ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-09-20
Share
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چىقاردى نيۇ-يورك پورتىدىكى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش (CBP) خادىملىرى خىتايدىن كىرگەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمە ياكى جازا لاگېردىكىلەرنىڭ ئەمگىكى بىلەن ياسالغان دەپ گۇمان قىلىنغان يالغان چاچ ۋە قوشۇمچە بۇيۇملارنى تەكشۈرمەكتە. 2020-يىلى 29-ئىيۇن.
AFP

ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا ماس ھالدا بىر قىسىم جازا تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ بۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشتىن چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ زور ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەنلىكى تېزلا نامايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىل جازالارنىڭ يەنە بىر قىسمى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئارقىغا سوزۇلۇپ، بۇ ھەقتە تۈرلۈك پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانىدى. نيو-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىڭخامتون شۆبىسى دەل مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن 20-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئىنكاس: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى قانۇن ۋە سىياسەتلىرىگە نەزەر» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى.

يىغىن رىياسەتچىسى، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى ماكسىم پېنسكى بۇ ھەقتىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي ھادىسىلەرنى يىغىنچاقلاپ قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى. يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى چۆرىدىگەن ھالدا خەلقئارانىڭ ئىككى لاگېرغا ئايرىلىشى بولدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئىجرا قىلىشنى باشلىۋەتكەن بىر قىسىم تەدبىرلەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى چەكلەشتە تېگىشلىك رول ئويناۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم ھالقا بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە يەنە كۆپلىگەن «يوچۇقلار» نىڭ مەۋجۇتلۇقى داۋام قىلماقتىكەن. بۇ خىل يوچۇقلارنىڭ بىرى نۆۋەتتە مەجبۇرىي ئەمگەككە بولغان چەكلىمىنىڭ تولۇق ئىجرا بولماسلىقى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن «قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى ھۆكۈمنىڭ تەۋرىنىپ قېلىشى ئىكەن. «قىرغىنچىلىققا ئىنكاس بىرلەشمىسى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، دوكتۇر ئېۋېلىنا ئوچاب بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ بۇ خىل كەمتۈكلۈكلەرنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جەزمەن بۇ خىل قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى تولۇق يىغىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر مۇكەممەل مېخانىزم بەرپا قىلىشى لازىم، دەپ كۆرسەتتى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە قانداق «ئۇستاتلىق» قىلىۋاتقانلىقىنى يىغىن ئەھلىگە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. . ئۇنىڭ پىكرىچە، ئاللىقاچان ئاشكارا ھالدا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقىنى ئىجرا قىلىشتا «كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرى» دىن قانداق «ساۋاق» ئېلىشنى تەكىتلەۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىسپاتلىرىنى تاشقى دۇنياغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقنى قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئالماقتا ئىكەن. جۈملىدىن لاگېرلارغا قوشنا ئورۇنلاردا ھەمدە جەسەت كۆيدۈرۈش ئەنئەنىسى بولمىغان ئۇيغۇر ئولتۇراق رايونلىرىدا تەسىس قىلىنىۋاتقان جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى بۇنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دۇنياسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزىگە بېقىندى قىلىۋېلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى پىكىرىنى باسماقتا ئىكەن. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا «يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى» مەزگىلىدىكى «زەھەرلىك گاز بىلەن ئۆلتۈرۈش زاللىرىنى تەسىس قىلىشنى كۈتۈش» ھاجەتسىز ئىكەن؛ ئۇلارنىڭ نومۇسسىزلارچە ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك ئىكەن؛ تېخىمۇ مۇھىمى «ئىنسانىيەتكە قارشى بىر مەيدان جىنايەت» سادىر بولۇۋاتقاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئەمىلى ھەرىكەت قوللىنىپ بۇ خىل رەزىللىكنى چەكلەش بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى بولۇشى لازىم ئىكەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا باغلىنىشلىق بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئامېرىكا بازىرى خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېكسپورت نىشانلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئ‍ۈچۈن ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىكەن. ئۇلاردا «مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كەلگەن بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش» كە قارشى مەۋقە شەكىللەنسە، بۇنىڭ قانۇنسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى چۈشەنسە ئۇ ھالدا «ئەرزان» باھادا كېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە زو ئۈنۈم قازىنىش مۇمكىن ئىكەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى چەكلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم تەكلىپلەر ۋە چارىلەرنىڭ تېخىچە ئۈزۈل-كېسىل ئىجرا بولمايۋاتقانلىقنى تەكىتلەپ، بۇنچە ئۇزۇن كۈتۈشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىشى كېرەكلىكىنى، قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بولغان پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنىڭ تېزلەشتۈرۈپ ھەل قىلىنىشى زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. .

مۇھاكىمە يىغىنىدا پىكىر قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەنە بىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىمى برېت خانسېن ئىدى. ئۇمۇ يىغىن ئەھلىنىڭ پىكىرىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە زادىلا ئەمەلگە ئاشۇرالماي كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەل مۇشۇ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىنىڭ ئامېرىكا خەلقى ئارىسىدا ئومۇملاشماسلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. . ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە پۈتكۈل خىتاي خەلقىنى قوزغاپ، بۇ ھەقتىكى «ئىچكى بىرلىك» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغان. ئامېرىكا خەلقى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ ئىشلاردىن ئاساسەن خەۋەرسىز ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشى خۇددى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنىڭ بەخىرامان ئىمپورت قىلىنىشىدەك يوقنىڭ ئورنىدا بولماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئ‍امېرىكا ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تېخىمۇ كەسكىن ۋە ئەمەلىي بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىشى ھەققىدىكى تەكلىپلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت