غۇلجادا چۇلۇقاي يېزىسىنىڭ پۈتۈنلەي قورۇق تام ئىچىگە ئېلىنغانلىقى ۋە ئاھالىلەرنىڭ بىر دەرۋازىدىن كىرىپ چىقىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى
2023.09.12
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان فىرانسىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، يەكەن ناھىيەسىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆز مەھەللىسىدە ئىختىيارى ھەرىكەت قىلالمايۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ خىل ئەھۋال ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا غۇلجا ناھىيەسىدىكى چۇلۇقاي يېزىسىنىڭ پۈتۈنلەي قورۇق تام ئىچىگە ئېلىنغانلىقى ۋە ئاھالىلەرنىڭ بىر دەرۋازىدىن كىرىپ-چىقىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگرممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتى ھەققىدە بۇ ھەپتە تارقاتقان بىر خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئاگېنلىقنىڭ مۇخبىرى يەكەن ناھىيەىسىدىكى ئارسلانباغ قاتارلىق بىر نەچچە يېزىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، بىر قىسىم-ھويلا-ئاراملارنىڭ ئادەمسىز ھالەتتە چۆلدەرەپ قالغانلىقى، بىر قىسىم ھويلىلارنىڭ ئىشىكىلىرىگە قۇلۇپ سېلىنغانلىقى، مەھەللىدە موتسېكىلىتلىك بىر كەنت كادىرىنىڭ كوچىدا كېتىۋاتقان ئاھالىلەرنى ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىشكە بۇيرۇۋاتقانلىقى ۋە بەزى ئىشىكلەرگە قۇلۇپ سېلىۋاتقانلىقىغا يەنى ئاھالىلەرنىڭ ئىختىيارى ھەرىكەت قىلالمايۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغان. بىز، 10-سېنتەبىر غۇلجىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيى ۋە مەھەللىسىدە نازارەت قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سۈرۈشتە قىلدۇق.
ئۇيغۇر ئېلىدا 2000 -يىللاردىن بۇيان، يۈز بەرگەن ھەر قېتىلىق بىر قارشلىق ھەركەتلىرىدىن كېيىن، دائىرىلەر «تېنچلىق» ۋە «مۇقىملىق» نى قوغداش باھانىسى بىلەن ئاھالىلەرنى ئومۇمىيۈزلۈك نازارەت قىلىش تەدبىرلىرىنى يول قويۇپ كەلگەن. ئاھالىلەرنى نازارەت قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بۇ تەدبىرلەرنىڭ بەزىلىرى ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش، بەزىلىرى بولسا ئاھالىلەرنى بىر يەرگە زىچ ھالدا توپلاش شەكلىنى ئالغان. بۇ جەرياندا بەزى جايلاردا بىر دەرۋازىدىن كىرىپ چىقىلىدىغان كىچىك مەھەللە ياكى ئاھالىلەر رايونلىرى بەرپا قىلىنغانىدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى خادىمى، مەھەللىلەرنىڭ قورشاۋىغا ئېلىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بەرمىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا، «يېڭى يېزا بەرپا قىلىش»، «مەھەللىلەرنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش» قاتارلىق ھەر خىل نام ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۆزگەرتىش قارۇلۇشلىرىمۇ، ئاھالىلەرنىڭ ئىختىيارى ھەرىكەت دائىرىسىنى كىچىكلىتىشنى مەقسەت قىلغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، چۇلۇقاي يېزىسىدىكى بىر ئامانلىق خادىمى، مەزكۇر يېزىنىڭ بىر قوۇرق تام ئىچىگە ئېلىنغانلىقى ۋە ئاھالىلەرنىڭ بىر دەرۋازىدىن كىرىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. دىيىلىشىچە، بۇ تۈزۈم 2017 -يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلماقتا.
بەيدۇ ئۇچۇر ئامبرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چۈلۇقاي يېزىسىنىڭ 2018 -يىلنىڭ ئاخىرىدىكى نوپۇسى 13500 بولۇپ، بۇلار، يېڭى مەھەللە، ساي مەھەللە قاتارلىق 6 مەھەللىگە ئولتۇراقلاشقان.
نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان سىياسىي كۈزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك مەزگىللىرى ئەنە چۇلۇقاي يېزىسىدا ئۆتكەن.
ئىلشات ھەسەن، ئەھۋالدىن ئەجەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئەندىشىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرى، دەرۋازىدىن كىرىپ-چىقىشنىڭ 24 سائەت نازارەت قىلىنىدىغانلىقى، دەرۋازا ئامانلىق ئىشخانىسىدا ئامانلىقى خادىملىرىدىن باشقا، بىر نەپەر مەسئۇل كادىر بارلىقى؛ يېقىن ئەتراپتا ساقچىخانا ۋە گاڭتىڭ دەپ ئاتىلىدىغان قاراۋۇلخانا بارلىقىنى، دەرۋازىدىن كىرىپ-چىقىۋاتقانلار ئارىسىدا گۇمانلىق كىشىلەر كۆرۈلسە، بۇلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقرىدا غۇلجا ناھىيەسىدىكى 13500 نوپۇسلۇق چۇلۇقاي يېزىسىنىڭ پۈتۈنلەي قورشاۋاغا ئېلىنغانلىقى، ئاھالىلەرنىڭ بىر دەرۋازىدىن كىرىپ چىقدىغانغلىقى ۋە 24 سائەت نازارەت قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.