ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدا 2500 كىشىلىك ئىپتارغا قاتناشتى
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.09.17
2008.09.17
رايون باشلىقى زىياپەتتە قىلغان سۆزىدە بۇ ئىپتار زىياپىتى ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيە مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇھىم پائالىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى: زەيتۇنبۇرنۇ بولسا، ئىستانبۇلدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان جاي. تۈركىيىدە نۆۋەتتە، شەرقى تۈركىستان ۋەخپى، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقى تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، قەيسەرى شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقى تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى قاتارلىق ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلار مەۋجۇت. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى تۈركىيىنى شەرقى تۈركىستانچىلارنىڭ ئىدېئولوگىيە بازىسى دەپ قارايدۇ.
ئۇيغۇر رايونىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى ھەر خىل چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى روزا مەزگىلىدە مەجبۇرىي ئاچتۇرۇلىۋاتقان بۇ مەزگىلدە، ئىستانبۇل زەيتۇنبۇرنۇ رايون باشلىقىنىڭ مەخسۇس شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ئىپتار زىياپىتى بېرىشى دىققەت تارتماقتا.