ئۇيغۇرلارنىڭ قەيسەرىدە قالدۇرغان تارىخىي ئىزلىرى توغرىلىق مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.11.05
mustafa-cingil-kaysari-1024 قەيسەرىلىك تارىخچى مۇستافا جىنگىل ئەپەندى «دۆرت دۆرتلۈك تارىخ»، يەنى «ياخشى تارىخ» ناملىق مەخسۇس پىروگرامما ئىشلەپ، 12-ئەسىردىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت تۈركىيەدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىزلىرىنى تونۇشتۇردى
Instagram/@mustafa__cingil

ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن شەھەر تۇرمۇشىغا كۆچكەن، ئەڭ بۇرۇن يېزىق تارىخى بولغان، شۇنداقلا پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان بىر خەلق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەدىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆپ ساندا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىزلىرى مەۋجۇت. يېقىندا قەيسەرىلىك تارىخچى مۇستافا جىنگىل ئەپەندى «دۆرت دۆرتلۈك تارىخ»، يەنى «ياخشى تارىخ» ناملىق مەخسۇس پىروگرامما ئىشلەپ، 12-ئەسىردىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت تۈركىيەدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىزلىرىنى تونۇشتۇردى.

بۇ فىلىم بۇنداق باشلانغان: «بۈگۈن يەنە ئوخشىمايدىغان بىر بىر تېما بىلەن ئېكرانغا چىقتىم. تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە سەلجۇقلۇ دەۋرىگە ئائىت دەپ قارالغان كۆپ ساندىكى تارىخىي ئىزلارنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن قالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟»

فىلىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنۇلار ئاڭلىتىلغان: «ئۇيغۇرلار تارىختىكى ناھايىتى ئىلغار بىر تۈرك قوۋمى. ئۇيغۇرلار تارىختا توققۇز ئوغۇزلار بىلەن بىرلىشىپ ‹ئون ئۇيغۇر› نامىنى ئالغان، ئۇيغۇرلارنىڭ نامى ئورخۇن ئابىدىلىرىدىمۇ قەيت قىلىنغان. ئۇيغۇرلار مىلادىيە 742-يىلىدا كۆكتۈرك دۆلىتىنى يىقىتىپ، ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان، مىلادىيە 840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى يېنسەي قىرغىزلىرى تەرىپىدىن يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار گەنسۇ (كەڭسۇ) بىلەن تۇرپان ئويمانلىقىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئېغىر بېسىمى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر قالغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى، ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئۇيغۇرلار تۈركىي قوۋملار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ شەھەر ھاياتىغا ئۆتكەن خەلقتۇر. »

مەزكۇر فىلىمدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەر تارىخىدا مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى قوۋملاردىن بىرى بولغانلىقى، تارىختا ئۇيغۇرلاردا ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەرنىڭ كۆپ چىققانلىقى، شۇڭىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنلىكى، بولۇپمۇ چىڭگىزخاننىڭ دۆلەت ئىدارىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقى بايان قىلىنغان: «چىڭگىزخاننىڭ مەسلىھەتچىلىرىنىڭ كۆپى ئۇيغۇرلار ئىدى. چىڭگىزخاننىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى ۋە ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئىستىلا قىلىشى نەتىجىسىدە، چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھۇلاگۇخان غەربىي ئاسىيادا ئىلخانلى دۆلىتىنى قۇرىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا ئۇيغۇرلار ھوقۇق تۇتۇشقا باشلايدۇ. تۈركىيەدىكى سەلجۇقلى دۆلىتى موڭغۇللارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرگەندىن كېيىن، ئاناتولىيە موڭغۇل ئەمىرلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان ئىدى.»

ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان مەزكۇر فىلىمدا، ئۇيغۇرلارنىڭ 13-ئەسىردە بۈگۈنكى تۈركىيە زېمىنىدا قۇرۇلغان ئەراتنا دۆلىتىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنىڭ شۇ مەزگىلدىن قالغان تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارىسىدا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇ مەزگىلدە قەيسەرىنى موڭغۇل ئەمىرى بولغان جافەر بەگ باشقۇراتتى. جافەر بەگ بىلەن ئۇنىڭ ئۇكىسى ئالى بەگ ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مازىرى ھازىر قەيسەرىدە ئالى جافەر گۈمبىزى دېيىلىدۇ. ئىلخانلى دۆلىتى يىمىرىلىشكە قاراپ يۈز تۇتقان قالايمىقانچىلىق مەزگىلدە، ئەسلى تېگى-تەكتى ئۇيغۇرلاردىن بولغان، ئەمما موڭغۇل ئەمىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن جافەر بەگنىڭ ئوغلى ئالائاتتىن ئەراتنا بەگ قەيسەرى ۋە سىۋاسنى مەركەز قىلغان مۇستەقىل بىر بەگلىك دۆلىتى قۇرغان. بۇ دۆلەتنىڭ ئىسمى ئەراتنا بەگلىكى دەپ ئاتالغان بولۇپ، مەزكۇر بەگلىك 1357-يىلىدىن 1381 يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. ئەراتنا بەگ ئىنتايىن ئادالەتلىك، ئادىل ئىلغار كۆز قاراشتىكى بىر ھۆكۈمدار ئىكەن. مانا مۇشۇ ئالاھىدىلىكلىرى تۈپەيلى خەلق ئۇنى ‹كۆسە پەيغەمبەر› دەپ ئاتىغان ئىكەن.»

فىلىمنى ئىشلىگەن مۇستافا جىنگىل بىر تارىخچى بولۇپ، ئۇ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۈرك تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ئۇ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «قەيسەرى سەلجۇقلارنىڭ شەھىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىر ئۇيغۇر شەھىرى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ شەھەردە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلاردىن قالغان تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئىزلىرى مەۋجۇت. مەن سەلجۇقلۇ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇر تارىخىمۇ مېنىڭ تەتقىقات دائىرەمگە كىرىدۇ. شۇڭا مەن قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن قالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئىزلىرىنى تونۇشتۇردۇم. قەيسەرىدە ياشىغان كىشى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇيغۇردىن قالغان تارىخىي ئىزلارنى كۆرەلەيدۇ.»

1964-يىلى 11 ياشتا ئائىلىسى بىلەن قەيسەرىگە كېلىپ جايلاشقان پېشقەدەم پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى، ئۆزىنىڭ قەيسەرىگە كەلگەندە بۇلارنى بىلمەيدىغانلىقىنى، كېيىنچە بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، قەيسەرى تارىخىدىكى ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى توغرىلىق كۆپلىگەن ماقالە ۋە كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيەنىڭ ئاماسيا ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئۇيغۇر كەنتى ۋە تارىختا قەيسەرىدە قۇرۇلغان ئەراتنا ئۇيغۇر خانلىقى توغرىسىدا 2002-يىلى تۇنجى قېتىم ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا خەۋەر ئېلان قىلىنغان ئىدى. كېيىنكى 22 يىل جەريانىدا بۇ تارىخ توغرىسىدا كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى. ھازىر ئۇيغۇر كەنتى ۋە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار قالدۇرغان تارىخىي ئاسارە-ئەتىقىلەر ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر زىيارەت قىلىدىغان مۇھىم جايلارغا ئايلاندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.