لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ جاراھەتلىرى: ئۇيغۇر دىيارىدىكى توققۇز كۈنلۈك زىيارەت

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.09.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە ئاشكارىلانغان رەسىملىرى
Yettesu

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولغان لاگېرلار مەسىلىسى تاشقىي دۇنياغا مەلۇم بولغاندىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. كېيىنچە تاغدەك ئىسپاتلار، بولۇپمۇ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە ئەكس ئەتكەن لاگېر قۇرۇلۇشىنى ئىنكار قىلىشقا ئامال قىلالماي بۇ ئورۇنلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» ئىكەنلىكىنى، بۇ جايغا «ئۆز ئىختىيارىلىقى بويىچە» كەلگەن كۇرسانتلارنىڭ بۇ جايدا ھۈنەر-تېخنىكا، قانۇن ۋە خىتايچە تىل ئۆگىنىپ، «ياراملىق» كىشىلەردىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 2019-يىلى دېكابىرغا كەلگەندە شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئاغزىدىن بېيجىڭدا بايانات ئېلان قىلپ بۇ «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى كۇرسانتلارنىڭ پۈتۈنلەي جەمىيەت قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكالىدى.

شۇنىڭدىن بۇيان ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋە ئاقىللار مەركەزلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكە باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن بۇنىڭ قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ قارارلار ئالدى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ داۋاملىق ھالدا بۇنى ئىنكار قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ «تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقى» نى پەش قىلدى. ئىشلار ئەنە شۇ تەرىقىدە داۋام قىلىۋاتقاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقاردى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارا تەشكىلات بولغان ب د ت نىڭ بۇنداق خۇلاسە چىقىرىشى بۇ ھەقتىكى دۇنياۋى گۇمانلارنى زور دەرىجىدە تۈگىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ۋاستىلىك ھالدا كۆرسىتىپ بەردى. ئەنە شۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلار گۈرۇپپىسى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى توققۇز كۈنلۈك زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئەڭ يېڭى كارتىنىسىنى نامايەن قىلىپ بەردى.

«غايىپ بولغان نەرسىلەر بەك كۆپ!»

مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۇيغۇر دىيارىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى تەمىن ئەتكەن ئۇچۇرلار بويىچە مۇقىملاشتۇرۇپ چىققان بىر قاتار لاگېرلارنىڭ ئورنىنى تېپىپ چىققان. ئەمما ئۇلارنىڭ قەشقەر ۋە خوتەندە كۆرگىنى لاگېر ئەمەس، ئەكسىچە تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇمىدىن ساقلىنىش ياكى ۋىرۇستىن كارانتىن قىلىش نۇقتىلىرى بولۇپ چىققان. ئىلگىرىكى لاگېرلارنىڭ تاملىرىغا تىببى ساھەدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى تەشۋىقات رەسىملىرى سىزىلغان بولۇپ، بۇ جايدا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دائىر ھېچقانداق ئىز قالدۇرۇلمىغان. ئەمما ئۇلار ئۇچراشقان يەرلىك كىشىلەر بۇ جايلارنىڭ ئىلگىرى «ئۆگىنىش قىلىدىغانلار» تۇرغان جاي ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى زىيارەت جەريانىدا ئۆزلىرى ئىشەنچلىك ھالدا مۇقىملاشتۇرغان لاگېرلارنىڭ ئەنە شۇ خىلدىكى تىببىي داۋالاش نۇقتىلىرىغا ياكى تۈرمىلەرگە ئ‍ۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈشتىن باشقا، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا كۆپ قىسىم كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان مەسچىتلەرنىڭمۇ غايىپ بولغانلىقىنى، ساقال-بۇرۇتلۇق ئەرلەر ياكى ياغلىق ئارتقان ئاياللارنىڭمۇ ئاساسەن كۆزدىن يۈتكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن چېن چۇەنگومۇ ئالىقاچان ئۈرۈمچىدىن غايىپ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان ما شىڭرۇينىڭ «تەبەسسۈم قاپلىغان» چىرايى، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرى ئېكرانلاردا پات-پات كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولغان. ئەمما ئۇلار قەدەمدە بىر ئۇچراتقان رېئاللىق، جۈملىدىن رېستۇرانلاردىكى ھېلىھەم زەنجىرلەپ قويۇلغان پالتا-پىچاقلار، تاكسىلاردىكى «ھەر بىر سۆزىڭىز خاتىرىلىنىپ ماڭىدۇ» دېگەن ئەسكەرتىشلەر، تولۇق قوراللانغان ھەربىي-ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە تاجىسىمان ۋىرۇسىغا دائىر تەكشۈرۈشلەرگە قاتنىشىۋاتقان قەشقەر خەلقى بۇ جايدىكى ئاسمىلاتسىيەنىڭ ھېچ ئۆزگەرمەستىن داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىشارە قىلىپ تۇرغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىردە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ئادريان زېنز نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ھايات ئىزىغا چۈشكەندەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئۇنىڭ تەكتىدىكى كۆرۈنمەس مۇھىتنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك باستۇرۇشنىڭ ئاساسىنى قۇرۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«بىز كۆرگەن ۋە شاھىد بولغان ئىشلار ئۇنتۇلۇپ، قامالغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان، يېڭى پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ كەلگەن ما شىڭرۇينىڭ قوماندانلىقىدا شىنجاڭدىكى ھايات ئىزىغا چۈشكەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ جايدىكى رېئاللىقىڭ مۇدھىش خاراكتېرى ھېچقانداق ئۆزگەرگىنى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا بولۇپ كەتكەن بىر قىسىم مەخپىي ھۆججەتلىرىدىن بىز سابىق سېكرېتار چېن چۇەنگونىڭ ‹بەش يىلدا شىنجاڭنى تىنجىتىش› دېگەن ۋەزىپە بىلەن يۆتكىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۇق. بۇ بەش يىللىق پىلاننىڭ بىرىنچى يىلى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىش باسقۇچى بولۇپ، بۇ بىر يىلدا غايەت زور كۆلەملىك تۇتقۇن ئەمەلگە ئاشتى. بەش يىل ئىچىدە شىنجاڭ پۈتۈنلەي ‹تىنجىتىلدى› ھەمدە ئۇزۇن مەزگىللىك ھەل قىلىش چارىسىغا مۇستەھكەم ھۇل سېلىندى. بەش يىللىق پىلان ئورۇنلىنىپ بولغان 2021-يىلى بولسا چېن چۇەنگو يۆتكەپ كېتىلدى ۋە ئورنىغا ما شىڭرۇي ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. ما شىڭرۇي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭدا بىز چېن چۇەنگو دەۋرىدە ئىجرا قىلىنغان نۇرغۇنلىغان سىياسەتلەرنىڭ نورماللاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆردۇق. پەن-تېخنىكا ساھەسىدىن يېتىشىپ چىققان ما شىڭرۇي ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا زور تۇتقۇن ۋە لاگېرلار ئارقىلىق بىر يەرگە تەييار قىلىنغان غايەت زور تۇتقۇنلارنى زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى قىلىپ يۆتكەشنىمۇ نورمال ئىشلارغا ئايلاندۇرۇپ چىقتى. ھازىر تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى زاۋۇتلارغا ياكى تۈرمىلەرگە يۆتكىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، يەنە كېلىپ بۇ خىل زور كۆلەمدە يۆتكەشنىڭ ھېچقانداق ئىزناسى قالدۇرۇلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ جايغا بارغانلارغا ھەممە ئىش نورماللىشىپ قالغاندەك كۆرۈنۈشى ئېنىق. لاگېرلارمۇ شۇنداق بولدى. ئۇ جايغا قامالغانلار تۈرمىلەرگە ۋە ئەرزان باھالىق ئىشچىلىققا يۆتكەپ كېتىلگەندىن كېيىن لاگېرلارنىڭ رولى قالمىغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكى راست. شۇڭا ئۇ جايدا ھازىر باستۇرۇشنىڭ شەكلى ئالىقاچان كۆرۈنمەس تۈس ئېلىپ بولغانلىقتىن بەزىلەر ھايات نورمال ئىزىغا چۈشتى، دەپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما خىتاي ھازىر ئالىقاچان ئۇزۇن مەزگىللىك باستۇرۇش ۋە زۇلۇمغا مۇستەھكەم ھۇل سېلىپ بولدى.»

ئۇنتۇلدۇرۇش تاكتىكىسى

مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدا زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر تۈرلۈك خىزمەتنىڭ «ئۇنتۇلدۇرۇش تاكتىكىسى» بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان. گەرچە نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش «ئايىقى چىقىپ قالدى» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان بولسىمۇ دۆلەتنىڭ ۋە پارتىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارىلىۋاتقان ئىنسانلار توپىنىڭ نازارەتسىز قېلىشى ئەقىلگە سىغمايدىكەن. چۈنكى 1960-يىللاردىكى سىياسىي مالىمانچىلىقنىڭ ئاپەتلىرى ياكى 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى ئاياقلاشقانغا شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت بولغان ھەمدە ئۇلارنىڭ بارلىق ئىزلىرى ئۆچۈرۈپ تاشلانغان بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتلاردىكى ۋەقەلەرگە چېتىشلىق كىشىلەرگە قارىتىلغان نازارەت ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ ئىزنالىرى بولغان لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى ياكى دوختۇرخانا-تۈرمىلەرگە ئۆزگەرتىلىشى ھاياتنىڭ نورماللىققا قايتىشىنى ئەمەس، ئەكسىچە بۇ ئىشلارنى كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىن ئۆچۈرۈشنى مۇھىم نىشان قىلغان.

ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشقا چېتىشلىق كىشىلەرگە بولغان نازارەتنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش پۈتۈنلەي مەنتىقىگە زىت كېلىدۇ. چۈنكى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بىلەن باشلانغان «قاتتىق زەربە بېرىش ھەركىتى» ئۇيغۇرلارنى ئورتاق نىشان قىلغان ئەھۋالدا «بىرمۇ كىشى چۈشۈپ قالماسلىق» پىرىنسىپى بويىچە لاگېرلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن. كېيىنچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغىمۇ قانائەت ھاسىل قىلماي پۈتكۈل خەلقنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ «ئۆزئارا پاش قىلىش» نى ئومۇملاشتۇرغان. ئاخىرىدا غايەت زور كۆلەملىك تۇتقۇن ئارقىلىق «سىياسىي تەربىيەلەش» نى تاماملاپ، بىر قىسىمى تۈرمىلەرگە، يەنە بىر قىسمىنى جەمىيەتكە يۆتكەش ئارقىلىق ئۇلارنى يۈرىكى مۇجۇلغان ھالەتتە قالدۇرغان. ئەمدىلىكتە بولسا دائىرىلەر ئۆزلىرى قىلغان بۇ ئىشلارنىڭ ئىزىنى تارىختىن ئۆچۈرۈپ، تاشقى دۇنياغا بۇ جايدا ھايات نورماللاشقاندەك تۇيغۇ بەرمەكچى بولغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» زىيارەتتىن كېيىن يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلاردىن ئىندىيانا شىتاتىدىكى روس خولمان تېخنولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى تىموسى گروس (Timothy Grose) بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشكەندە ئۇ «ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا ‹قايتا تەربىيەلەش› ھادىسىسى توختاپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئەمما سىياسىي ئىدىئولوگىيە دەرسلىرى تۈرمىلەردە، زاۋۇتلاردا، يەرلىك ھۆكۈمەت بىنالىرىدا ۋە ئۆيلەردە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ‹قايتا تەربىيەلەش›نى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتىدۇ، دېيىش مۇمكىن» دەيدۇ.

ھازىرقى ئەھۋالدا ئ‍ۇيغۇر دىيارىدا زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ لاگېرلاردىن تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججەتلىرى 2017-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 86 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ بەش يىلدىن يۇقۇرى قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتكەن. يەنە كېلىپ لاگېرلاردىن ياكى تۈرمىلەردىن چىققان كىشىلەرنىڭ ھەرقاندىقى ئىزچىل مەھەللە كومىتېتلىرى ياكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ دائىملىق نازارىتىدە بولماقتا ئىكەن. ئۇلار مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «بۇ جايدىكى باستۇرۇشتا بېلى ئۇشتۇۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىش ياكى نورماللىققا قايتىش مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ.

ئۆچمەس جاراھەتلەر

مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئىزنالىرىنى كۆپلىگەن ساھەدىن بەكمۇ ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقاش بىلەن بىرگە بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بۇنىڭدا ھەممىدىنمۇ ئېغىر جاراھەتنىڭ ئاشۇ خىل قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگۈچىلەردە كۆرۈلىدىغانلىقىنى بايقىغان. «يىغىۋېلىش لاگېرى سىندرومى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خىل پىسخىك جاراھەت ئادەتتە ناتسىستلارنىڭ لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققانلاردا كۆرۈلىدىغان ئۇزۇن مەزگىللىك روھىي ئازاپ بولۇپ، بۇ خىلدىكى پىسخىك كەمتۈكلۈك ۋيېتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقانلاردا ۋە خىتايدا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نى باشتىن كەچۈرگەنلەردە كۆپ كۆرۈلگەن. ئەمدىلىكتە بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇ خىل روھىي پىسخىكىنىڭ شۇ كىشى ئۆلۈپ كەتكەندىمۇ ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە شۇ كىشىدىن كېيىنكى ئەۋلاتلارغا ئۆتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

«شاھىت بىز» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان جىن بۇنىن (Gene Bunin) بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «شۇنچە كۆپ كىشىنى سولاپ ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ نورماللىققا قايتىشىنى تاما قىلىش زادىلا ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش» دەيدۇ. دوكتۇر ئادريان زېنز بولسا نۆۋەتتىكى ئەڭ ئېغىر ۋە خەتەرلىك ھادىسىنىڭ ئاستا سۈرئەتتە داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ قاباھىتى تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تاجىسىمان يۇقۇمى مەزگىلىدە ئاچارچىلىققا گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرىنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك لاگېرلاردا تىببىي داۋالاش شارائىتى يوقنىڭ ئورنىدا بولۇش سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. بۇ ھازىرقى ساقچى دۆلىتىدە بولۇۋاتقان ئەڭ گەۋدىلىك ئىشلار ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ ھەممىدىن قورقۇنچلۇقى ئەمەس. مەن بۇ ساھەدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆز بولغاندا ئىزچىل مۇشۇنى دەپ كېلىۋاتىمەن: بىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس سانىدىكى غايەت زور چېكىنىشىگە دائىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار بار. بولۇپمۇ 2016-يىلىدىن باشلاپ تۇغۇت نىسبىتىدە كۆرۈلگەن بۇ چېكىنىش تېز سۈرئەتتە ئېشىپ ماڭغان ھەمدە خىتايدىكى ھەرقانداق مىللەت ۋە ھەرقانداق رايوندىكىدىن ھالقىپ كەتكەن. تۇغۇت نىسبىتىدىكى 50 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەن بۇ خىل مەجبۇرىي چېكىندۈرۈشنىڭ خەۋپى بەكمۇ قورقۇنچلۇق. چۈنكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تېز سۈرئەتلىك قىرغىنچىلىق ئىجرا قىلىنىپ مىليونلارچە كىشى بىرنەچچە يىلدىلا قىرىپ تاشلانغان بولسا شىنجاڭدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاستا سۈرئەتلىك بۇ قىرغىنچىلىقمۇ ئوخشاشلا بۇندىن كېيىنكى نەچچە ئون يىللىق مۇساپىدە مىليونلارچە ئادەمنى ئۈن-تىۋىشسىز غايىپ قىلىۋېتەلەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا تۇغۇت كونتروللۇقى ئارقىلىقمۇ نەچچە مىليون كىشىنى ئۆلتۈرىۋەتكەنگە ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ئۆزى ئەمىلىيەتتە قىرغىنچىلىق قىلغانغا باراۋەر بىر ئىش. خىتاي ھازىر ‹جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ نوپۇسىنى ئەلالاشتۇرۇش› نامىدىكى قۇرۇلۇشنى باشلاپ بولدى. بۇنىڭدا ئۇلار جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ بولۇش ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشۈشتەك بىر سەۋىيىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلىماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنى خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى قايتا-قايتا تەكرارلىدى. خىتاينىڭ ‹ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق› ئورنىتىشى ئۈچۈن بۇ خىلدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى بەكمۇ مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ.»

نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئەنە شۇ تەرىقىدە مۇرەككەپلىككە تولغان ھالدا داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ مۇھاكىمىلەرگە يول ئېچىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.