بېيجىڭدىن تاشلانغان سىرتماق: لاگېرلار ھەققىدىكى ئىسپاتلار (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-09-17
Share
Alim-Seytoff-Adrian-Zenz.jpeg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيتوف ئەپەندى تەتقىقاتچى ئادريان زېنز ئەپەندىمنى زىيارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 8-نويابىر، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىگە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئارىلاشقانلىقى 2017-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەققىدىكى نىزامنىڭ تۈزۈپ چىقىلىشىدا دەسلەپكى قەدەمدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئەھۋاللار ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئادرىيان زېنزنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنى» دا سۆزلىگەن سۆزلىرىدە ھەمدە 14-سېنتەبىر كۈنى «جېيمىس تاۋن فوندى» نىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس دوكلاتىدا ئالاھىدە شەرھلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى بىۋاسىتە ئارىلىشىش ھەرىكىتى 2018-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامى» نى تۈزىتىش ۋە ئۆزگەرتىپ ئېلان قىلىش خىزمىتىدە يەنە بىر قېتىم ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ قېتىمقى «تۈزىتىش پىكرى» دە ئېنىق قىلىپ «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، شۇنىڭدەك (ئاپتونوم رايونلۇق) سىياسىي قانۇن كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىغا بېرىپ ئۇ جايدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن بۇ ھەقتە تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىشقان» لىقى ئېيتىلغان. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تۈزىتىش پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، بۇ نىزامنى تولۇق ئۆزگەرتىپ چىققان. ئەنە شۇ تەرىقىدىكى ئۈرۈمچى-بېيجىڭ سەپىرى بىرنەچچە قېتىم تەكرارلانغان. .

دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى لى جەنشۇ قۇرۇلتاي قارمىقىدىكى بارلىق كومىتېتلارنىڭ، جۈملىدىن قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۇ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ يەتتە كىشىلىك دائىمىي كومىتېتىدا ئۈچىنچى نومۇرلۇق شەخس ھېسابلىنىدىكەن. «مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسى» نىڭ مەسئۇلى ھەمدە خىتاي «مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش» نىڭ رەئىسى بولغان ۋاڭ ياڭ بولسا تۆتىنچى نومۇرلۇق شەخس ئىكەن. 2018-يىلى ئاۋغۇستتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى تېررورلۇق ئامىللىرىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە شەرھلىگەن خۇ ليەنخې بولسا «مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شۇنىڭدەك «مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى» قارمىقىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان «9-بيۇرو» نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىكەن. «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى»، «مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش»، «مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسى» قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇننى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلغان «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامى» ۋە «تەربىيەلەش ئارقىلىق ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىش ۋە تۈزىتىشكە ئىشتىراك قىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىدىكى ئالاھىدە ئورنى بىردەك «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ھادىسىنىڭ بېيجىڭ بىلەن قايسى دەرىجىدە باغلىنىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. .

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىلىۋاتقان زور كۆلەملىك لاگېر سىستېمىسىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىشتىمۇ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە قولى مەۋجۇت ئىكەن. 2017-يىلى ئاۋغۇستتا خىتاي مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ رەئىسى مىڭ جيەنجۇ «ش ئۇ ئا ر دىكى تۈرمە ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ تەربىيەلەش ۋە ئۆزگەرتىش خىزمەتلىرىدىكى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش» ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولغان. ئۇنىڭ مۇشۇ زىيارەتلەردە لاگېرلارنىمۇ «كۆزدىن كەچۈرگەن» لىكى ئالغا سۈرۈلىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تېخى ئىنكار قىلىۋاتقان ۋاقىتلار بولۇپ، شۇنىڭدىن بىرەر يىل ئۆتكەندىن كېيىن خەلقئارادىكى تاغدەك ئىسپاتلار ئالدىدا ئاندىن «تەربىيەلەش مەركىزى» نى ئېتىراپ قىلغان. مىڭ جيەنجۇ بۇ جەرياندا «شىنجاڭ قانۇن سىستېمىسىدىكى يولداشلار تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنداقلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ئىستراتېگىيەسى ۋە باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلغان» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. «ش ئۇ ئا ر سىياسىي كېڭەش» نىڭ رەئىسى، 19-قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولغان نۇرلان ئابدۇمەنجىن 2018-يىلىدىكى بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا «تۈزىتىلگەن ‹نىزام›نىڭ روھى بويىچە كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى باش سېكرېتار شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىر مۇھىم تەدبىر» دېگەن. .

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر قۇرۇلۇشىغا ئارىلاشقانلىقى ھەققىدىكى بايانلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلىنىشلىق ئورۇنلارنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىدىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. 2018-يىلى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» تەشكىللىگەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشى» ھەققىدىكى دوكلاتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى مىڭ نەن «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى قۇرۇپ چىقىش بەكمۇ زۆرۈر. مۇشۇ مەركەزلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق ئاشقۇنلۇق ئىدىيەلىرىنىڭ ئاسارىتىدىن خالاس بولۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇشقا يۈزلىنىشتە بۇنىڭ بەكمۇ مۇھىم رولى بارلىقىنى ھېس قىلدۇق. شىنجاڭدىكى بۇ خىل ‹تەربىيەلەش مەركىزى ئارقىلىق ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش›، شۇ ئارقىلىق ‹جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى› چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق بەرپا قىلىشتەك سىناقتىن ئۆتكەن چارىلەرنى ھۆكۈمىتىمىز پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە سوۋغا قىلىشى لازىم» دېگەن.

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» ۋە لاگېر سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا بۇ خىلدىكى ئارىلىشىش ۋە قول تىقىشى توغرىسىدىكى بايانلار «ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى» شۆھرەت زاكىرنىڭ سۆزلىرىدىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئۇ 2019-يىلىدىكى لاگېرلار تېمىسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «باش سېكرېتار شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نۆۋەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە زور ئەھمىيەت بەردى. باش سېكرېتار شى جىنپىڭ بىۋاسىتە شىنجاڭغا بېرىپ زىيارەت ۋە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلدى. شۇنداقلا مۇھىم كۆرسەتمىلەرنى بەردى» دېگەن. بۇ خىلدىكى بايانلار شۆھرەت زاكىرنىڭ بايانلىرىدىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ 2019-يىلى 26-فېۋرال سانىدا ئېلان قىلىنغان «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ ‹ئىككى يىغىن› مەزگىلىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرى شىنجاڭ خىزمىىتىدە تولۇق ئىجرا قىلىندى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە قايتا-قايتا ئۇچرايدىكەن.

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ؛ «تۈرلۈك ھۆججەتلەر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ تۈزۈپ چىقىلىشى ۋە ‍ئىجرا قىلىنىشىغا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە ئارىلاشقان ۋە كۆرسەتمە بەرگەن، بۇ ھەقتىكى قانۇن-نىزاملار ۋە لاگېر مۇئەسسەسىلىرىنىڭ بەرپا بولۇشىدا شى جىنپىڭ بىردەك «يادرولۇق شەخس» بولغان، دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.

ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە بىر ياقىدىن باش چىقارغان ھالدا ئورتاق ھەمكارلىق بويىچە ئىش كۆرۈپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، 2016-يىلى ئاۋغۇستتا چېن چۈەنگونى تىبەتتىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ ھوقۇقدار قىلىپ يۆتكەپ كەلگەننىڭ ئۆزىلا شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇرۇنلا پىلانلاپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئىلشات ھەسەننىڭ پىكرىچە، شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي ھوقۇقىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بىرنەچچە قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمىتى» يىغىنى ئاچقان ھەمدە ئۆزى بۇ يىغىنغا بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلغان. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئەنە شۇ يىغىنلاردىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇميۈزلۈك باشلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شى جىنپىڭنىڭ قايسى دەرىجىدە قول تىققانلىقىنى بىۋاسىتە ھالدا كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ تەپسىلىي ۋە كۈچلۈك پاش قىلىشتا زور دەرىجىدە ئىجابىي قىممەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت