«ئۇيغۇر سەنئەت كۆرگەزمىسى» گە يانداشقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مۇھاكىمە يىغىنى باشلاندى
2024.12.05
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمىي خەلقلەردىن بولغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخىدا دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆزلىرىنىڭ كۆپلىگەن سەمەرىلىك مىراسلىرىنى قوشۇپ كەلگەنلىكى بىلەن ئورتاق ئېتىراپقا ئېرىشىپ كەلگەن. ئەنە شۇ دۇردانىلەرنىڭ بىرى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن مىڭ ئۆي رەسىملىرىدە ئەكس ئەتكەن رەسساملىق سەنئىتى بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشاللىقى، قايغۇسى، شۇنىڭدەك ھاياتقا بولغان تۈرلۈك ئارزۇلىرى ئەكس ئېتىدۇ. بولۇپمۇ 2000-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە تەدرىجىي يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىغان زۇلۇم شەكىللىرى ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئىتىدىمۇ تېگىشلىك دەرىجىدە ئۆز ئەكسىنى تاپقان.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ساھىپخانلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر سەنئەت كۆرگەزمىسى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 4-دېكابىردىكى تۇنجى كۈنلۈك پائالىيىتى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى مۇزېيى» غا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. يىغىندا دەل مۇشۇ مىراسلاردىن كىچىككىنە ئۆرنەكلەر كۆرسىتىلىپ، ھازىرقى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەمدە بۇ جەھەتتىكى تونۇشنى قانداق ئۆستۈرۈش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىن رىياسەتچىسى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى گۈلنار ئەزىز بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ ئۆزى بۇ جاينى دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ماكاننىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى، بۇنى ئۇيغۇر فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ پائالىيەت سورۇنىدىكى ئېكراندا كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان فوتو سۈرەتلىرىدىن بەكمۇ روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما مۇشۇنداق گۈزەل بىر ماكاندا ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇملارنىڭ بۇ ھالغا ئېغىر زۇلمەتنىڭ شولىسىنى تاشلاۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. يىغىن زالىغا ئايلاندۇرۇپ تىزىلغان ماي بوياق رەسىملەردىن تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ئەخمەتجان ئەخەت، مەمەتجان جۈمە ۋە گۈلناز تۇرسۇننىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بولسا بۇ خىل رېئاللىقنى تەستىقلىغان ھالدا ئالاھىدە كۆزگە تاشلىناتتى.
كۆرگەزمە ئۈچۈن تىزىلغان ماي بوياق رەسىملەرنىڭ ئاددىيلا سەنئەت ئەسىرى ئەمەسلىكىنى يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەن دوكتور رىشات ئابباس ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، تېببىي پەنلەر دوكتورى رىشات ئابباسنىڭ قارىشىچە، بۇ رەسىم ئەسەرلىرى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مول مەنىۋى بايلىقىنى نامايان قىلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇڭا ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقتا بۇ رېئاللىقنى تونۇپ يېتىش ھەمدە قارشىلىق روھىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەم ئېلىش تېخىمۇ مۇھىم.
رەسسام ئەخمەتجان ئەخەت، مەمەتجان جۈمە ۋە گۈلناز تۇرسۇن شۇ قاتاردا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ ئۆز رەسىملىرىدە ئەكس ئەتكەن مەزمۇنلار ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە چۈشەنچە بەردى. قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان رەسسام گۈلناز تۇرسۇن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدە ئۆزىدىن تولىمۇ ئۇزاق بولغان ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان مۇھەببەتنى يېتىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ بۇ ھەقتىكى تونۇش ۋە چۈشەنچىلەر يېتەرلىك بولدى، دېيىشتىن تېخى كۆپ ئۇزاق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم غەرب پارلامېنتلىرى بۇ ھالنى «قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ بۇنىڭغا قارشى ئېلىنغان كونكرېت قەدەملەر كۆپ ئەمەس. بۇ ھال ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش) خەلقئارا تەرەققىيات ئىدارىسى (USAID) نىڭ خادىمى براين ۋوت (Brian Vogt) نىڭ بايانلىرىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىق دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئوخشىمايدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ۋە كىملىك جەھەتتىن يوقىتىلىش قىسمىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىشى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر كىملىكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە باشقا ساھەلەردىكى يوقىلىشقا زور دەرىجىدە يوچۇق ئېچىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىش يولىدا ۋۇجۇدقا چىقارغان تىرىشچانلىقلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتاب تۈزۈش، ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئانا تىل تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش، يازلىق ئانا تىل لاگېرى تەشكىللەش قاتارلىقلار زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئانا تىل توغرىسىدىكى خىرىسلار توغرىسىدا سۆز بولغاندا درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى رېبەككە كلوسىي خانىممۇ ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىل ساقلىنىپ قېلىشى شەرت. تىل ئەسلىگە كەلسە مەدەنىيەتمۇ تەبىئىي ھالدا ئەسلىگە كېلىدۇ. شۇڭا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىدە ئۇيغۇرچە مۇھىت يارىتىشى، ھاكىمىيەت يار-يۆلەك بولغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، جۈملىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئوخشاش قاناللاردىن پايدىلىنىش، شارائىت يار بەرگەن مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە پىروگراممىلارنى تەسىس قىلىشى مۇھىم چارىلەردىن ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارادا تېخىمۇ كۆپ ساھەگە تونۇشتۇرۇش نۆۋەتتىكى جىددىي خىزمەتلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىنىشى ئاخىرى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرگە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان دوكتور سوفى رىچاردسون خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنىڭدىكى تاكتىكا مەسىلىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى «مەسىلىنىڭ يىلتىزى نەدە؟ بۇ نېمە ئۈچۈن سىلەرگىمۇ مۇھىم؟» دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب بېرىش شەكلىدە تونۇشتۇرۇش، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەتلەرگە ۋە سىياسەتچىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر قانداق تەلەپلىرى بارلىقىنى ئابستراكت شەكىلدە ئەمەس، بەلكى كونكرېت تەلەپ شەكلىدە بىلدۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم. يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا يەككە ھالدا ئىش كۆرگەندىن ھەمكارلىق ئاساسىدىكى پائالىيەتكە يۈزلىنىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
ئۇيغۇر ھېمايىگەرلىكى مەسىلىسىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىرمۇ سوفى رىچاردسونغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا بولۇپ، ئۇنىڭ پىكرىچە سەپەرۋەرلىك ۋە بۇنىڭدا قوللىنىدىغان ئۇسۇللار توغرا بولغاندا ئىش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇھاجىرەت مۇھىتىدا ئۇيغۇر جامائىتىنى سەپەرۋەر قىلىشتا ئۇلارغا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پۈتۈن كارتىنىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن قىرغىنچىلىق قىلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي كىملىك ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى تەھدىت، دەپ قارايدىغانلىقى دېگەنلەرنى ئۇقۇشلۇق ۋە ئىخچام شەكىلدە بايان قىلىپ بېرىش زۆرۈر. شۇ ئارقىلىق خىتايلارنىڭ نەزىرىدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنى خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن ھايات-ماماتلىق مەسىلە. بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنى تولۇق يوقاتقاندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەل بولىدۇ» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش، ئاممىغا كوللېكتىپ ھەرىكەت ئارقىلىق ئىشەنچ تۇيغۇسى ئاتا قىلىش، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر كىملىكىنى جانلىق تەربىيە شەكلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىق قەدەملەرنى ئېلىش مۇمكىن. شۇڭا بۇ ساھەدە كۆپلىگەن خىرىسلار ۋە قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ بۇنىڭدا بەزى ئۇتۇقلار قولغا كەلتۈرۈلگەن: ھازىر رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان ئىككى لايىھە بۇنىڭ ئەڭ جانلىق ئىسپاتى.
ياشلارنى مۇشۇ يوسۇندا ئۇيغۇر داۋاسىغا جەلپ قىلىشنىڭ مىسالى قاتارىدا ئەنە شۇ خىلدىكى ياشلاردىن يېتىشىپ چىققان زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ ھايات كەچۈرمىشى يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ھازىر د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان زۇمرەتئاي ئەركىن مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئەنە شۇ خىلدىكى داۋا ئىشلىرىغا قىزىقىش، ياشلارنى تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇر داۋا سېپىدىكى ئاۋانگارت كۈچلەردىن بولۇپ قالغان.
ئۇيغۇر ھېمايىگەرلىكى ئىشلىرىدىكى قىيىنچىلىقلاردىن بىرى مەبلەغ مەسىلىسى بولۇپ، ئىزدەنگەندە بۇنىڭغا ھامان بەزى يوللار ئېچىلىدۇ. جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئېرىك شلۇسېل بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، مىسال قاتارىدا ئۆزلىرىگە تەقدىم قىلىنغان 950 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق نەق پۇل ھەدىيە سوممىسىنىڭ بانكىغا ئامانەت قويۇلغانلىقى، ئۇنىڭ يىللىق ئۆسۈمىنى ئۇيغۇر ھېمايىگەرلىكى ئىشلىرىغا سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
ئۇيغۇر ھېمايىگەرلىكى مۇھاجىرەتتە ئەنە شۇ خىل خىرىسلار ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقاندا «ئۇيغۇرلار بىلەن دىنداش بولغان ئىسلام ئەللىرى نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىدە سۈكۈتتە؟» دېگەن سوئال ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسنىڭ قارىشىچە، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى تولۇق كونترول قىلىۋالغان ئىسلام دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن بولىدىغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنىڭ راۋان بولۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق توغرىسىدا ئۆز خەلقىگە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەيدۇ. ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسمى ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «قۇرئان كەرىم» نى توپ-توپى بىلەن كۆيدۈرۈۋاتقانلىقىدەك پاجىئەدىن خەۋەرسىز. مۇشۇنداق رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلار مەمتىمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسىرىنى، يەنە بىر قىسىم تونۇشتۇرۇش ماتېرىياللىرىنى ئەرەبچە تەييارلاپ ئىسلام دۇنياسىدا تارقاتقان.
ئەنە شۇ خىل پىكىرلەر بىلەن يىغىننىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى باسقۇچى ئاياغلاشتى. يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى بۆلىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى ئون نەچچە كىشىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى يىغىن ئەھلىنى ھاياجانغا سالماقتا ئىدى.