خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى قاتتىق چەكلىمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇپ، ئىبادەت قىلىشىنى قاتتىق چەكلىمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.04

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى پەيشەنبە كۈنى ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم دىنىي پەرزى ھېسابلانغان رامىزان ئېيىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەلمەيۋاتقانلىقىنى، ھەتتا خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدە رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاقتىدا ئېچىلمىغان 11 رېستوران ۋە ئاشخانىنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، چارىباغ يېزىسىدىكى "قېيۇمجان " ئاشخانىسى ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە قارىماستىن تاقىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، دائىرىلەر تەرىپىدىن 6 ئايغىچە تىجارەتنى توختىتىش جازاسىغا تارتىلغان.

ھۆكۈمەت يەنە، مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ، رامىزاننى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ناغرا چېلىش، روزىنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، ساقال قويۇپ، چۈمبەل ئارتىش، رېستوران ۋە ئاشخانىلارنى تاقاش، ئالىي، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ روزا تۇتۇشى قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەپ، بۇنىڭغا خىلاپ ھەرىكەت ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ قىلمىشىنىڭ ئېغىر ‏ - يىنىك دەرىجىسىگە قاراپ جازالىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ھەتتا رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ھاراق، تاماكا سېتىشنى توختاتقان دۇكانلارنىڭ قاتتىق زەربە بېرىش كاتېگورىيىسىگە كىرىدىغانلىقىنى، دۆلەت كادىرلىرى، پىنسىيىگە چىققۇچىلارنىڭ قەتئىي مەسچىتكە كىرمەسلىكىنى، بۇنىڭ ئەكسىچە ھەرىكەت ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قاتارىدا قانۇنى ۋە ئىقتىسادى جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.