ئۇيغۇر لەغمىنى دۇنيادىكى ئەڭ رىقابەتلىك شەھەر-نيۇ-يوركتا ماركا ياراتماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.11.22
uyghur-leghmen-Uyghur-Lagman-House-1 نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ خانىش رايونى (Queens County) ئېچىلغان «ئۇيغۇر لەغمەنخانىسى» (Uyghur Lagman House) نىڭ لەغمىنى.
uyghurlagmanhouse.com

ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، شۇنداقلا دۇنياۋى چوڭ شەھەر نيۇ-يوركتا 50 مىڭ ئەتراپىدا ئاشخانا-رېستوران بار. نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ خانىش رايونى (Queens County)، بۇ شەھەردىكى ئەڭ باي ۋە ئەڭ ئاۋات رايون ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، مۇشۇ رايوننىڭ ئۆزىدىلا چوڭ-كىچىك بولۇپ 10 مىڭدەك رېستوراننىڭ بارلىقى مەلۇم.

نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ خانىش رايونى (Queens County) ئېچىلغان «ئۇيغۇر لەغمەنخانىسى» (Uyghur Lagman House) نىڭ كۆرۈنۈشى.
نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ خانىش رايونى (Queens County) ئېچىلغان «ئۇيغۇر لەغمەنخانىسى» (Uyghur Lagman House) نىڭ كۆرۈنۈشى.
uyghurlagmanhouse.com

نيۇ-يوركنىڭ مەزكۇر رايونىدا بۇنىڭدىن 7 ئاي ئىلگىرى ئېچىلغان «ئۇيغۇر لەغمەنخانىسى» Uyghur Lagman House) ) نۆۋەتتە كەڭ خېرىدارلارغا تونۇلۇپ، شۇ رايوندىكى ئەڭ بېسىق ئاشخانىلارنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا ئىكەن. بۇ ئاشخانىنىڭ لەغمىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نيۇ-يورك شەھىرىگە ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ چولپانلىرى تەرىپىدىن چوقۇم تېتىپ كۆرۈش تەۋسىيە قىلىنىۋاتقان داڭلىق تائامغا ئايلانغان. ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان خېرىدارلار مەزكۇر ئاشخانىنىڭ خوجايىنى ۋارىس ئابلىمىت بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ، بۇ ئاشخانىنىڭ مېزىللىك تائاملىرىنى، بولۇپمۇ داڭقى چىققان لەغمىنىنى ماختاپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلىمەكتە ئىكەن. ئۇنداقتا، دۇنيادىكى ئەڭ رىقابەتلىك شەھەردە ۋە ئەڭ رىقابەتلىك بۇ سودا مەركىزىدە، ئۇيغۇر لەغمىنىنىڭ داڭقىنى چىقىرىۋاتقان «ئۇيغۇر لەغمەنخانىسى» نىڭ سىرى زادى نەدە؟

بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ مەزكۇر ئاشخانىنىڭ خوجايىنى ۋارىس ئابلىمىت بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىگە قۇلاق سالغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.