خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسمايىل سەمەتنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى
2006.04.06
خىتاي ھۆكۈمىتى، 2003 - يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىسمايىل قارى ۋە ئىلھام دەپ تونولغان ئىسمايىل سەمەتنى، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان، قانۇنسىز پارتلاتقۇچ ياساش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئسمايىل سەمەت ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2005-يىلى 10- ئاينىڭ 31- كۈنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. لېكىن سوت ھۆكۈمىدە، ئىسمايىل سەمەتنىڭ ئەگەر ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلالايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇرۇمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئىسمايىل سەمەتنى، 1997- يىلى 3- ئايدا پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە ھەسەن مەخسۇم قاتارلىق توققۇز كىشى بىلەن بىرلىكتە "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" نى قۇرۇپ چىققان ھەمدە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇش مەقسىتىدە، مۇجاھىتلار تەربىيىلەش ئۈچۈن 1997- يىلى 5- ئايدا تۇنجى تۈركۈمدىكى 11 ئادەمنى ئافغانىستانغا تەربىيىلەشكە ئاپارغان، 1997- يىلى 9- ئايدا ئافغانىستاندا خىمىيىۋىي پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ياساشنى ئۆگىتىدىغان لىزا لاگىرىنى قۇرۇپ شىنجاڭلىق 100گە يېقىن ئادەمنى تەربىيلىگەن دەپ ئەيىبلىگەن.
ئەمما، ئىسمايىل سەمەت سوتنىڭ پۈتۈن ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، ئەيىبنامىدا بېكىتىلگەن پاكىتلار پۈتۈنلەي خاتا، مەن گۇناھسىز دېگەن.
سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسىدا بايان قىلىنىشىچە، ئىسمايىل سەمەتنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتتا " جاۋابكار ئىسمايىل سەمەتكە قانۇنسىز قورال-ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچ ياسىغان دېگەن پاكىتنى بېكىتىشنىڭ دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ئەمەس، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ئۆز- ئارا ماس كەلمەيدۇ دەپ، ئىسمايىل سەمەتنى ئاقلىغان. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ب د ت ئەمەلدارى، خىتايدا تەن جازاسى بېرىش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال، دەپ كۆرسەتتى
- تەن جازاسىنى تەكشۈرگۈچى خادىمى خىتاي زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- ب د ت ئەمەلدارى، خىتايدا مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال، دېدى
- ب د ت ئەلچىسى خىتايدىكى قىيىن- قىستاققا ئېلىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرىدۇ
- كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى: خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇيغۇر ئېلىدە