گېرمانىيەلىك تۈرك ياشلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئون كۈنلۈك زىيارىتى (4) -ئاقسۇ

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.07.08
Germaniye-sayahetchi-aqsu-01-AKsu گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتىدە بوغالتىرلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سېنان چوبان بىلەن گېرمانىيەنىڭ مانخىيمىر (Mannheimer) ئاكادېمىيەسىدە ئوپېراتسىيە ياردەمچىسى كەسپى بويىچە ئوقۇۋاتقان ئەنەس كاپلى. 2024-يىلى، ئاقسۇ.
Enes Kaplı/Sinan Çoban

ئەنەس كاپلى (Enes Kaplı) ۋە سىنان چوبان (Sinan Çoban) قاتارلىق گېرمانىيەلىك تۆت نەپەر ياش 26-ماي كۈنى پويىز ئارقىلىق تۇرپاندىن كۇچاغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار بېلەت ئالغاندا ئايرىم-ئايرىم ۋاگونلاردىن يەر چىققان بولغاچقا، ئايرىم ۋاگونلارغا يەرلەشكەن. ئۇلار پويىزغا چىققاندا قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بولسىمۇ، پويىزدا باشقا ۋاگونغا ئۆتمەكچى بولغاندا پاسپورتلىرى يەنە قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈلگەن. ئۇلار زىيارىتىمىز داۋامىدا ھەتتا ھاجەتخانىغا ئۆتسىمۇ قايتىدىن پاسپورتى تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتىپ، كۈلۈشۈپ كېتىشتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، پويىزدا ئاساسەن خىتايلار بار ئىكەن. ئۇلار توققۇز سائەت ئىچىدە، ئىككى ۋاگوننىڭ ئارىلىقىدا نەچچە قېتىم تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، شۇ كۈنى كەچتە كۇچاغا يېتىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم كۇچاغا كېلىشتىن بۇرۇن تۇرىدىغان مېھمانخانىسىنى ئالدىن بۇيرۇتقان بولغاچقا، ياتاققا ئورۇنلىشىشتا چاتاق چىقمىغان.

ئۇلار غۇلجادىن باشلاپلا ھەر يەردە ھەر خىل شەكىللەردىكى ساقچى نازارىتىنى كۆرگەن. ھالبۇكى، ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ ئۇچىغا چىققان ۋە ئوچۇق ئاشكارا نازارەت كۇچادىن باشلانغان.

ئۇلار ئەتىسى ئەتىگەندە كۇچانىڭ شىمالىدىكى قىزىل مىڭئۆيلىرىگە بېرىش ئۈچۈن تاكسى ساقلاپ تۇرغاندا، مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا ناھايىتى ئېسىل كىچىك ماشىنىدىن بىرى كېلىپ توختىغان. ئۇلار شوپۇر بىلەن پۇلىنى دېيىشىپ يولغا چىققان. ئۇلار باشتا تۈركچە-ئۇيغۇرچە ئارىلاشتۇرۇپ شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ ماڭغان، ھەتتا تېلېفوندىن ئۇيغۇرچە، تۈركچە ناخشىلارنى قويۇپ بىللە ئېيتىشقان، لېكىن شەھەر مەركىزىگە يېقىن قالغاندا شوپۇرغا بىر تېلېفون كەلگەن، قارشى تەرەپتىن بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغان بولۇپ، ئۇ ئايال شوپۇردىن قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى سورىغان بولسا كېرەك، شوپۇر ئەنەسلەر بارىدىغان جاينىڭ ئىسمىنى ئېيتقان. شوپۇر شۇنىڭدىن كېيىن لام-جىم دېمىگەن.

گېرمانىيەلىك ياشلارنىڭ ئاقسۇ زىيارىتى كۆرۈنۈشى، كۇچا مەسچىتى. 2024-يىلى، ئاقسۇ
گېرمانىيەلىك ياشلارنىڭ ئاقسۇ زىيارىتى كۆرۈنۈشى، كۇچا مەسچىتى. 2024-يىلى، ئاقسۇ
Enes Kaplı/Sinan Çoban

ئۇلار كۇچا شەھەر مەركىزىدە ساياھەتچىلەرنىڭلا كىرىشىگە ئېچىۋېتىلگەن بىر مۇزېي شەكلىدىكى مەسچىتكە كىرگەن. بۇ يەردىمۇ ئىككى ساقچى كېلىپ ئۇلارنىڭ پاسپورتىنى تەكشۈرگەن ۋە سۈرەتكە تارتقان.

ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ مەسچىتمۇ تۇرپاندىكى تۇيۇق كەنتىدە كۆرگەن مەسچىتكە ئوخشاشلا ۋەيرانە ھالەتتە ئىكەن. ئەنەس بۇ مەسچىتنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: «مەسچىتنىڭ ئىچىگە كىردۇق. بۇ يەر ھېچ مەسچىتكە ئوخشىماس قىلىۋېتىلگەنىدى. مەسچىتنىڭ تاملىرىغا يېزىلغان ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۈستىدىن ئاق سىر بىلەن سرلىۋېتىلگەنىدى. قۇرۇپ كەتكەن سىرلارنىڭ ئارىسىدىن ئەرەبچە خەتلەر كۆرۈنۈپ قالغانىدى. تاملارنىڭ گەج-سۇۋاقلىرىمۇ تۆكۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، بەكلا ۋەيرانە ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىكەن. بەزى ئۇيغۇر ئۆيلىرىنى كۆرگەنىدۇق، تورۇستىكى ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتىكى نەقىشلەرنى تاختاي بىلەن توسۇۋېتىپتۇ. بۇ مەسچىتنىڭ ئېچىدىكى بەزى يەرلەرنىمۇ ئاشۇنداق تاختاي بىلەن توسۇپ قويۇپتۇ. مېنىڭچە، ئەگەر بۇ مەسچىتكە ھېچكىم كۆڭۈل بۆلمەي مۇشۇ پىتى قالسا، بىر-ئىككى يىلغا قالماي ئۆرۈلۈپ كەتكۈدەك. ئەسلىدىمۇ بۇ مەسچىتكە ھېچكىمنىڭ كىرىپ ناماز ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.»

ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ مەسچىتنىڭ ھويلىسى خېلى چوڭ بولۇپ، ھويلىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قارىماققا مەدرىسەگە ئوخشايدىغان كېچىك ئۆيلەر بار ئىكەن. ئەمما ھازىر بۇ ئۆيلەردە توخۇ، كەپتەر ۋە باشقا ئۆي ھايۋانلىرى بېقىلىدىكەن.

ئۇلار مەسچىتتىن چىقىپ، ئەتراپتىكى دۇكانلارنى ئايلىنىشقا باشلىغان. بۇ جەريانىدا ئەتىگەندە ئۆزلىرىنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ قويغان تاكسى شوپۇرىنىڭ ئۇلارغا ئەگىشىپ يۈرگىنىنى بايقىغان. ئۇلار يەنە ئايلىنىشنى داۋام قىلغان.

ئۇلار كۇچادا «خان سارىيى» (كۇچا ۋاڭى سارىيى) دەپ ئاتىلىدىغان بىر سارايغا كىرگەن. ئەنەس ساراي ھەققىدە مۇنداق دېدى: «كۇچادا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى بىر خان سارىيى بار ئىكەن، ئۇ يەرگە باردۇق. ئەمما ساراينى خۇددى خىتاينىڭ كىنولىرىدىكى قەدىمكى خىتاي ئىمپېراتورلىرىنىڭ سارىيىغا ئوخشىتىپ ياساپ قويۇپتۇ. ھەر يەردە خىتايچە خەتلەر يېزىلغان بايراقلار ئېسىقلىق ئىدى. بۇ يەرنى كۆرگەنلەر ھەرگىزمۇ بۇنى بىر ئۇيغۇر خاننىڭ سارىيى دېمەيدۇ. بۇ يەر خۇددى كىنولاردىكى خىتاي بەگ-ۋالىيلىرىنىڭ سارىيىدەك بېزەلگەن. »

كېيىنچە تاكسى شوپۇرى يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، باشقا نورمال كىيىنگەن ئۈچ كىشىنىڭ ئۇلار قەيەرگە بارسا، شۇ يەردە پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى سەزگەن. سىنان ۋە ئەنەسلەر ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئەگەشكەن ياكى ئەگەشمىگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئارقىسىغا قايتىپ ماڭغان، ئۇ كىشىلەرمۇ دەرھال ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭغان. ئۇلار بىر يەر تېپىپ ئولتۇرغاندا، ئۇ كىشىلەرمۇ يولنىڭ بويىدا ئۇلارغا قاراپ تۇرغان. ئەنەس ئۇلارنىڭ ھېچ ئۆزلىرىنى يوشۇرماستىن ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۆزلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئېيتتى:

 «ئۇلار بىر بۇلۇڭدا بىزنى كۆزىتىپ تۇراتتى. بەك كەسپىي كۆرۈنمەيتتى. ھەتتا ‹بىزنى كۆردۈڭلارمۇ، سىلەرنى كۆزىتىۋاتىمىز. ھەرىكىتىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار› دېگەندەك پارقىراپ قاراپلا تۇراتتى. بىزمۇ ھەقىقەتەن ھەرىكىتىمىزگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇق.»

تاكسى شوپۇرى كېيىن يەنە پەيدا بولغان ۋە ئۇلار قەيەرگە بارسا كەينىدىنلا ئەگىشىپ يۈرگەن. ئۇلار ئەگەر بىرەر ماگىزىنغا كېرىپ بىرەر نەرسە سېتىۋالغان بولسا، تاكسى شوپۇرىنىڭ دەرھال ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كىرىپ، پىرىكازچىكتىن بىر نېمىلەرنى سورىغانلىقىنى كۆرگەن.

سىناننىڭ ئېيتىشىچە، سېنان بىر ماگىزىنغا كىرگەندە ئۇلارغا ئەگەشكەن ساقچىلارنىڭ بىرسى ماگىزىننىڭ يەنە بىر ئىشىكىدىن كىرگەن. ئۇ قەستەن ئۇ كىشىدىن ئىنگلىزچە بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغانلىقىنى سوراپ، پىرىكازچىك بىلەن ئۆزى ئارىسىدا تەرجىمانلىق قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ كىشى ئىنگلىزچە بىلىدىغانلىقنى ئېيتىپ، سىناننىڭ خاتىرە بويۇم سېتىۋېلىشىغا ياردەمچى بولغان. ئارقىدىن سىناندىن قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورىغان. سىنان ئۆزلىرىنىڭ گېرمانىيەدىن كەلگەن ساياھەتچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، رەھمەت ئېيتىپ قويۇپ كېتىپ قالغان.

ئەنەسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ماگىزىنلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇرچە گەپ قىلغاندا، ئۇلار دەرھاللا خىتايچە جاۋاب بەرگەن. ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاساسەن خىتايچە پاراڭلىشىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان. ئۇلار كۇچادا ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، بولغان تەقدىردىمۇ ناھايىتى كېچىك يېزىلغانلىقنى كۆرگەن. ئۇلار ساقچىلارنىڭ ئۇلار گەپ قىلغان، ئۇچراشقان ھەممە كىشىنى سوراق قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا بالا تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن قەتئىي پاراڭلاشماسلىقنى قارار قىلىشقان.

ساقچىلارنىڭ بۇ خىل قاتتىق كونتروللۇقىدىن بىزار بولغان بۇ ياشلار كۇچادىن بالدۇر ئايرىلىشنى قارار قىلىشقان. ئۇلار كۇچادىن ئاقسۇغا بارىدىغان پويىزغا چىقىش ئۈچۈن مېھمانخانىدىن تاكسى بىلەن يولغا چىققاندا، ئۇلارغا بازاردا ئەگىشىپ يۈرگەن ساقچىلار مېھمانخانىدىن تاكى پويىز ئىستانسىسىغىچە ئارقىسىدىن سوڭدىشىپ كەلگەن. بۇ ساقچىلار تاكى پويىز قوزغالغۇچە بېكەتتە قاراپ تۇرغان.

ئەنەسنىڭ ئېيتىشىچە، پويىزغا چىققاندىن كېيىن ئۇلار ئولتۇرغان ۋاگونغا بىر ئۇيغۇر ساقچى كەلگەن ۋە ئەتراپتا ئولتۇرغان ئۇيغۇرلارغا «بۇ كىشى ئەگەر سىلەرگە ئۇيغۇرچە گەپ قىلسا، سىلەر گەپ قىلماڭلار» دەپ قويۇپ كېتىپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ۋاگوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى «ئۇخلىغان» بولۇۋالغان.

ئاقسۇغا كەلگەندىن كېيىن ئەھۋال تېخىمۇ غەلىتىلىشىشكە باشلىغان. بۇ ئەھۋالنى ئەنەس مۇنداق بايان قىلدى: «سىنارىيەنىڭ ئىككىنچى قىسمى ئاقسۇدا باشلاندى. شۇنچە چوڭ پويىز ئىستانسىسىدا پەقەت بىر تاللا تاكسى بار ئىدى، خۇددى بىزنى ساقلاپ تۇرغاندەكلا. ئۇ تاكسىنىڭ ئارقىسىدا بىرى ئاق رەڭلىك يەنە بىرى قارا رەڭلىك ئىككى ماشىنا بار ئىكەن. تاكسى شوپۇرى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ رەڭگى خۇددى ئۆلۈكتەك ئاپئاق تاتىرىپ كەتكەنىدى. ئۇ كىشىگە ساقچىلار نېمىلەرنى دېدى، بىر ئاللاھ بىلىدۇ. بىزگە بېشىنى كۆتۈرۈپ بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى. بىزنى ئۇيغۇرلار بار بىر مېھمانخانىغا ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتتۇق، بىلمەيمەن، دېدى ۋە بىزنى كېچىلىك بەزمىخانىغا ئوخشايدىغان بىر كېچىك مېھمانخانىغا ئاپىرىپ قويدى. بىز بۇ يەردە تۇرمايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ باشقا ياخشىراق بىر مېھمانخانىغا ئاپىرىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدۇق. باشقا بىر مېھمانخانىغا باردۇق. لېكىن ئۇلار پاسپورتىمىزنى كۆرۈپلا بىزنى قوبۇل قىلمىدى. بىز مۇشۇنداق قىلىپ ئۈچ تۆت مېھمانخانىغا باردۇق، ھەممىسى كىملىكىمىزنى كۆرگەندىن كېيىن، ‹يەر يوق› دەيدۇ. ھەتتا بىز ئاقسۇدىكى ئەڭ چوڭ، ناھايىتى قىممەت بىر مېھمانخانىغا باردۇق، ئۇلارمۇ ‹ئورۇن يوق› دېدى. ھالبۇكى، قايسى مېھمانخانىغا بارساق بىر تېلېفون كېلىشى بىلەنلا ئوخشاش سۆزنى تەكرارلىدى.»

ئۇلار ئاخىرى ئۆزلىرىگە «ئورۇن يوق» دېگەن مېھمانخانا خادىمىدىن «ئورۇن بار» باشقا بىر مېھمانخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مېھمانخانا خادىمى ئاخىرى ئۇلارغا بىر مېھمانخانىنىڭ ئادرېسىنى بەرگەن ۋە ئاشۇ مېھمانخانىنىڭ ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقنى ئېيتقان. ئۇلار ئاشۇ ئادرېستىكى مېھمانخانىغا بارغان. بۇ قېتىم مېھمانخانىدىن ياتاق ئېلىش ئۈچۈن سىنان ئۆزى يالغۇز كىرگەن.

سىنان مېھمانخانىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى مۇنداق ئاڭلاتتى: «بۇ كىرگىنىمىز بەشىنچى مېھمانخانا ئىدى. كۈتۈۋېلىش ئۈستىلىدە ئىككى ئايال ئىشلەۋاتقانىكەن. بىرسىنىڭ ئالدىدا خېرىدار بار ئىدى. مەن يەنە بىرسىنىڭ ئالدىغا باردىم. ئۇ ئايال ئۇيغۇر ئىدى. كەينىمىزدىن كەلگەن ئىككى كىشى دەرھال يەنە بىر خېرىدار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ئايالنى چاقىرىپ ئېچىدىكى بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى. چىققاندىن كېيىن ئۇ ئايال مېنىڭ ئالدىمدىكى ئايالغا بىر نېمىلەرنى دەپ ئىشارەت قىلدى. مېنىڭ ئالدىمدىكى ئايالنىڭ دەرھال رەڭگى ئۆڭۈپ قولى تىترەپ كەتتى. ئۇ ئىككى كىشى ئاشۇ زالدا بىزگە قاراپ ئولتۇراتتى. مەن مېھمانخانا سىرتىدا ساقلاپ تۇرغان دوستلىرىمنىڭ يېنىغا باردىم، دېدىمكى، بىر ياخشى، بىر يامان خەۋىرىم بار. ياخشى خەۋەر شۇكى، بىزگە بۇ مېھمانخانىدىن ياتىدىغان يەر چىقتى؛ يامان خەۋەر شۇكى، بىزگە پويىز ئىستانسىدىن تارتىپ ئەگەشكەن ئىككى ساقچى مېھمانخانا زالىدا بىزنى ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ.»

شۇنداق قىلىپ، ئۇلار مېھمانخانىدىن ئورۇن تاپقىنىغا خۇشال بولۇشقان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئايال خادىم ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنى تەكشۈرگەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭ قولى بىنورمال بىر شەكلىدە توختىماي تىترىگەن. ئۇ ئايالنىڭ ئالدىدا بىر ۋاراق قەغەز بار بولۇپ، شۇ قەغەزگە قاراپ ئۇلاردىن ئايرودۇرۇمدا سورالغان سوئاللارغا ئوخشاش سوئاللارنى سورىغان.

گېرمانىيەلىك ياشلارنىڭ ئاقسۇ زىيارىتى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى، ئاقسۇ
گېرمانىيەلىك ياشلارنىڭ ئاقسۇ زىيارىتى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى، ئاقسۇ
Enes Kaplı/Sinan Çoban

ئۇلار ياتاققا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن دېرىزىدىن سىرتقا قارىغاندا، مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ئىككى قارا ماشىنىنىڭ تۇرغانلىقنى، ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئۈچ تۆت كىشىنىڭ ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇلار بىر بىرسىگە تەسەللىي بېرىشىپ قورقماسلىق، تېلېفون ۋە فوتو ئاپپاراتلىرىدىكى سەزگۈر رەسىملەرنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىش، ئەگەر ئايرىم سوراق قىلىنىپ قالسا نېمىلەرنى دېيىش ھەققىدە ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىۋالغان، ئاندىن كېيىن ئۇخلاپ قىلىشقان. ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇلار مېھمانخانا زالىغا چۈشكەندە، ئاخشامقى ئىككى ساقچىنىڭ ئۇ يەردە ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇلار بۇنچە قاتتىق كونتروللۇقنىڭ ئاستىدا پۇت-قولىنى چۈشەپ قويغاندەك ھېس قىلىشقان.

سېنان مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئارقىمىزغا كېرىۋالغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ سەۋەبىدىن بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن پىلانلىغان ئىشلىرىمىزنىڭ ھېچقايسىنى قىلمايدىغان بولدۇق. ھەتتا كوچىدا ماڭغاندا ھېچكىمگە گەپ قىلمايدىغان بولدۇق. تارىخىي يەرلەرگىمۇ بارمايدىغان بولدۇق. بەلكىم بىلىسىز، ئاقسۇدا مەشھۇر بىر مازارلىق بار ئىدى، ھازىر ئورنىغا باغچە سېلىنغان. ئۇ يەرگە بېرىشنى پىلان قىلغان بولساقمۇ، لېكىن بۇ پىلانىمىزنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇردۇق. ئۆزىمىزنى ناھايىتى قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدا ھېس قىلدۇق. نورمال ساياھەتچىدەك يەپ-ئىچىپ ئايلىنىدىغان بولدۇق. قايسى تاكسىغا ئولتۇرساق، ھەر دائىم بىر تېلېفون كېلىدۇ. شوپۇر ‹ھە، ھە، ماقۇل، ماقۇل› دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ ماڭىدۇ. باشتا بىز ماڭغان تاكسىنىڭ ئارقىسىغا ئىككى ماشىنا چۈشەتتى، كېيىنچە تۆت ماشىنا چۈشىدىغان بولدى. ئاخىرىقى قېتىمدا ئالتە ماشىنا چۈشتى. يەنى ئالتە ماشىنا بىز تۆت ياشنىڭ ئارقىسىغا چۈشكەنىدى. بىز نەگە بارساق، ئۇلار شۇ يەردە بار ئىدى. »

ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ساقچىلار ئۇلار ئاشخانىغا كىرسە ئاشخانىغا، ماگىزىنغا كىرسە ماگىزىنغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن سوڭدىشىپلا يۈرگەن. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا نېمە قىلارىنى بىلمىگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق نازارەت سىستېمىسىنى بىۋاسىتە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

ئۇلار كۇچا ۋە ئاقسۇدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى مۇشۇنداق ئېغىر بېسىم ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرۇپ، 5-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىشقا ھازىرلانغان. ئۇلار ئاقسۇ پويىز ئىستانسىغا بېرىش ئۈچۈن تاكسى چاقىرغان. ھالبۇكى، مېھمانخانىدىن چىققاندىن تارتىپ ئۇلار ئولتۇرغان تاكسىنىڭ ئالدىدا ئىككى، يان تەرەپتە ئىككى، ئارقىسىدا ئىككى بولۇپ جەمئىي ئالتە ماشىنا تاكسىنى قورشاۋغا ئېلىپ ماڭغان. ئۇلار پويىز ئىستانسىسىغا كەلگەندە، ئۇلارنى يول بويى كۆزىتىپ كەلگەن كىشىلەرمۇ ئالتە ماشىنىدىن چۈشكەن (كەچ بولغاچقا ئۇلارنىڭ جەمئىي قانچە كىشى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلمىگەن). بۇ كىشىلەر تاكى پويىز قوزغالغۇچە ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغان.

شۇنداق قىلىپ، ساقچىلار كۇچا بېكەتتە ئۇلارنى قانداق كۈتۈۋالغان بولسا، يەنە شۇنداق شەكىلدە ئاقسۇ پويىز ئىستانسىسىدىن قاتتىق نازارەت ئىچىدە ئۇلارنى قەشقەرگە ئۇزىتىپ قويغان. گېرمانىيەلىك تۆت نەپەر تۈرك ياش ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھىتىنىڭ ئاخىرىقى بېكىتى بولغان قەشقەردە نېمىلەرنى كۆردى ۋە قانداق كۆڭۈلسىز ماجىرالارغا دۇچ كەلدى؟ بۇنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار پىروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسىمدا بولغاي.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.