ئاقسۇدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىدا ۋەقە يۈز بېرىپ، بىر ئوقۇغۇچى ئۆلدى
2005.10.17
دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتۇش بىناسى پەلەمپىيىنىڭ سالاسۇنى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، بىر ئوقۇغۇچى ئۆلدى، 64 ئوقۇغۇچى يارىلاندى. خەۋەرلەرگە قارىغانغاندا ۋەقە يۈز بەرگەندە ئوقۇغۇچىلار سىنىپتىن مەكتەپ قورۇسىغا ئەتىگەنلىك بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە ماڭغان ئىكەن.
ۋەقە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈئەنى 1 - دىۋىزىيىسىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىكى 2 - ئوتتۇرا مەكتىپىگە قاراشلىق شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپىدە يۈز بەرگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرى، ۋەقەنىڭ ئوقۇغۇچىلار پەلەمپەيگە كەپلىشىپ قالغانلىقتىن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ۋەقەدە ھازىرغىچە بىر ئوقۇغۇچى ئۆلگەن، 64 يارىلانغان بولۇپ، يارىدارلار ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان.
بۇ يىل 8 - ئايلاردا بىڭتۈئەندىكى شاڭخەيلىك بەزى خىتايلار يۇرتىغا قايتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىسيان چىقارغان ئىدى. خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن باش مىنىستىر خۇئاڭ جۈينى ئۇيغۇر ئىلىغا ئەۋەتكەن. ئۇ، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، بىڭتۈئەندىكى خىتايلارنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى، خىتاي باللىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە مائارىپ ئەھۋالىنى ياخشىلاش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى بىڭتۈئەننى "شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى ئالدىنقى سەپ قورغىنى، دەپ قارىماقتا. ئەمما ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىڭتۈئەننى " ئىسمى - جىسمىغا لايىق مۇستەملىكىچىلىك ئورگىنى" دەپ ئەيىبلەپ كەلدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بايدىكى كان ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان 14 ئىشچىنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن
- بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە كەلكۈن ئاپەتلىرىدە ئۆلگەن ئادەملەر سانى 20 گە يەتتى
- ئاقسۇدىكى بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 2 كىشى قازا قىلدى
- فۇكاڭدىكى شېنلوڭ كۆمۈركېنىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ئاشكارىلاندى
- ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاش يوللاردا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە