ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قوللىغان ئىسلام ئەللىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
2023.01.12
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» نىڭ رەئىسى ئەلى راشىد نۇئامىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى 14 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن 30 نەچچە كىشىلىك بىر ئۆمەك 9-يانىۋار ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغانىدى.
«دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش بۇ «زىيارىتى» ۋە ئۇلارنىڭ قىرغىنچىلىق تېخى توختىمىغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تۇپرىقىدا تۇرۇپ، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاشكارا قوللاپ ئېلان قىلىۋاتقان باياناتلىرى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جىددىي تەنقىدىي ئىنكاس قوزغىماقتا، شۇنداقلا خەلقارالىق دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقوق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە.
11-يانۋار كۈنى ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى رادىيومىزغا ئارقا-ئارقىدىن بايانات يوللاپ، خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن «دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» باشچىلىقىدا تەشكىللىنىپ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان ئاتالمىش مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋەكىللىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئىمزاسىدا رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە يوللانغان بايناتتا مۇنداق دېيىلگەن:
«ئىسلام دۆلەتلىرى ئۆلىمالىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا (ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدۇ) زىيارەتتە بولۇشى، بەلكىم كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بېسىملارنى ئازايتىش ۋە يوق قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرغان ئۇرۇنۇشى بولۇشى مۇمكىن. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىدىغان «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش»، «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» ۋە «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بۇ خىل زىيارىتىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى كەسكىن سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرالايدۇ، ھەتتا كۈچەيتەلەيدۇ.»
ئامېرىكا خەلقارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يۇقىرىقى جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەر يىلى بىر ۋە بىر قانچە ئوخشىمىغان دوكلاتلارنى تەييارلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە خەلقئارا تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلىشىدە، شۇنداقلا مۇناسىپ تەدبىر-قانۇنلارنىڭ ماقۇللىنىشىدا زور رول ئويناپ كەلمەكتە. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ، ئاتالمىش مۇسۇلمان ئەللەر ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتىنى تەنقىدلەپ، ئۆزىنىڭ ئىنكاسىنى يوللىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مايا ۋاڭ رادىيومىزغا ئەۋەتكەن باياناتىدا بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئويۇنى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
«خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلەر ۋە ئىسلام ئۆلىمالىرىنى ئىشلىتىپ ۋە ئۇلارنى سۈيىئىستېمال قىلىپ ئۆزىنى ئاقلىماقتا. بۇ ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ دىنى ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا قارىغۇلارچە كۆز يۇمغانلىقى كىشىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن غايەت زور كۈچ چىقارغانلىقىنىڭ بىر ئالامىتىدۇر.»
مايا ۋاڭ يەنە كىشىلىك ھوقونى ھىمايە قىلىدىغان ئوخشىمىغان گۇرۇپا ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەزكۇر كۆز بويامچىلىققا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشىنىڭ تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:
«مەن ھەقىقەتكە باھا بېرىدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەقىقەتەنمۇ بەزىلىرى بار، ئۇلار ھېچ بولمىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا كەسكىن سوئاللارنى سورايدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتىغا ئوخشاش گۇرۇپپىلارنىڭ پىكىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.»
«دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلەر كېڭىشى» نىڭ باشچىلىقىدا تەشكىللەنگەن بۇ ئۆمەكمۇ، خۇددى ئىلگىرى خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان باشقا مۇسۇلمان دۆلەت ۋەكىللىرىدىن پەرقسىز ھالدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە كۆز يۇمغان. ئۇلار يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن باياشات ۋە خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە مىللىي سىياسەتلىرىنى ماختاپ، خىتاينىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققان.
12-يانۋار كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 10- ۋە 11-يانۋار كۈنلىرى بۇ ئۆمەكنى باشلاپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئۆي ۋە دۇكانلارنى كەزدۈرگەن، قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسىنى زىيارەت قىلدۇرغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ زىيارەت ئۆمىكى قەدەم باسقان ھەر قانداق جايدا ئۇلارنى ئۇيغۇر ئارتسلار ياڭراق ناخشا-مۇزىكىلىرى بىلەن كۈتىۋالغان. ئۇلارنىڭ بارغانلا جايدا يېيىش-ئىچىشلىرى، ئالتايدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيلىپ ئويناشلىرى، سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈپ چاۋاك چېلىشلىرى سىن كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن. بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرى كەڭ تارقىلىپ، ھەر خىل تىللاردىكى چەت ئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىغان. بەزى كىشىلەر ئىنكاس يېزىپ، «مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىپىنى تۆككەنلىك»، «ئىسلام دىنىغا خىيانەت قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۆمەكنىڭ خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ئازى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشى، بولۇپمۇ ئۆمەك باشلىقى ئالى راشاد ئەل نۇئامىنىڭ باياناتى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، بەلكى يەنە ئامېرىكادىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرنىڭمۇ كۈچلۈك تەنقىدىي ئىنكاسىنى قوزغىماقتا.