گېرمانىيەلىك تۈرك ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئون كۈنلۈك زىيارىتى (5) -قەشقەر
2024.07.12

ئەنەس كاپلى (Enes Kaplı) ۋە سىنان چوبان (Sinan Çoban) قاتارلىق گېرمانىيەلىك تۆت نەپەر ياش 28-ماي كۈنى كەچتە ئاقسۇدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئاقسۇدىن قەشقەرگىچە بولغان ئالتە سائەتلىك پويىز سەپىرىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئەنەس شۇ جۈملىلەر بىلەن سەپىرىنى يىغىنچاقلىدى: «مەن ئولتۇرغان ۋاگون ئالتە كىشىلىك ياتاقلىق ۋاگون ئىدى. ھېچكىم ماڭا گەپ قىلمىدى. ئۇدۇلۇمدىكى ياتاققا بىرى كېلىپ ئولتۇردى، ھېچ ئۇخلىمىدى. قولىدىكى تېلېفونىدا بىر نېمىلەرنى قىلىپلا ئولتۇردى. مەن دوستلىرىم بىلەن پاراڭلاشقىلى ئارقىدىكى ۋاگونغا بارغىنىمدا ئۇ بىزگە قاراپلا تۇردى. مېنىڭچە ئۇ ساقچى، لېكىن ئىسپاتىم يوق. ئاشۇنداق سەپەر قىلىپ قەشقەرگە كەلدۇق.»
ئەنەس ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى قەشقەر بېكىتىدە ۋە ئۆزلىرى چۈشكەن مېھمانخانىدا ئاقسۇدىكىگە ئوخشاشلا بىرلىرىنىڭ ئۆزىگە سايىدەك ئەگىشىپ يۈرگەنلىكىنى بايقىغان. ئەمما قەشقەر ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخىرقى بېكىتى بولغاچقا قانداقلا بولمىسۇن كۆرۈشنى پىلان قىلغان ئورۇنلارغا بېرىشنى قارار قىلىشقان. ئۇلارنىڭ تىزىملىكىدە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى، مەھمۇد قەشقىرى مازىرى ۋە ئەلۋەتتە ھېيتگاھ جامەسى بار ئىكەن.
ئۇلار ئالدى بىلەن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسىگە بارغان. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، مەقبەرە جايلاشقان يېزىغا كېرىش يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا قىزىل بايراقلار، خىتايچە لوزۇنكىلار زىچچىدە ئېسىلغان، ھەممە يەرگە كامېرا ئورنىتىلغانىكەن. ئۇلار مەقبەرىگە يېتىپ كەلگەندە، ئۈچ ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئۇ يەردە تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. ھالبۇكى مەقبەرىنىڭ ئەتراپىدا ئۇلاردىن باشقا چەت ئەللىك ساياھەتچىمۇ يوق ئىكەن. مەقبەرىنىڭ ئۈچ ئىشىكى بار بولۇپ، ئۈچىلىسى تاقاقلىق ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەقبەرىگە قارايدىغان بىر قىرى موماي بار بولۇپ، ئۇلار مومايدىن كىرىش ئۈچۈن ئىجازەت سورىغىنىدا، موماي كېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىشارەت قىلغان. ھېلىقى مەقبەرىگە ئۇلاردىن بالدۇر كەلگەن ساقچىلارمۇ ئۇلارغا ھېچنېمە دېمەستىن يىراقتىن ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغان.
ئۇلار مەقبەرىگە كىرەلمىگەندىن كېيىن، ئەتراپنى ئايلانغان. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئەتراپتىكى باشقا مازارلىقلارمۇ بەك ۋەيرانە ھالدا ئىكەن. ئۇيغۇرچە خەتلەر يېزىلغان مازار تاشلىرىدىكى خەتلەر ئۆچۈرۈلۈپ، ئۈستىگە خىتايچە خەتلەر يېزىلغانكەن.
ئۇلار مەھەللىنى ئايلىنىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىر قىزىل ماشىنا كېلىپ توختاپ، ئىچىدىن بىر ئۇيغۇر، بىر خىتاي چۈشكەن. ئۇلار ئەنەسلەرگە «بىزنىڭ مۇشۇ يەردە ئۆيىمىز بار، كېلىڭلار، سىلەرنى ئۆيىمىزدە مېھمان قىلايلى» دېگەن. ئەنەس ۋە دوستلىرى «ياق» دەپ يولىنى داۋام قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭغان. تۆت ياش بۇنىڭدىن قاتتىق راھەتسىز بولغان ۋە ئۇلارغا ۋارقىرىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزىل ماشىنا ئاستا-ئاستا غايىب بولغان.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مەقبەرىسىگە كېرەلمىگەن. ئەنەس ۋە دوستلىرى شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بىرى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن ئۇلۇغ زاتنىڭ مەقبەرىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىچىگە كىرەلمىگەنلىكىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىشقان. ئەنەس ئەينى ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىنى مۇنداق ئىپادىلىدى: «سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مازىرىنى پەقەت ئۇزاقتىن كۆردۇق. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنى قۇرغان كىشىدۇر. دەۋلەت باغچەلى، ئەردوغان، خاقان فىدان شەرقى تۈركىستانغا كەلدى، لېكىن ھېچبىرى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تۇپراق بېشىغا كەلمىدى. مەن دوستلىرىمغا بۇ يەرگە كېلىشىمىزنىڭ نەقەدەر مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. بۇ مەقبەرە ھەققىدە ھېچقانداق بىر مەلۇمات بېرىلمىدى. شۇنچە ئۇلۇغ بىر زات ياتقان جاي بۇزۇۋېتىلدىمۇ، بارمۇ-يوقمۇ، ھېچ خەۋىرىمىز بولمىدى. بىز يىراقتا تۇرۇپ بولسىمۇ، تۇپراق بېشىدا ياسىن ئوقۇدۇق، دۇئا قىلدۇق. »
سېنان، ئەنەسنىڭ سۆزلىرىگە قوشۇمچە قېلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىدى، چۈنكى ئەمدى كىم ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىدۇ؟»
راھىلە داۋۇتنىڭ »ئۇيغۇر مازارلىرى» ناملىق كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خانلىقىغا ئاساس سالغۇچى بىلگە كۆل قادىرخاننىڭ نەۋرىسى، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ 3-ئەۋلاد خاقانى ھەمدە خانلىقتا تۇنجى بولۇپ ئۆلىما ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئۇيغۇر قاغانى. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان ۋاقىتتا (مىلادىيە 943\ 942? ? 955\956-يىللىرى) ئىسلام دىنىنى تارقىتىش جەھەتتە زور كۈچ چىقارغان ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ھىجرىيە 344-يىلى (مىلادىيە 955\956-يىلى) ۋاپات بولغان. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى (يەرلىكلەر ھەزسۇلتان مازىرى دەپ ئاتىشىدۇ) ئاتۇش شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سۈنتاغ يېزىسى مەشھەت كەنتىگە جايلاشقان. قەبرىستانلىقتا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسى (گۈمبىزى) دىن باشقا يەنە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ مەقبەرىسى ۋە باشقا ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىلىرىمۇ بار.
ئۇلار سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مەقبەرىسىدىن قايتىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسىگە بارغان. مەزكۇر مەقبەرىگە بۇ يىل ئىيۇندا يەنى ئەنەسلەردىن بىر ھەپتە كېيىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاكان فىدانمۇ بارغانىدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار بارغاندا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسىنىڭ تاملىرىدىكى گەج-سۇۋاقلار تۆكۈلۈپ كەتكەن، ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەبچە خەتلەر ئۆچۈرۈلگەن، يەنى ۋەيرانە ھالەتتە ئىكەنتۇق. ئەمما خاقان فىدان بارغاندا تارتىلغان ۋىدىيولارغا قارايدىغان بولساق، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسى خۇددى يېڭىدىن سېلىنغاندەك پاكىز، مەقبەرىگە يېزىلغان خەتلەرنىڭمۇ قايتىدىن بويالغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. زىيارىتىمىز جەريانىدا ئەنەس ۋە سېنانلار بۇ ھەقتە چاقچاق قىلىشىپ، خاقان فىدان يىلدا بىر قانچە قېتىم مۇشۇنداق تارىخى يەرلەرگە زىيارەتكە كەلسە بولغۇدەك، دېيىشتى.
ئۇلار كۈن پېتىشتىن بۇرۇن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مازىرىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان. ئۇلار مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا، مەقبەرىنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقانلىقى سەۋەبى بىلەن يەنە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مازىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەقبەرىنىڭ ئىچىگە كېرەلمىگەن. ئەمما يەنە مەقبەرىنىڭ تېشىدا تۇرۇپ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇغان، دۇئا قىلغان.
ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مەقبەرىسىنىڭ يېنىدىكى مەسچىت ۋە مەسچىت ھويلىسىدىكى مەدرىسىلەرنىڭ ئىشىكلىرى تۇيۇقتا ۋە كۇچادا كۆرگەن مەسچىتلەرگە ئوخشاشلا قۇلۇپلانغان ئىكەن. ناماز ۋاقتىدىمۇ مەسچىت ھويلىسىدا بولسىمۇ ناماز ئوقۇۋاتقان ھېچكىمنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. بۇ يەرلەر پەقەت ساياھەتچىلەر كېلىپ ئايلىنىپ، رەسىمگە چۈشىدىغان مۇزېيغا ئايلاندۇرۇلغان.
ئۇلار ئەتراپنى بىرەر قۇر ئايلانغاندىن كېيىن قەشقەر شەھەر ئىچىگە قايتقان ۋە ھېيتگاھ مەسچىتىدە ناماز ئوقۇشنى پىلانلىغان. ئەنەسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆتكەن يىلى كەلگەن ۋاقتىدا ھېيتگاھ مەسچىتىدە ناماز ئوقۇغانىكەن، بۇ قېتىممۇ دوستلىرى بىلەن ئۇ يەردە بىر ۋاق نامازنى بىللە ئوقۇشنى كۆڭلىگە پۈككەنىكەن.
ئۇلار شام نامىزىدىن يېرىم سائەت بۇرۇن مەسچىتنىڭ ئالدىغا بارغان بولۇپ، 35 يۈەن تۆلەپ ئىچىگە كىرگەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار قاتار سەپ بولۇپ نامازغا تۇرغاندا مەسچىتنىڭ قاراۋۇلى كېلىپ «ھازىر ناماز قىلىشقا بولمايدۇ. يېرىم سائەتتىن كېيىن كېلىڭلار» دەپ چىقىرىۋەتكەن. يېرىم سائەتتىن كېيىن مەسچىتنىڭ ئالدىغا قايتا كەلگەندە، ئۇ يەردە تۇرغان ساقچىلار ئۇلارنىڭ كېرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان.
ئۇلار مەسچىتكە كىرەلمىگەندىن كېيىن ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، ئۇ يەردە «يۈز يىللىق قەھۋەخانا» دەپ يېزىلغان بىر قەھۋەخانىغا كىرگەن. قەھۋەخانىدا ئۇيغۇرچە لىرىك مۇزىكىلار قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار قەھۋەخانا خوجايىنىدىن ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ «يوق-يوق» ناملىق ناخشىسىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغىنىدا، ئۇ: «ئىجازەتنامە يوق» دېگەن.
ئۇلار غۇلجا، ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە ئاقسۇلاردا ئايلانغانغا ئوخشاش، قەشقەرنىڭمۇ كەچلىك بازارلىرىنى ئايلانغان. پۈتۈن بۇ كەچلىك مەنزىرىلەرنىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان تەسىرىنى ئەنەس مۇنداق تەسۋىرلىدى: «كوچىدا يۈرۈۋاتقان كىشىلەر خۇددى ماشىنا ئادەمگە ئوخشايتتى. بۇرۇن بىز ئوينايدىغان ئارقىسىنى بۇراپ قويسا ئايلىنىدىغان بىر ئويۇنچۇقلار بار ئىدىغۇ، بۇ بازاردىكى ئۇيغۇرلار ئاشۇ سەھنىنىڭ ئۈستىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان قونچاقلارغا ئوخشايتتى. بىز كۆرگەن مەنزىرىدە ھەممە نەرسە گۈزەل ۋە نورمالدەك، خۇددى بىر ئويۇنچۇقنىڭ بىر قانچە سائەتلىك ئارقىسىنى بۇراپ قويغان ۋە بۇ ئويۇنچۇقنىڭ ئۈستىدىكى ئۇيغۇرلار ئويۇنىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىدىغاندەك كۆرۈنەتتى.»
ئۇلار ئەتىسى بىر كۈن قايتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشقا باشلىغان، يەنى بۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئىدى.
ئۇلار قەشقەرنىڭ مەركىزىدىكى بازارلارنى ئايلىنىپ يۈرگەندە، بازارنىڭ ئەتراپىدىكى ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرغان ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى كۆك كۆڭلەك كىيىۋالغان بىر كىشى ئۇلارغا سالام قىلغان. ئۇلار ئۇ كىشىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇيغۇرچە-تۈركچە ئارىلاش پاراڭلاشقان. ئەنەس ئۇ كىشىگە ئۆزى ئۆگىنىۋالغان ئەخمەتجان قاسىمىغا ئائىت بىر شېئىرنى ئوقۇغان ۋە كۈلۈشۈپ خوشلاشقان. ئەمما ئۇلار ئۇ كوچىدىن ئايلىنىپ قايتقاندا بۇ كىشى ئۇلارنى كۆرۈپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالغان. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار بۇ كىشىنى خاقان فىداننىڭ قەشقەردىكى زىيارىتى ھەققىدە چىققان خەۋەرلەردىكى رەسىملەردە كۆرگەن. ئۇلار ئۇ كىشىنىڭ خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ ئۇچىسىدا ئاشۇ كۆك كۆڭلىكى بارلىقىنى ئەسكەرتىشتى.
ئۇلار قەشقەردىكى ئاخىرقى بىر كۈنىنى يەنە ھەر يەردىكىگە ئوخشاش ئەتراپىدا كۆرۈنۈپ كۆرۈنمەي ئەگىشىپ يۈرگەن ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە بازار ئايلىنىپ تۈگەتكەندىن كېيىن، كېچىدە ئوبدان بىر ئۇخلاپ ئەتىسى ئەتىگەندە تىنچ-ئامان دۆلىتىگە قايتىشنىڭ خىيال قىلىپ مېھمانخانىسىغا قايتىدۇ. ئەمما قەشقەردىكى ئاخىرقى كېچە ئۇلار ئويلىغاندەك تىنچ ئۆتمەيدۇ.
سېنان قەشقەردىكى ئاخىرقى كېچىدە بولغانلارنى ئەسلەپ ئۆتتى: «بىز ئوخشاش مېھمانخانىدا ئىككى كۈن قالدۇق. ئىككىنچى كۈنى ئاخشىمى يېرىم كېچىدە، يەنى سائەت بىرلەر ئەتراپىدا ياتىقىمىزنىڭ تېلېفونى جىرىڭلاپ كەتتى. نورمالدا ئۇ يەردە ئىنگلىزچە گەپ قىلىدىغانلارنى، بولۇپمۇ راۋان ئىنگلىزچە سۆزلەيدىغانلارنى كۆپ ئۇچراتمىغانىدۇق. تېلېفوننى ئالغىنىمدا مۇكەممەل ئىنگلىزچە سۆزلەيدىغان بىرى بىزنىڭ پاسپورتىمىزدا بىر مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە پاسپورتلىرىمىزنى ئېلىپ زالدىكى كۈتۈۋېلىش ئورنىغا دەرھال چۈشۈشىمىزنى ئېيتتى. مەن پاسپورتلارنى ئېلىپ ئۆزۈملا چۈشتۈم. زالدا ئىككى ساقچى بىزنى ساقلاپ ئولتۇرغانىكەن. ئۇ ساقچى مۇكەممەل ئىنگلىزچە بىلەن، ئۆزىنى تونۇشتۇردى. ئۇ قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى (Kashgar Police Department) ) نىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچقانداق بىرى ئۆزىنى تونۇشتۇرمىغانىدى. ئۇ بىزنىڭ پاسپورتىمىزدا بىر مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى، شۇڭا بىزنى چاقىرتقانلىقىنى، خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقىمىزنى ئېيتتى. ئۇ بىزنىڭ پاسپورتلىرىمىزنى ناھايىتى ئەستايىدىل تەكشۈردى. بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ قېتىم تەكشۈرۈلگەنىدۇق، لېكىن بۇ ساقچى راستتىنلا باشقىچە ئىدى. ئۇ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قاراپ: ‹بۇ تەكشۈرۈشىمىزنى خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ سىلەردىن سورايدىغان بىر قانچە سوئالىم بار، دوستلىرىڭىزغا ئېيتىڭ، ئۇلارمۇ چۈشسۇن. ئازراق پاراڭلىشايلى› دېدى. مەن ‹ئەلۋەتتە چاتاق يوق› دەپ دوستلىرىمغا تېلېفون قىلدىم ۋە ئەھۋالنىڭ بىرئاز چاتاقلىقىنى، لېكىن قورقماسلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنىڭمۇ زالغا چۈشۈشىنى ئېيتتىم. ساقچى بىزدىن ئايرودۇرۇمدا سورالغان سوئاللارغا ئوخشاش، نەدىن كەلگەنلىكىمىز، كىم ئىكەنلىكىمىز، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمىز ۋە نېمىشقا كەلگەنلىكىمىز دېگەندەك ئىنچىكە سوئاللارنى سورىدى. كېيىن ئۇ بىزنىڭ مۇخبىر ياكى ئەمەسلىكىمىز، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان ۋىدىيولىرىمىز ھەققىدە سورىدى. بىز مۇخبىر ئەمەسلىكىمىزنى، بىزنىڭ پەقەت بۇ يىپەك يولىدىكى شەھەرلەرنى ساياھەت قىلىشقا قىزىقىدىغان نورمال ساياھەتچى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتتۇق. ئۇ يەنە قايتىلاپ، ئەگەر يالغان گەپ قىلىپ مۇخبىرلىق قىلىۋاتقان بولساق، ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. مەن ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن، بىزنىڭ پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغان ساياھەتچى ياشلار ئىكەنلىكىمىزنى تەكىتلىدىم. ئۇ ئاخىرىدا گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ‹خەۋەر› توغرىسىدا بىر كېلىشىمنىڭ بارلىقىنى، كېلىشىمگە ئاساسەن بىزنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى خەۋەر ئىشلىشىمىزنىڭ رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ساقچى ۋە ساقچى پونكىتلىرىنى، ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بىنالىرىنى رەسىمگە تارتىشنىڭ پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىكى تەلەپپۇزى ناھايىتى كەسكىن ئىدى ۋە يەنە توختىماي ‹بۇ ئەھۋالنى خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن› دەپ تەكرارلايتتى. ئۇ بىزنىڭ پاسپورتلىرىمىزنى رەسىمگە تارتتى. ئۇ قارىماققا بىزنى قورقۇتۇپ قويماقچى بولغاندەك قىلاتتى. بۇ يېرىم كېچىدە چاقىرتىشىغا قارىغاندا ئۇ بىزگە پىسخولوگىيەلىك تاكتىكا ئىشلەتكەنىدى، يەنى بۇ چاغدا ھەم ئەندىشە ھەم جىددىيلىشىپ كەتكەندىن كېيىن كىشى كاللىسىدا بارنى دەۋېتىدۇ، دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك.»
ساقچىلار ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى قەتئىي خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، پاسپورتلىرىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. ئۇلار ئۇلۇغ بىر كېچىك تىنغاندىن كېيىن، ياتاقلىرىغا قايتىشقان ۋە 31-ماي كۈنى ئەتىگەندە ئايرودۇرۇمغا كەتكەن.
ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئايرودۇرۇمدا بىر چاتاق چىقمىغان. ئەنەسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى قايتىشىدا خىتاي دائىرىلىرى ئايرودۇرۇمدا تېلېفون ۋە باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋابلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، نۇرغۇن رەسىم ۋە ۋىدىيولىرىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن بولغاچقا، بۇ قېتىم بەزى ئاماللارنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغان.
سېنان زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىردا مۇنداق دېدى: «غۇلجا، ئۈرۈمچىدە بولسۇن ياكى تۇيۇق، كۇچا، قەشقەردە بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال كۆرۈنگەن ھاياتىنىڭ ھەممىسى يالغان ئىدى. ساياھەت رايونلىرىدا ھەممە يەردە ئۇيغۇرلارنى خىتايلارغا ئۇسۇل ئوينىغىلى سالىدىكەن ‹بىز مۇشۇنداق ياشاۋاتىمىز، ھايات گۈزەل› دەپ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھەممىسى يالغان.»