قاسىم ئابدۇرېھىم: ئۈرۈمچىدىكى سابىق خىزمەتداشلىرىمنىڭ تۇتۇلۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.06.07
qasim-abdurihim.jpg «دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» دە، «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسى ئىشلىگەن «قورقۇنچتىن ھۆرلۈككىچە - بىر ئۇيغۇرنىڭ كەچمىشى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى قاسىم ئابدۇرېھىم ئۇيغۇر دىيارىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قورقۇنچلۇق كەچمىشلىرىنى سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 20-ئىيۇن.
VOA

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلىغۇچى ئۇيغۇر مۇخبىرلارغا قاراتقان ئۈچ ئېلىش ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى داۋام قىلماقتا. خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر مۇخبىرلارغا قاراتقان بۇ خىل باستۇرۇشىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى ئوتتۇرىغا چىقتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدىكى جەمئىي 5 نەپەر ياش ئۇيغۇر زىيالىينى، ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر مۇخبىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقان قاسىم ئابدۇرېھىم بىلەن بولغان باغلىنىشى سەۋەبلىك 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ 5-ئىيۇن بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر رادىيونىڭ مۇخبىرى قاسىم ئابدۇرېھىم بىلەن تونۇشلۇقى سەۋەبىدىن كېسىلگەن مىركامىل ئەخمەت، سەمەت ئابابەكرى، ئابدۇقادىر روزى، مەخمۇت ئابدۇقەييۇم ۋە ئەكبەر ئوسمان قاتارلىقلار ئەسلىدە قاسىم ئابدۇرېھىم ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە قۇرغان «ئاتلان تىل مەكتىپى» نىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ كەم دېگەندە يەتتە يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىل 5-ئايدا قاسىم ئابدۇرېھىمنىڭ ئەھۋالنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەردىن ئالغان ئىشەنچلىك ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇرنى «قاسىم تەرىپىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەنىكەن.

ھالبۇكى بۇ ھۆكۈمنىڭ قاچان ئېلان قىلىنغانلىقى ئېنىق ئەمەس، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئۇچۇرلارنى ئىنتايىن مەخپىي تۇتۇپ كەلمەكتە، ھەتتا بەزى تۇتقۇنلارنى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قاتناشتۇرماي يوشۇرۇن سوتلاپ، ھۆكۈم ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە.

ھازىرمۇ ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ مۇخبىرى بولغان قاسىم ئابدۇرېھىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ 7 يىللىقتىن كېسىلگەن سابىق خىزمەتداشلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ مەيلى سىياسىي ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسۇن ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلىپ باقمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بىگۇناھ ھالدا تۇتۇپ ۋە كېسىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ پەقەت ئۆزى بىلەن ئىلگىرى خىزمەتداشلىق ۋە ياكى تونۇشلۇقى بولغانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، «ئۇلار دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

قاسىم ئابدۇرېھىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭغا كەلگەن ئىشەنچلىك ئۇچۇر ۋە ئىسپاتلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ بۇ سابىق خىزمەتداشلىرى 2021-يىلنىڭ 4- ۋە 5-ئايلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ مەزگىل قاسىمنىڭ ئامېرىكا ئاۋازىدا ئىشلەۋاتقىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان، ئەمما ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئەمەس بەلكى «ئاسىم قەشقەرىيەلىك» دېگەن قەلەم ئىسمى بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقتى ئىكەن. ئۇ 2017-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ ئامېرىكاغا كەلگەندىن بۇيان سابىق خىزمەتداشلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ باقمىغانلىقىنى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇلارنىڭ ئۆزى بىلەن بولغان تونۇشلۇقى سەۋەبلىك باستۇرۇشقا ئۇچرىشىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى، شۇنداقلا يەنە بۇ سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارغا قاراتقان، ئۈچ ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قاسىم ئابدۇرېھىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىسى، پەقەت ئۇنىڭ ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ مۇخبىرى سۈپىتىدە زىيارەت قىلىش بىلەنلا چەكلىنىدىكەن. ئۇ شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ۋە 7 يىلدىن كېسىلگەن بۇ سابىق خىزمەتداشلىرىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا باغلىشىنى پۈتۈنلەي ئاساسسىز تۆھمەت دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوخشاشلا قاسىم ئەپەندىنىڭ ۋە ئۇنىڭ تۇتۇلغان سابىق خىزمەتداشلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىكىنى، بۇ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ يەنە بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى شەرھلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىدا (VOA) دا تارقىتىلغان خەۋەردە: «قاسىم ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قەرەللىك خەۋەر قىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرىكى خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە قۇرغان تىل مەكتىپىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىگەنلىكى، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن نىشان قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىدۇ» دەپ يازغان. ئۇلارنىڭ ئېنىقلىما بېرىشىچە، قاسىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نازارىتى ۋە باستۇرۇشىدىن قېچىپ 2017-يىلى-10 ئايدا ئامېرىكاغا كەلگەن. ئۇ 2019-يىلى ئامېرىكا ئاۋازى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا باشلىغان.

ئەمما ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى، بىزنىڭ قاسىم ئابدۇرېھىمغا خىتاي تەرىپىدىن كەلگەن بۇ بېسىم ۋە ئۇنىڭ سابىق خىزمەتداشلىرى ئۇچرىغان ئادالەتسىزلىك ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

قاسىم 5 نەپەر سابىق خىزمەتداشلىرىنىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ ئالدىدا يەنى 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر تونۇشىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنى ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ماقۇل كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانىكەن. قاسىم ئابدۇرېھىم ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى قەتئىي ھالدا رەت قىلغاندىن كېيىن، بۇ بەش نەپەر سابىق خىزمەتداشلىرىنىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋىرى كەلگەن. ئەمما ئايدىڭلاشمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلالمىغانىكەن.

ئەمما ئۇ، تەمىنلىگەن مەلۇماتقا ئاساسەن رادىيومىز مۇخبىرلىرى، بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ ئىچىدە پەقەت بىرىنىڭ يەنى ئابدۇقادىر روزىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللەنگەنىدى.

رادىيومىز 2021-يىلى-10 ئايدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى جوڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى دائىرىلىرى ئارقىلىق، بۇ مەكتەپتە دوكتور ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان، 35 ياشلىق ئابدۇقادىرجان روزىنىڭ 2021-يىلى 4-ئايدا ئۇنىۋېرسىتېتتا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ۋە ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى دەلىللىگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپ ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئابدۇقادىرجاننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى رەسمىي مەكتەپ يىغىنىدا بىلگەن بولۇپ، باشقا بىر خىزمەتچى ئۇنىڭغا ئابدۇقادىرجاننىڭ ئەمدى ئۇنىۋېرسىتېتقا كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئابدۇقادىرجاننىڭ ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، ئۇ ھەتتا خىتاي بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىز تىلى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان ۋە 2018-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋە «كۈچلۈك يېڭى ئۈلگە شەخس» بولۇپ باھالانغانلىقى مەلۇم.

ئۇ كامبىرىج خەلقئارا سودا ئىنگلىز تىلىدىن گۇۋاھنامە ئالغان ھەمدە يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «21-ئەسىر كوكا-كولا لوڭقىسى» مەملىكەتلىك ئىنگلىزچە سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ بۆلۈمىنىڭ باھالىغۇچىسى بولغان.

ئابدۇقادىرجاننىڭ نېمە ئۈچۈن ۋە قەيەردە قولغا ئېلىنغانلىقى نامەلۇم. شۇنداقلا ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىلدە غايىب بولغان ۋە 7 يىلدىن كېسىلگەن، ئاتلان تىل مەكتىپىنىڭ سابىق خىزمەتچىلىرىدىن مىركامىل ئەخمەت، سەمەت ئابابەكرى، مەخمۇت ئابدۇقېيۇم ۋە ئەكبەر ئوسمان قاتارلىقلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئېنىق مەلۇمات يوق.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىش نامىدا 2016-يىلىدىن باشلانغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ياش تالانتلىق ئۇيغۇر ئىستۇدېنتلارمۇ نىشانلىنىپ كەلمەكتە ۋە كۆپ ساندا كىشى قولغا ئېلىنغانىدى. ھەتتا نۇرغۇنلىرىنىڭ پەقەت چەت ئەلدىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكى ئىلگىرىكى ئىلگىرىكى مۇناسىۋىتى سەۋەبلىكمۇ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم.

ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامالغان بولسا، يېقىنقى يىللاردا يوشۇرۇن سوتلىنىپ ئېغىر كېسىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولۇپ كەلمەكتە.

مەركىزى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى» نىڭ بۇ يىل 18-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە خىتاي دۇنيادا ئاخبارات خىزمىتى سەۋەبىدىن تۈرمىگە قامالغان ژۇرنالىستلار ئەڭ كۆپ دۆلەت بولغان.

خىتايدىكى ئاخبارات خىزمىتى سەۋەبىدىن تۈرمىگە قامالغان 44 نەپەر ژۇرنالىستنىڭ 19 نەپىرىنى ئۇيغۇر ژۇرنالىستلار تەشكىل قىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يالغۇز خىتاي ئىچى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر مۇخبىرلارنى قاتتىق باستۇرۇپ قالماي، مۇھاجىرەتتىكى مۇخبىرلارغىمۇ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى داۋام قىلماقتا.

جۈملىدىن ئامېرىكادا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش نىشانى قىلىنىپ كەلمەكتە، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر مۇخبىرلىرىنىڭ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان ۋە قولغا ئېلىنغان تۇغقانلىرىنىڭ سانى 50 تىن ئاشىدۇ. ئىلگىرى بەزىلىرىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىنغان ۋە زور دىققەت قوزغاپ كېلىۋاتقانىدى.

10-ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» (CECC) ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا 2023-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى داۋام قىلىش بىلەن تەڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىشى تەلەپ قىلىندى.

قاسىم ئابدۇرېھىمنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ دىياسپورادىكى ئاكتىپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىدە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى، دوستلىرىنى نىشان قىلماقتا. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلغۇچىلارغا ۋاستىلىق تەھدىت سېلىپ ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.