ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە ھىزبۇل - تەھرىرگە قارشى 100 كۈنلۈك تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلماقتا

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك تور بەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە " ھىزبۇل - تەھرىرگە قارشى " كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات تەربىيىسىنى باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.09.16

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ناھىيىلىك پارتىيە‏ - ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى سىياسىي تەشۋىق تەربىيە پائالىيىتىنىڭ نۇقتىلىق تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلۇغچات ناھىيىسىنىڭ ھەر بىر يېزا ‏ - كەنتلىرىگىچە، ھىزبۇل - تەھرىرنى  پاش قىلىش، ئۇنىڭدىن ئاگاھ بولۇش ھەممە بىرلىكتە ھىزبۇل - تەھرىردىن  ئىبارەت بىدئەت تەشكىلاتقا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

ناھىيىلىك پارتكوم بۇ خىل تەشۋىقىي تەربىيىنى كەنت رادىئولىرىدا كۈندە ئاڭلىتىش، ھەپتىدە ئاڭلىتىش قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئاز بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش، ھىزبۇل - تەھرىرنىڭ  قانۇنسىز ئۆكتىچى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىپ ھەر بىر ئورگان ھەم كەنت يېزىلاردا 100كۈنلۈك مۇقىملىقنى كۈچەيتىش سىياسىي ئۆگىنىش، نوتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئوقتۇرۇشى چۈشۈرگەن.

ئۇلۇغچات ناھىيىسى دائىرىلىرى بۇ يۈز كۈنلۈك تەشۋىقىي تەربىيە ئارقىلىق ھەر بىر كادىر ھەم دېھقان ئاممىنىڭ كاللىسىدا ھىزبۇل - تەھرىرنىڭ  بىدئەت ئەكسىيەتچىل تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھىزبۇل - تەھرىرچىلەرگە ھېچقانداق يوچۇق قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىگە دائىر خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا رامىزان كىرىشى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش نامىدا،ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى كۈچەيتمەكتە. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.