تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى دوغان بېكىن: «27 يىل بۇرۇنقى غۇلجا قەتلىئامى بۈگۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئايلاندى»

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.02.05
axbarat-yighini-turkiye «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە (ئوڭدىن) تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى دوغان بېكىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ۋە تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندىلەر. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىشىپ، ئەنقەرەدە «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

ئەنقەرەنىڭ مەركىزىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلغان «يېڭى رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى دوغان بېكىن ئەپەندى، بۇنىڭدىن 27 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن غۇلجا قەتلىئامىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئايلانغانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇ قىرغىنچىقىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان 3 ئورگانغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى: «خىتاي، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارىتا سىستېمىلىق ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. بۈگۈنكى كۈندىمۇ جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى داۋام قىلماقتا. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن 27 يىل بۇرۇن، يەنى 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجادا تىنچ نامايىش ئۆتكۈزگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇرنى قەتلى قىلغان ئىدى. 5-فېۋرال، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان ئۇنتۇلماس بىر كۈندۇر. ئىنسانىيەتنىڭ ۋە مەدەنىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان خىتاي كومپارتىيەسى ھەقىقىي يۈزىنى ئاشكارىلىغان كۈندۇر.»

«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاخبارات يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئەنقەرە.
«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاخبارات يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى، مەزكۇر باياناتتا يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلەپ ئۆتتى: «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ بۇ باستۇرۇش سىياسىتىنى 10 دۆلەتنىڭ پارلامېنتى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلدى، لېكىن نۇرغۇن دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تۈرك ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى تېخىچە بۇ مەسىلىدە سۈكۈتتە تۇرماقتا. 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ھېلىھەم جازا لاگېرلىرىدا تۇرماقتا. بىز شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى دەرھال تاقىشىنى، تۈركىيە باشچىلىقىدىكى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

ئارقىدىن پارلامېنت ئەزاسى دوغان بېكىن ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ قانىغان يارىمىزدۇر. ئۇ پەقەت ئىسلام دۇنياسىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ قانىغان يارىسىدۇر. ئەپسۇسكى، خىتاي كېيىنكى يىللاردا تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن لاگېر قۇرۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولاپ، ئىسكەنجە ۋە ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق، غۇلجا قەتلىئامىنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانغا كېڭەيتتى. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپلا قالماي، بەلكى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى، تىلىنى ۋە دىنىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئەپسۇسكى، بۇنىڭغا قارىتا نۇرغۇن دۆلەتلەر سۈكۈتتە تۇرماقتا. شەرقىي تۈركىستان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم بىر تۇپراق. شەرقىي تۈركىستان، خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ تۈگۈنى بولغاچقا، خىتاي ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەسلىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى، ئەپسۇسكى ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق بىر سىياسىتى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى ئەڭ ئاز يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسىدۇر. يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇيغۇر تۈركلىرى زۇلۇم ئاستىدا ياشىماقتا. كېيىنكى يىللاردا بۇ زۇلۇم ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. بۇ پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىگىمۇ مەلۇم. ئەپسۇسكى، دۇنيا بۇنىڭغا قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇلمايۋاتىدۇ. 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر كۈنىدۇر. غۇلجا قىرغىنچىلىقى بۇندىن 27 يىل بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، يۈزلىگەن كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. مەن پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتىمدا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاڭلاتتىم. بۇ ھەقتە قارار لايىھەلىرى سۇنغان بولساقمۇ رەت قىلىندى. بىز تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنى ئۇنتۇمايمىز ۋە ھەر ۋاقىت خىتايدىن بۇنىڭ ھېسابىنى سورايمىز.»

2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىدە «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، ئېچىنىشلىق جەريانى ۋە بۇ ھەقتە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەزكۇر يىغىندا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندى ۋە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئەنۋەر ئايدوغان ئەپەندىلەرمۇ سۆز قىلدى.

1997-يىلى يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى ئۆز دەۋرىدە تۈركىيەدىكى ATV قانىلىدا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە شەھەرلىرىدە مىڭلىغان كىشى قاتناشقان نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. مەزكۇر سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس دوكلاتلار تەييارلىغانىدى. مۇتەخەسسىسلەر، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىيەدە ۋە پۈتۈن دۇنيادا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى تېزلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.