رەيھان ئەسەت: «خىتاي سولىۋەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىي قاماق مۇددىتى 4 مىليون 400 مىڭ يىلغا بارىدۇ»
2024.08.16
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە پائالىيەتچىسى رەيھان ئەسەت يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مىن كىم (Min Kim) بىلەن ھەمكارلىشىپ، «دۈشمەن كۆرۈلگەن ئۇيغۇرلار: خىتاينىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغان مۇستەبىت زۇلۇمى ۋە كەڭ كۆلەملىك قاماققا ئېلىش» ناملىق بىر دوكلات تەييارلىغان بولۇپ، يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەتقىقات تۈرىگە ئائىت دوكلات سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان.
دوكلاتنىڭ كىرىش قىسمىدا بېرىلگەن مەزمۇن تۆۋەندىكىچە:
كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن زۇلۇم سىياسىتى ۋە باستۇرۇشى 75 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2014-يىلدىن كېيىن بولسا خىتاي «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» قوزغاپ، ئۆتمۈشتىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشىنى تېزلەتتى ھەم ئۇنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان بۇ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشى، مىليونلاپ ئادەمنى تۇتۇپ تۈرمە-لاگېرلارغا سولىشى قانداقتۇر «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دەپ ئاتالدى. خىتاي كوممۇنىستلىرى ھەتتا ئۆزىنىڭ بۇ جىنايىتىنى «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى» دەپ ئاتىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جىنايەتلىرىنى «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» رامكىسىغا سېلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلغان قەبىھ جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى «قانۇن بويىچە زەربە بېرىش» دەپ نىقابلاپ، خەلقى ئالەمگە خىتاينىڭ «قانۇن دۆلىتى» ئىكەنلىكىنى جار سېلىپ كەلدى. خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش» نامىدا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشىنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلغان بولۇپ، خەلقئارا قانۇن، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغىمۇ تامامەن خىلاپ.
2022-يىل ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى (OHCHR) خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» دەپ ئاتىۋالغان كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە قۇرغان ۋە «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان 4 ئورۇندا ئىنسانلارنى خورلاش قىلمىشلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئورۇنلارنىڭ چوڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش ئورۇنلىرى (لاگېرلىرى) ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ چىقتى. ئۇلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارا جىنايەت، يەنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بېكىتىپ چىقتى.
بەش يىلدىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەم ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، خىتاي يەنىلا مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى تۈرمە-لاگېرلاردا خورلاشنى داۋام قىلدى. دۇنيا بۇ كىرىزىسنى توختىتالمىدى. كوۋىد مەزگىلىدىن كېيىن خىتاي بۇ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ، غەرب تاراتقۇلىرى ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلاشقا، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشقا باشلىدى. ئاق تېررورلۇق قاپلىغان مۇدھىش مەنزىرىلەر، يەنى جاي-جايلاردىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، ھەممە ياقنى قاپلىغان كامېرالار زىيارەتچى مېھمانلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقمايدىغان شەكىلدە تىقىشتۇرۇلدى. ئەمما خىتاينىڭ باستۇرۇشى تۈگىمىدى، بەلكى ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك قاماش ۋە تەقىب ئاستىغا ئېلىش قانۇنلاشتۇرۇلدى-دە، شۇ ئارقىلىق جىنايەتنى يوشۇرۇش ئاسانلاشتۇرۇلدى.
ئادۋوكات رەيھان ئەسەت بۇ دوكلاتنى تەييارلاش سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىگە مەلۇم، خىتاي 10 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. باشقا كىرىزىسلار تۈپەيلىدىن دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە دىققىتى ئازلاۋاتىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەبىھ زوراۋانلىق تېخى توختىغىنى يوق. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھازىر مۇستەبىتلىك جېڭىغا تەييارلىنىۋاتىدۇ، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى تۈرمىگە سولاۋاتىدۇ؛ بىر ياقتىن يالغان، خاتا تەشۋىقاتلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدا بۇ قەبىھ جىنايەتنىڭ راستلىقىغا گۇمان پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ دوكلاتنى تەييارلاش ئارقىلىق ئىنسانلارغا خىتايدىكى قانۇنلۇق باستۇرۇشنىڭ خەتىرىنى بىلدۈرمەكچى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىگە قايتىدىن مەركەزلەشتۈرمەكچى».
دوكلاتنىڭ مەزمۇنى تۆت قىسىمدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى قانۇنلاشتۇرغانلىقى، ئىككىنچى قىسمىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز تۇتۇپ، قانۇنسىز يەرلەرگە سولىغانلىقى، قانۇن تەرتىپلىرىنى كېرەك قىلمىغانلىقى، قانۇنسىز ھالدا قاتتىق قىينىغانلىقى، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى ۋەيران قىلغانلىقى، ئۈچىنچى قىسمىدا بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە بۇنداق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنى خىتاينىڭ قانداق قىلىپ قانۇنلاشتۇرغانلىقى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان. تۆتىنچى قىسمىدا، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى توختىتىش ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەت، ب د ت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا تەۋسىيەلەر بېرىلگەن.
ئادۋوكات رەيھان ئەسەت يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىسپات توپلاش ئارقىلىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنى خاتىرىلەشكە، ئۇنى توختىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئەڭ مۇھىمى، رەيھان ئەسەت بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ خەتىرى ناھايىتى چوڭ بولغان زور كۆلەملىك «قانۇن ئىجرا قىلىش» قىلمىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇنداق زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىش مۇتەخەسسىسلەر ئېيتقان «قانۇنىي مۇستەبىتلىك» نىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدىكەن ۋە ئىنسانلار بۇنىڭدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەك ئىكەن.
رەيھان ئەسەت مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ قانۇنسىز شەكىلدە ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ قامىشى، قاماقتا ئۇلارنى قىينىشى ۋە دۇنيادىن مەخپىي تۇتۇشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ئەمما بىز خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ بارلىق ئۇيغۇر پۇقرالىرىغا كەلتۈرگەن ئاقىۋىتىنى كونكرېت تەھلىل قىلدۇق ۋە ئەڭ تۆۋەن مۆلچەرلىگەندىمۇ، ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ جەمئىي 4 مىليون 400 مىڭ يىل قاماقتا ياتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقتۇق. بۇ ئۇيغۇرلار ئۆز مەھەللىسى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشالمايدۇ، بىز بۇ يەردە بۇ زور كۆلەملىك قاماققا ئېلىشنىڭ تەسىرىنى تەكىتلىدۇق. بۇ تەسىر بىر ئادەمنى قاماققا ھۆكۈم قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇنداق زور كۆلەملىك قاماققا ئېلىش دۇنيادا كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى 4 مىليون 400 مىڭ يىل قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇشىغا يول قويۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىش دېمەكتۇر».
رەيھان ئەسەتنىڭ ئېيتقىنىدەك، بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش جىنايىتىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقى ئۈستىدە ھېساب-كىتاب ئېلىپ بېرىلغان. دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، ئەگەر ئۇيغۇرلارنى تۈرمە-لاگېرغا كەڭ كۆلەمدە قاماش مۇشۇ بويىچە داۋام قىلسا، قاماقتىكى ئۇيغۇرنىڭ مەھبۇسلۇق مۇددىتى جەمئىي 4 مىليون 400 مىڭ يىلغا يېتىدىكەن. يەنى ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ نابۇت قىلىنغان ۋاقتى 4 مىليون 400 مىڭ يىلغا بارىدىكەن.
يېل ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بۆلۈمىنىڭ لېكتورى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەتقىقات تۈرىنىڭ دىرېكتورى داۋىد سايمون (David J. Simon) بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ خىل ھېسابلاشنىڭ ئالاھىدە بىر خىل ھېسابلاش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنغان ئەھۋالدا بۇ تۇتقۇن قىلىشنىڭ كۆلىمى، مىقدارى ۋە ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش دەرىجىسىنى بىلىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «كەڭ كۆلەملىك قاماق تۈزۈمى تۈپەيلىدىن خىتايدىكى ئۇيغۇرلار قانچىلىغان ئەمگەك كۈچىدىن ئايرىلدى، يەنە كېلىپ بۇ خىل تۈزۈم بىر مىللەتكىلا (ئۇيغۇرلارغىلا) قارىتىلغان سىياسەت، قورال كۈچى ۋە جازالاشنى ئاساس قىلغان. مىڭ ياكى 100 مىڭ ئادەم بولسۇن، قانچىلىك ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى قامالدى. بۇ سانلار ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن قامالغانلىقىنى بىلدۈرەلمەيدۇ. مەنچە، ئۇلارنىڭ يوقاتقان يىلىنى قوشۇپ كەلسە، تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار جەمئىي 4 مىليون 400 مىڭ يىلىنى يوقاتقان بولىدۇ. بۇ، كىشىنى ھەقىقەتەن چۆچۈتىدۇ. دوكلاتنىڭ ئاپتورى ماڭا شۇنى تەكىتلەپ ئېيتتىكى، بۇ تېخى ئەڭ ئادەتتىكى مۆلچەر، ھالبۇكى خىتاينىڭ قانۇنىغا كۆرە، ئۇيغۇر سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ قاماق مۇددىتى تېخىمۇ كۆپ».
خىتاي كۆپ يىللاردىن بېرى «شىنجاڭنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» دەپ داۋراڭ سېلىپ، ئەمەلىيەتتە قانۇننى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتتا بۇ نۇقتا ئىنتايىن ئېنىق ۋە پاكىتلىق بايان قىلىنغان. داۋىد سايمون بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دوكلاتنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇ خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسى ۋە قانۇنىي تەرتىپ قالپىقىدىن قانداق پايدىلانغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن. باشقا دۆلەتلەرنىڭ نەزەرىدە، خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسى ئۇنچىلىك ئۆز بېشىمچى (زوراۋان) ئەمەس، ھەتتا بەزى دۆلەتلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق. ئەمما ئۇنى مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورىغا ئوخشاش ئەستايىدىل كۆزەتكەندە شۇنى كۆرىمىزكى، قانۇنمۇ سېپى ئۆزىدىن زوراۋان بولالايدۇ، بەلكى ئۇ ئالاھىدە سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىلگەندە شۇنداق بولالايدۇ. دېمەكچىمەنكى، خىتايدىكى قانۇن-تۈزۈم كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى ئاياغ-ئاستى قىلىدىغان بىر نەرسىدۇر» .
رەيھان ئەسەتنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى قانۇن خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئەمەس، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قوغدايدىغان قورالدۇر. خىتايدا دائىم ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكىلەر، مۇخبىرلار، پائالىيەتچىلەر دۈشمەن دەپ قارىلىپ كەلگەن، ھازىر بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي «قانۇن» نى قورال قىلىپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم باشلىدى. رەيھان ئەسەت بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ سولاشنىلا بىلىدىغان بۇ قانۇننىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوق، ئۇيغۇرلا بولسىڭىز، 15، 20 يىللىق كېسىلىسىز، ھېچقانداق قانۇنىي يول بىلەن ئادالەت تەلەپ قىلالمايسىز. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى «قانۇن بويىچە» دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى قانۇندا ئاساسىي يوق نەرسىلەر. دوكلاتىمدا مەن بۇلارنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق، نۆۋەتتىكى مۇشۇ قەبىھ زوراۋانلىقنى، يەنى كەڭ كۆلەملىك قاماپ قويۇشنى توختىتىشنى نىشان قىلدىم».
دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق قەبىھ زىيانكەشلىكىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنىمۇ يەر بىلەن يەكسان قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ باي-باياشات ۋە ئەركىن ياشاش ئىمكانىيىتىنىمۇ يوقاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلغان بۇ سىياسىي قەستلەش، دۈشمەنلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا كۆرسىتىدىغان ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىرى ئۆز ئالدىغا ئايرىم تېما بولۇپ، ئۇنى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش كېرەك ئىكەن.