«ئۇيغۇر تېبابىتى خەلقئارا سانائەت باغچىسى» خىتاي ئۈچۈن «كوزىر» ، ئۇيغۇر تېبابىتى ئۈچۈن «خىرىس» مۇ؟
2024.09.03
نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىنى «خىتايدىكى 4 چوڭ مىللىي تېبابەتنىڭ بىرى» دېگەن نام ئاستىدا، ئۇنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا يۈزلەندۈرۈپ، ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى سودا ئېھتىياجى ۋە زور تەرەققىيات ئىستىقبالغا ئىگە بولۇشتەك بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت يارىتىدىغان «كوزىرى» غا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.
«خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 28-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر يۇقىرى تېخنىكا رايونىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ دورا سانائىتى باغچىسى قۇرۇلۇش تۈرى: «شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى خەلقئارا سانائەت باغچىسى» نىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشقا 5 مىليارد يۈەن (تەخمىنەن 704 مىليون 374 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، سانائەت باغچىسى تۈرىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 300 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىكەن، ھەمدە قۇرۇلۇشنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن 6 يىلدىن 8 يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىنىدىكەن.
2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى زور تۇتقۇندا ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى سەرخىللارمۇ تۇتقۇن نىشانى قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابىتى ساھەسى زور داۋالغۇشقا دۇچ كەلگەنىدى. ۋاھالەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى زور تەرەققىيات پۇرسىتى بولۇشتەك بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى خەلقئارالىشىشقا يۈزلەندۈرۈشنى كۈچەيتىشى جىددىي دىققەت قوزغىماقتا.
ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى كەسپىدىكى تۆھپىكارلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ مۇتەللىپ ئېلى ھاجى ئەمچى بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ ئىنكاسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك ساھەسىگە يۇقىرى مەبلەغ سېلىش ۋە ئېچىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابىتى ساھەسىگە ئېلىپ كېلىدىغان خىرىسلىرى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى.
مەزكۇر خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ سانائەت تۈرى رەقەملىك يۇقىرى تېخنىكىلىق باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئىگە يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكلىرى بىلەن خىتاي مىللىي تېبابەتچىلىك ساھەسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك كەسپى ئۈلگە باغچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شۇنىڭدەك، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، خام ئەشيا ئوبوروتى ۋە «مەدەنىيەت نامايان قىلىش» بىرلەشتۈرۈلگەن تۇنجى ئالىي دەرىجىلىك يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق سانائەت باغچىسىغا ئايلىنىدىكەن.
تۈركىيەدە ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەجرىبىلىك تېۋىپ شەمشىنۇر ئابدۇغوپۇر خانىم، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئۇسۇل بويىچە پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتىكى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ۋە رولىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆز پىكرىنى شەرھلەپ ئۆتتى.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر تېبابىتى خىتايدىكى 4 چوڭ مىللىي تېبابەتنىڭ بىرى دەپ جار سېلىنغان بولۇپ، پىروفېسسور مۇتەللىپ ئېلى ھاجى ئەمچى بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە بىردەك ھالدا خىتاي مىللىي تېبابەتچىلىك سانائەت ئۈلگە باغچىسىدىن ئىبارەت بۇ تۈر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ ياخشى بولغان خىتاي مىللىي تېبابىتى دورا مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى ۋە ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سېلىنغان. شۇنىڭدەك، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن دانچە، كاپسۇل، سۇيۇقلۇق قاتارلىق شەكىللەردە ھازىرلىنىدىغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ 53 كە، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ 24 مىليوندىن 400 مىليون قۇتىغا قەدەر يەتكۈزۈلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي مۇتەخەسسىسى دوكتور مەمتىمىن ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سۆھبەتكە داخىل بولغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ دوكتور خالمۇراتقا غوپۇرغا ئوخشاش ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى سەرخىللارنى باستۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلمىي ساھەسىدىكى پاتېنت ۋە تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىپ، تالان-تاراج قىلىشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئەكسىچە، نۆۋەتتە «ئۇيغۇر تېبابىتى» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئاتالمىش «خەلقئارا سانائەت باغچىسى» قۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە چوغ تارتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى.
دەرۋەقە، نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزۇن تارىخ ھەم ئۆزىگە خاس داۋالاش ئۇسلۇبىغا ئىگە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالان-تاراج قىلىشىغا ئۇچرىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. بۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى ھەققىدىكى تۈرلۈك ئەندىشىلىرىنى قوزغىماقتا.