ئۈرۈمچىدە زور ئەگەشمە قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايەتچى سوتلاندى


2006.12.03

ئۈرۈمچىدە بۇنىڭدىن بەش ئاي ئىلگىرى يەنى 23 - ئىيۇن زور ئەگەشمە قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. ھەممىنى چۆچۈتكەن بۇ ۋەقەدە، دوڭ فېڭ ماركىلىق بىر چوڭ يۈك ئاپتوموبىل ئۈرۈمچى ساي يولى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىدا مەلۇم قاتناش ۋەقەسى ئۈستىدە قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان دوختۇر ئاپتوموبىلى ھەمدە ساقچى ماشىنىسىنى ۋە يەنە ۋەقەگە ئۇچرىغان يەنە بىر ئاپتوموبىلنى شىددەت بىلەن سوقۇپ بەش كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى ھەمدە بىر كىشىنىڭ ئېغىر يارىلنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە قېچىپ كەتكەن.

مەزكۇر قاتناش ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارى 31 ياشلىق شېن خوڭجې، ئەسلىدە خېنەندىن ئۈرۈمچىگە ئىش ئىزدەپ كەلگەن ئاققۇن بولۇپ، ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى ئايدىن كېيىن تۇتۇلغان ئىدى. ئۈرۈمچى قانۇن تورىدىن ئىگە بولىشىمىزچە 28 - نويابىر كۈنى شېن ئۈستىدىن سوت ئېچىلىپ ئۇنىڭ ئېغىر قاتناش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەمدە ۋەقەدىن كېيىن قېچىپ كەتكەنلىكىگە قارىتا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر قاتناش ۋەقەسىدە كېلىپ چىققان جەمئىي ئىككى مىليون 400 مىڭ يۇەنگە يېقىن زىيان ھەمدە قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

ئەمما ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىپادىلىشىچە گەرچە شېن جىنايىتىگە ئىقرار بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى تەلەپ قىلغان جەمئىي ئىككى مىليون يۇەن تۆلەمنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمنىڭ ئەھمىيىتى يوق ئىكەن.

بۇ ئېچىنىشلىق ئەگەشمە قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئارىسىدا، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئايالى ماھىنۇر قاسىمىنىڭ جىيەن قىزى بولغان كۆمۈركان دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزغۇچى سېستراسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان رازىيەمۇ بار ئىدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.