» .

تۇنجى نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى ئىلىم-پەن مۇكاپاتلىرى» نى تارقىتىش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 3-ئۆكتەبىر، بۇرسا
تۇنجى نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى ئىلىم-پەن مۇكاپاتلىرى» نى تارقىتىش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 3-ئۆكتەبىر، بۇرسا

 پىروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئېچىنىمىز، ئۇلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇمغا قايغۇرىمىز، ئۇلارنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ھەممە كىشى بىلىشى كېرەك» .

بىز يەنە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرك دۇنياسى تۈركمەن بىرلىكى باش كاتىپى جەمال ئاققۇش ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جەمال ئەپەندى بۇ مۇكاپاتنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسى ئىلىم-پەن مۇكاپاتىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتىمىز، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان دۇنيا تارىخىنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن، ئىلىم--مەرىپەت بىلەن ئىنسانلارنىڭ ياشاش يولىغا نۇر چاچقان بۈيۈك ئالىملارغا تەشەككۈر ئېيتىش ھەم ئۇلارنىڭ ئەسلىمىلىرىنى خاتىرىلەش، ئۇلارنىڭ نامىدا يېڭى دەۋردە ئوخشاش ساھەدە يېڭى تەرەققىياتلارنى، ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان زىيالىيلىرىمىزنى تەقدىرلەش ئۈچۈندۇر. بۇ پائالىيەت بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ» .

تۇنجى نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى ئىلىم-پەن مۇكاپاتلىرى» نى تارقىتىش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 3-ئۆكتەبىر، بۇرسا
تۇنجى نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى ئىلىم-پەن مۇكاپاتلىرى» نى تارقىتىش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 3-ئۆكتەبىر، بۇرسا
RFA/Arslan

جەمال ئاققۇش ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «پىروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقان قىممەتلىك بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە مۇكاپاتىنى بېرىش باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن مۇۋاپىق كۆرۈلدى. بىر مەزلۇم خەلق نامىدىكى بۇ مۇكاپاتنى باشقا بىر مەزلۇم خەلقنىڭ ۋەكىلى، تۈركىيەدىكى ئاۋازى بولغان ھۆرمەتلىك ئەركىن ئەمەتكە بېرىش ئەڭ توغرا ئىدى. بۇ مۇكاپاتنى ئەركىن ئەمەت ئەپەندىگە بېرىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىش بىزنىڭ بۇرچىمىز. بۇ پەقەت كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى مەسىلىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ئىشغال قىلىنغان زېمىن سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ تالاش-تارتىش قىلىنمايدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكى، ئىشغالچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىن مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇشى ئۈچۈن ھەل قىلىش ئۇسسۇلى ۋە چارە ئىزدەش كېرەكلىكىنى ئىپادىلەيمەن» .

 «تۈرك دۇنياسى ئىلىم-پەن مۇكاپاتى» نىڭ 3-ئۆكتەبىردە تارقىتىلىشىنىڭ ئالاھىدە بىر ئەھمىيىتى بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا قەدەم بېسىلغان نەخچىۋان خىتابنامىسىنىڭ 15-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن 3-ئۆكتەبىر كۈنى «تۈرك دۆلەتلەر ھەمكارلىق كۈنى» دەپ بېكىتىلگەنىدى. بۇ كۈندە «تىلدا، پىكىردە، ئىشتا بىرلىك» شوئارى ئاستىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ھەر خىل يىغىن، مۇراسىم ۋە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.