تارىخ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نۇقتىلىق زەربىگە ئۇچرىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.02.11
Lagerdiki-Uyghur-Serxilliri.jpg مۇھاجىرەتتىكى تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكى» دىكى بىر قىسىم زىيالىلار.
Sintash Media (Behram Sintash)

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر رايونىنى «خىتاينىڭ بىر قىسمى» غا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان «جۇڭخۇا مىللىتى» يەنى بىرلا خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا سىڭدۈرۈپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

 بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى تەشكىل قىلغۇچى يادرولۇق ئامىللاردىن بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، شۇنداقلا بۇ مەدەنىيەتنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم. رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرى جەريانىدا، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ساھەسىدىكى تۆھپىكار ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، جۈملىدىن يازغۇچى-شائىرلار، تارىخچىلار، تىلشۇناسلار، فولكلورشۇناسلارنىڭ كۆپلەپ تۈرمە-لاگېرلارغا تاشلانغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يازغان، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پىكىر ئېقىمىغا تەسىر كۆرسەتكەن يالقۇن روزى، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىق ئۆتكۈر زىيالىيلاردىن باشقا يەنە تارىخچى ئابلىز ئورخۇن، فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت، تارىخىي رومانلىرى بىلەن داڭ چىقارغان ياسىنجان سادىق چوغلان، جەمئىيەتشۇناسلىق دوكتورى زۇلپىقار بارات ئۆز باش قاتارلىق كۆپلىگەن تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچىلارنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغانىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور ھېنرىك شاجېۋسكى (Henryk Szadziewski) خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر زىيالىيلار ھەققىدە دوكلات ھازىرلىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە رادىيومىزغا مۇنداق دېدى:

 «بىز ئالدىنقى دوكلاتتا 312 ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلق زىيالىيلىرىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىدۇق. بىز بۇ زىيالىيلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئۇرۇق تۇغقانلىرى، دوستلىرى، ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ئارقىلىق دەلىللىدۇق. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلق زىيالىيلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. بىز بۇنى سەرخىللارنى يوقىتىشىڭ يېڭى شەكلى دەپ ئاتايمىز. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش» .

خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا نۇقتىلىق زىيانكەشلىك قىلىدۇ؟

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرنىڭ بۇ سەرخىللىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋىجدانىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ۋە كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى تەلتۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە قىلماقچى» .

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردا خىتاي مىللەتچىسى شى جىنپىڭ يولغا قويغان «بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە يۇغۇرۇۋېتىش» ئىستراتېگىيەسى خىتايدىكى بارلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنىڭ چىرايلىق ئاتىلىشىدۇر. بۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچى زىيالىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك ئېڭىنى ساقلاپ قېلىشتا يېتەكچى رول ئوينىغۇچىلار بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر بېرلىندا تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى زىيالىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەرخىللىرى قىلغان كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلىكى 2014-يىلى يىلى باشلاندى. مېنىڭ راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش دوستلىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىم ھازىر لاگېرى ۋە تۈرمىدە. ئۇلارنىڭ ھېچ بىر گۇناھى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن تەھدىت ھېسابلىدى. ئۇلار تەتقىقاتى يەنى پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. »

ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىل باشلىغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا دىنىي ساھەدىكىلەر ۋە مىللەت سۆيەر زىيالىيلار ئالدى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى تەكىتلەش ۋە مىللەتنى يېڭى دەۋرگە لايىق ئادەملەر قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن تۆھپىكارلار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ قەلىمىنى سۇندۇرۇپ، مېڭىسىنى يۇيۇش بىلەن مەشغۇل بولماقتا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مەقسىتى ئالدى بىلەن مىللەتنىڭ يولباشچىلىرى بولغان زىيالىيلارنى يوق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك ئېڭى ۋە جاسارىتىنى ئۆلتۈرۈش، ئاندىن پۈتۈن مىللەتنى خىتاي كىملىكى ئاستىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.