تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش 30 نەپەر ئاتالمىش «ئۆلىما» نىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
2023.01.12

1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ «دۇنيا مۇسۇلمان جامەئەتلىرى كېڭىشى» دەپ ئاتالغان بىر ئاممىۋىي تەشكىلاتقا ئەزا 14 دۆلەتتىن كەلگەن 30 نەپەر ئاتالمىش «ئۆلىما» نىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە زىيارەت ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا خىزمەت قىلىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، تۈرك سىياسەتچىلەر، ئۆلىمالار ۋە ژورنالىستلارنىڭ كۈچلۈك نەپرىتىنى قوزغىدى.
تۈركىيەدىكى تونۇلغان ئۆلىما ئېھسان شەنئوجاق ئەپەندى «دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» نىڭ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتى ئارقىلىق قاتتىق ئەيىبلەپ، مۇنداق يازغان: «ئىسلامنىڭ مىڭ يىللىق قەلئەسى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قىزلىرى خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇلىۋاتىدۇ. جامە ۋە مەسچىتلەر چېقىلىۋاتىدۇ، ياشلار ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ، قۇرئان كۆيدۈرۈلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بار. بۇنداق بىر ۋەھىمىلىك پەيتتە خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى قوللاپ بايانات بەرگەنلەر ئۆلىما ئەمەس، بەلكى ساتقۇنلاردۇر.»
تۈركىيەدىكى تونۇلغان ژورنالىست، تېلېۋىزيە پروگرامما رىياسەتچىسى ئادنان زەنتۈرك ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس ئانالىز يۈرگۈزۈپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى پروگراممىمدا پۇل ئۈچۈن دىنداشلىرىنى ساتقان كىشىلەر ھەققىدە توختىلىمەن. ئەپسۇسكى، بۇ كىشىلەرنىڭ ‹مۇفتى› ۋە ‹ئۆلىما› دېگەندەك ئاتاقلىرى بار. بۇلار ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ كىچىككىنە مەنپەئەتىنى دەپ، تاكى شەرقىي تۈركىستانچىچە بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى يوق قىلىش سىياسىتىنى ماختىغان كىشىلەر. ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، بۇ ئاتالمىش ‹ئۆلىمالار› خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى مەدھىيەلىدى. بۇنى مۇسۇلمانلىق تەرەپتىنلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلىق نامىدىنمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»
بۈگۈن، يەنى 12-يانۋار كۈنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق، «دۇنيا مۇسۇلمان جامەئەتلىرى كېڭىشى» ناملىق تەشكىلاتقا ئەزا 14 دۆلەتتىن بولغان 30 نەپەر ئاتالمىش «ئۆلىما» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ مۇنداق يازغان: «شەرقىي تۈركىستان ھەممىمىزنىڭ قانىغان يارىسى. قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولۇۋاتقان ئىسكەنجە، بېسىم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ، 14 مۇسۇلمان دۆلەتتىن كەلگەن 30 دەك ئاتالمىش ئۆلىمانىڭ ‹خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان تېرورلۇققا قارشى كۈرەش تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ› دەپ بايانات بېرىشى، قاتتىق ئەجەپلىنەرلىك ئىشتۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتتىمۇ خىتاينىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى، ئۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. بشۇنداق تۇرۇقلۇق ‹دۇنيا مۇسۇلمان جامەئەتلىرى كېڭىشى› نامىدىكى بىر تەشكىلاتنىڭ بۇ خىل باياناتلىرى كىمگە خىزمەت قىلماقتا؟ بىز خىتايغا خوشامەت قىلىش ئۈچۈن بېرىلگەن بۇ باياناتلارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلىرىمىزنى تېرورچى دەپ ئاتىغان، شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادىغا قۇلاق سالمايۋاتقان ئاتالمىش ئۆلىمالار ھەم خۇدانىڭ ئالدىدا ھەم تارىختا بۇنىڭغا جاۋابكار بولىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىدە خىتاينى قوللىغان مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئەيىبلىگەن ئىدى. مۇسۇلمان دۆلەتلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللىماستىن زالىم خىتاينىڭ تەتۇر تەشۋىقاتىغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا خىزمەت قىلماڭلار. بىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قوللايمىز. مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى سۈكۈتتە تۇرماڭلار. خىتايغا ‹زۇلۇمىڭنى توختات› دەڭلار! .»
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان 2019-يىلى 2-ئىيۇل بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. بۇ ئۇچرىشىشتا، شى جىنپىڭ تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا قوشۇلغان ئىدى. تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قەيەرگە بېرىپ، قەيەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كىملەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي تەلەپلىرىنى تەييارلاپ خىتايغا سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىن جاۋاب كەلمىگەن ئىدى. تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ ھەقتىمۇ توختالغان ئىدى. ئۇ، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭمۇ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىشىغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقىنى، 5 يىلدىن بۇيان خىتايدىن خەۋەر كۈتكەن بولسىمۇ، تۈرك ھەيئىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشى مەسىلىسىدە كېلىشەلمەيۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا خىزمەت قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.