ۋاشىنگتوندىكى بروكىڭىز ئىنىستىتۇتىدا دوكلات بېرىدىغان خىتاي دىنىي ئىشلار خادىملىرىنىڭ ئىچىدە بىر ئۇيغۇر بار
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.09.05
2008.09.05
بروكىڭىز ئىنىستىتۇتى خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى جېفرېي بادېر رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ۋە 11 - سىنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا ۋاڭ زوئەن، ئادىلجان ھاجى كېرىم، خىتاي كاتولىك، بۇددىزم، داۋىزم جەمئىيەتلىرىدىن كەلگەن دىنىي ساھەدىكى كىشىلەر سۆز قىلىدۇ.
بروكىڭىز ئىنىستىتۇتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا خىتايدىكى ئوخشىمىغان دىنىي گۇرۇھلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ دەۋرىمىزدە خىتايدىكى دىنىي ئېتىقادلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە دوكلات بەرگۈچىلەرنىڭ تۈرلۈك سۇئاللارغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ ۋاشىنگتونغا كېلىدىغان مەزگىلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە رامىزان ئېيى مۇناسۋىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ روزا تۇتۇش، تەرەۋىگە بېرىشىنى چەكلەۋاتقانلىقى، زوغا قوپقان ئائىلىلەرنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلمەكتە.