سىنان چوبان (Sinan Çoban) بىلەن مەخسۇس سۆھبەت

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.07.17
Sinan-Choban-1024 گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتىدە بوغالتىرلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سېنان چوبان. 2024-يىلى، تۇرپان
Sinan Çoban

ئەنەس كاپلى (Enes Kaplı) ۋە سىنان چوبان (Sinan Çoban) قاتارلىق گېرمانىيەلىك تۆت ياشنىڭ بۇ يىل 22-مايدىن 31-مايغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا، ئۈرۈمچى، تۇرپان، ئاقسۇ ۋە قەشقەر قاتارلىق شەھەرلىرىدە قىلغان زىيارەتلىرى جەريانىدا كۆرگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى بۇ ھەقتە ئىشلەنگەن بەش قىسىملىق پىروگراممىمىزدا تەپسىلىي ئاڭلاتقان ئىدۇق.

سىنان زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىردا پۈتۈن كۆرگەن-ھېس قىلغانلىرىنى مۇنداق خۇلاسىلىگەنىدى: «غۇلجا، ئۈرۈمچىدە بولسۇن ياكى تۇيۇق، كۇچا، قەشقەردە بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال كۆرۈنگەن ھاياتىنىڭ ھەممىسى يالغانىدى. ساياھەت رايونلىرىدا ھەممە يەردە ئۇيغۇرلارنى خىتايلارغا ئۇسۇل ئوينىغىلى سالىدىكەن ‹بىز مۇشۇنداق ياشاۋاتىمىز، ھايات گۈزەل› دەپ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھەممىسى يالغان.»

بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن سېنان چوبان نۆۋەتتە گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىدىن بىرسىدە بوغالتىرلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئىشىدىن سىرت يەنە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا زۇلۇم كۆرۈۋاتقان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇ بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىشتىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن پەلەستىنگىمۇ بارغان ئىكەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى پەلەستىنلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن ھاياتىمدا بۇنداق زۇلۇمنى كۆرمىدىم…»

سىنان بىلەن ئېلىپ بارغان مەخسۇس سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.