فۇكاڭدىكى شېنلوڭ كۆمۈركېنىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ئاشكارىلاندى


2005.07.29

7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كۆمۈر كان ئاستىدا گاز پارتلاپ، 83 نەپەر ئىشچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ فۇكاڭ ناھىيىسىدىكى شېنلوڭ كۆمۈر كېنىنىڭ پاي چىكى، قۇمۇل كۆمۈرچىلىك گۇرۇھىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكى پاش بولدى. قۇمۇل كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈرچىلىك شىركەتلىرىنىڭ بىرى.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كاننىڭ پاي چېكى، قۇمۇل كۆمۈرچىلىك گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى شۇنداقلا مەزكۇر شىركەتتىكى 100 ئارتۇق خىزمەتچى خادىمنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئۇلار 2001 - يىلى 9 - ئايدا فۇكاڭدىكى جياپىگو كۆمۈر كېنىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، مەزكۇر كاننىڭ نامى شېنلوڭ كۆمۈر كان چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى، دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پايچىكلار، جياپىگو كۆمۈركېنىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن فۇكاڭ ناھىيىسىدىكى دائىرىلەرگە ئارقا ئىشىك قىلغان. شىركەت 2001 - يىلى 11 - ئايدا تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ، قۇمۇل كۆمۈرچىلىك گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن باۋسى شىركەتنىڭ قانۇنى ئىگىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. جياپىگو كۆمۈر كېنى يىلدا 30 مىل تونا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرالايتتى.

ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەر شىركەتنىڭ مەسئۇللىرىنى قولغا ئالدى. فۇكاڭدىكى كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن قازا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارىخىدىكى زور كۆمۈركان ۋەقەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.