يېڭى دوكلات ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىشىنىڭ دېتاللىرىنى ئاشكارىلىدى
2024.11.14

ھەسەن ئىمامنىڭ ئىزتىراپلىق ھاياتى، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىشى سەۋەبىدىن ئانىسىنىڭ قورسىقىدىنلا باشلانغان دېيىشكە بولاتتى. ئۇنىڭ بالىلىق ھاياتى ئائىلىسىنىڭ ئۇنى كىچىك ئىنىسى بىلەن يېزىلىق پىلانلىق تۇغۇت كادىرلىرىدىن قاچۇرۇش، كادىرلار تەكشۈرۈپ كەلسە، ھويلىسىنىڭ ئارقىسىدىكى سامانلىققا مۆكتۈرۈپ قويۇشى، دېگەندەك بىر قاتار «قېچىشلار» بىلەن ئۆتكەن. ئۇ ھېچبىر ۋاقىت ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇس دەپتىرى، كىملىك كىنىشكىسى، شۇنىڭدەك بانكا ھېسابى، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى دېگەندەك كىملىك تەلەپ قىلىدىغان كىنىشكىلارغا ئېرىشەلمىگەن. خىتاينىڭ شەھەر نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىككى پەرزەنتلىك، يېزا نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۈچ پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا تۇغۇلغان ۋە قاغىلىقتىكى بەش بالىلىق بىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ 4-پەرزەنتى بولغان ھەسەن ئىمام، پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلىشنىڭ بەدىلىنى 13 يېشىدا ھاشارغا تۇتۇلۇش بىلەن ئۆتەيدۇ.
ئۇنىڭ 2014-يىلى مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى قاتارىدا تايلاندقا قېچىپ چىققۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ھاياتى، ھېچقاچان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى، نازارىتى، تۇتقۇنى، تەھدىت، سوئال-سوراق، قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇشلاردىن خالى بولۇپ باقمايدۇ. بۇ خەتەر مەيلى ئۇنىڭ دادىسى ئۇنى ئۈرۈمچىگە ئەرەب تىلى ئۆگىنىشكە ئەۋەتكەن ياكى خوتەنگە يەر ئاستى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇشقا بارغان ۋاقىتلاردا بولمىسۇن، ھەمىشە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ خىتايدىن قېچىشى زور جاسارەت تەلەپ قىلسىمۇ، ئەمما شۇ قېتىملىق قېچىشتا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئوخشاشلا، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ھەقىقىي دىشۋارچىلىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ.
10-نويابىر كۈنى تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما (Nyrola Elima) بىلەن بېن مائۇك (Ben Mauk) نىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ژۇرنال سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئوقۇرمەنلەرگە ھەسەن ئىمام ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش 2013-يىلدىن 2015-يىلغىچە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق چەت ئەلگە قاچقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ كەچمىشى، چەت ئەلگە قېچىش سەۋەبى ۋە خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇزۇن قولىغا ئائىت تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاپ، غەرب سىياسىيونلىرىنىڭ تايلاند تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا بولغان دىققىتىنى تارتقان. دوكلاتتا، نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر مۇساپىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ چەت ئەلگە قېچىشىغا سەۋەب بولغان ئورتاق نۇقتىلىرىنى ئېنىقلاپ چىققان.
بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلاردىن بېن مائۇك 12-نويابىر بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مۇنداق دەيدۇ: «بىز شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق قاچاقچىلىق يولى بىلەن قېچىپ چىققان 30 دىن ئارتۇق كىشىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتايدىن قېچىشىغا شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى باستۇرۇشى، جۈملىدىن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، دائىرىلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكى سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.»
بېن مائۇكنىڭ قەيت قىلىشىچە، يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن ھەر خىل شەكىلدىكى باستۇرۇش ۋە كەمسىتىش، بۇ كىشىلەردە بۇ دۆلەتتىن كېتىش پىكرىنى كۈچەيتكەن. بېن مائۇك مۇنداق دەيدۇ: «دوكلاتتا تەسۋىرلەنگىنىدەك، بۇ مەزگىلدە شىنجاڭدىكى ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە كەمسىتىش، دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەتلىرىنى كونترول قىلىشتەك نەچچە ئون يىللاردىن بېرى داۋاملاشقان بۇ ۋەزىيەت، شۇ جايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىدا بۇ دۆلەتتىن كېتىش پىكرىنى شەكىللەندۈرگەن». «خىتايدىن جەسۇرلارچە قېچىپ چىقىش ۋە دىشۋارچىلىقنىڭ باشلىنىشى» ماۋزۇلۇق دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، گەرچە ھەسەن ئىمام خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشتىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ باشقا نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئوخشاش، خىتاينىڭ كۈچى ئۇنىڭ چېگراسىدىن خېلىلا ھالقىپ كەتكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن.
بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلاردىن نىرولا ئەلىما، ئۆزلىرىنىڭ ئېرىشكەن رەسمىي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىن، خىتاي ۋە تايلاند ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تايلاند لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىلىرىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاشتا زىچ ھەمكارلاشقانلىقى، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى رەسىمگە تارتىپ خىتايغا بەرگەنلىكى، خىتاينىڭ شۇ رەسىم بويىچە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. تايلاند ھۆكۈمىتى 2015-يىلى 6-ئايدا، بالىلار ۋە ئاياللارنى ئاساس قىلغان 179 نەپەر ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە يولغا سېلىپ، ئارقىدىنلا 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
شۇنىڭ ئارقىسىدىنلا تايلاند پايتەختى بانكوكنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى بىر بۇددا ئىبادەتخانىسىدا تايلاند تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر پارتلاش يۈز بېرىپ، 20 دەك ئادەم ئۆلگەن. تايلاند ھۆكۈمىتى پارتلاشنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلسىمۇ، ئەمما ئىككى ئۇيغۇر پارتلاشقا چېتىشلىق، دەپ قولغا ئېلىنغان. نىرولا ئەلىما، ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ تايلاند لاگېرلىرىدىكى 377 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئىككى تەرەپ 109 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما ئاز دېگەندە 150 كىشى قايتۇرۇلغان، دەپ پەرەز قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
بۇ دوكلات تايلاند لاگېرىدا قېلىپ قالغان ئاخىرقى 48 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ تەقدىرى، يەنىلا مەۋھۇم ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى. «خىتايدىن جەسۇرلارچە قېچىپ چىقىش ۋە دىشۋارچىلىقنىڭ باشلىنىشى» ماۋزۇلۇق بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى، بىر قىسىم غەرب سىياسىيونلىرىنىڭ تايلاند لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە بولغان دىققىتىنى تارتقان. بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىپ ئارقىدىنلا خەلقئارا پارلامېنتلار خىتاي ئىتتىپاقىدىكى 26 دۆلەتنىڭ 50 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندىغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ تايلاند لاگېرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مەسىلىسىگە ئارىلىشىشى ۋە مۇساپىرلارنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان.
ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى خىزمىتى ئەيىبلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئورگان 13-نويابىر رادىيومىز مۇخبىرىغا بەرگەن يازما باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى بويىچە يېقىن مۇزاكىرىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئالاقىدار شەخسلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە ھەل قىلىش چارىسىنىڭ بولماسلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. بىز تايلاند دائىرىلىرى بىلەن يېقىندىن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇتۇپ تۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قىلىپ، ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەۋاتىمىز».
ھالبۇكى، تايلاندنى بازا قىلغان «كىشىلىك ھەقلەرنى كۈچەيتىش تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى جون كيۇنلېي (John Quinley) ، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغداش بۇرچىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. جون كيۇنلېي 12-نويابىر مۇخبىرىمىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى يازما ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى (ئۇيغۇر) تۇتقۇنلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بەك ئاستا ھەرىكەت قىلدى ھەم سۈكۈت قىلدى. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئاشكارىلانغان ھۆججەتلىرى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغداش بۇرچىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.»
يۇقىرىدا تەتقىقاتچى نىروللا ئالىما بىلەن بېن مائۇكنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ چەت ئەلگە قېچىش تېمىسىدىكى «خىتايدىن جەسۇرلارچە قېچىپ چىقىش ۋە دىشۋارچىلىقنىڭ باشلىنىشى» ماۋزۇلۇق تەكشۈرۈش دوكلاتى ھەققىدىكى پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار. بۇ پىروگراممىنىڭ داۋامىنى كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.