خىتاي خانلىق جەمەت ئەۋلادى داۋۇت مەخسۇتخانغا كۆرگەزمىخانا ئېچىپ بەردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.15
2008.09.15
بۇ كۆرگەزمىخانا 50 كۋادرات مېتىر كەڭلىكىدىكى ئۆي بولۇپ، بۇنىڭغا داۋۇتخاننىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرى، چىڭ خانىدانلىقى ئۇنى خان قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىگە ئائىت يارلىق ۋە خىتايدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىشى قاتارلىق ھۆججەت - ماتېرىياللار قويۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، داۋۇت مەخسۇتخان چىڭ خاندانلىقىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن يەرلىك خانلاردىن قۇمۇل، تۇرپان خانلىرىغا ئوخشاش كۇچاغا تەيىنلىگەن "كۇچا خانى" ئىكەن.
بۇ ھەقتە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇمۇل، تۇرپان ۋە كۇچا قاتارلىق جايلىرىدا، ئەينى ۋاقىتتا مانجۇ ئىمپېرىيىسى، چىڭ سۇلالىسى بىلەن ھەمكارلاشقان ئۇيغۇر يۇرت چوڭلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنى تېپىپ چىقىپ ياكى ئۇلار قالدۇرغان تارىخى ئىزنالارنى مەبلەغ سېلىپ يېڭىلاپ ۋە ھەر خىل شەكىلدە مەنا بېرىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئاتالمىش "ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى" ئېلىپ بېرىش بازىسىغا ئايلاندۇرغان بولۇپ، داۋۇتخان كۆرگەزمىخانىسىمۇ ئەنە شۇلارنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، بۇ پەقەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىلى "ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىدى" دېگەن سەپسەتىنى ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.