ئانالىزچىلار: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-جايلىرىنىڭ چېقىلىشى ئۇلارنى كىملىكى ۋە ئىقتىسادىي مەنبەسىدىن مەھرۇم قىلماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.09.30
mejburi-oy-cheqish-2.jpg يامالىق تېغىدىكى ئوي-ماكانى چېقىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ئويلىرىدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالغان. 2010-يىلى، ئۈرۈمچى.
RFA/Qutlan

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۈكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەھەللە-كويلىرى ۋە ئۆي-جايلىرىنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بارغانچە كۆپەيمەكتە.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ 29-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە دىيىلىشىچە، 2019-يىلىدىن باشلاپ، ۋىلايەت، شەھەر ۋە بازارلاردىكى 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن سېلىنغان كونا ئولتۇراق رايونلار نۇقتىلىق ئۆزگەرتىلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2021-يىل 9-ئايغىچە ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى 222 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلغان.

يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللىلىرى ۋە ئۆي-جايلىرىنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرى بارغانچە كۆپەيدى. تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر مەجبۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئۇسلۇبتا سېلىنغان پېشايۋانلىق ئۆيلىرىدىكى نەقىشلەرنى، تورۇسلارنى، تام-ئۇيۇقلىرىنى مەجبۇرىي چاققۇزغان. ئۇيغۇرلارنى مەھەللىلەر بويىچە ئۆي-جايلىرىدىن مەجبۇرى كۆچۈرۈپ، خىتاي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بىنا ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتكەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە بۇ خىل ئۆزگەرتىشنىڭ مەقسىتى ۋە نەتىجىسى ھەققىدە توختىلىپ: «كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشتىكى مەقسەت ئاھالىلەرگە قولايلىق يارىتىش، ئولتۇراق رايونلارنى تېخىمۇ كۆركەملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ خىزمەت مېخانىزمى مەھەللە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشلاش ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئۈنۈم يارىتىدۇ،» دېيىلگەن.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىدا ھويلا ۋە باغ-ۋاراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 مودىن ئارتۇق شەخسىي قورۇ-جايى بار ئىكەن. بۇ قورۇدىكى 10 نەچچە ئېغىز ئۆي ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا پېششايۋانلىق قىلىپ سېلىنغان ئىكەن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بۇ قورۇ-جايلىرى 2016-يىلى 8-ئايدا بىر ھەپتە ئىچىدىلا مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ دادىسى ۋە ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ ئائىلىسى مەجبۇرى ھالدا شەھەر چېتىدىكى ئىككى يۈرۈش بىنا ئۆيگە كۆچۈرۈلگەن ئىكەن.

ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دادىسى گەرچە ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئائىلە ھەر يىلى بېغىدىن چىقىدىغان مىۋىلەر ۋە ھويلىسىدىكى قوتاندا بېقىلىدىغان 30 نەچچە تۇياق قوي، 3-4 كالىسىنى بورداش ئارقىلىق ھەر يىلى مەلۇم مىقداردا ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىدىكەن.

ئابدۇرېھىم غەنى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان يۇرتى ئۇچتۇرپاندىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پېشايۋانلىق ھويلا-ئاراملىرى چېقىلىپ، ئۇلارنىڭ باغۋەنچىلىك، باقمىچىلىق ۋە ئەنئەنىۋى ئائىلە قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بىلەن كىرىدىغان ئىقتىسادىي مەنبەسى ئۈزۈپ تاشلانغان.

ئامېرىكادىكى ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتچىسى قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي ئۇسلۇبىدىكى ئۆي-جايلىرىنى چېقىۋېتىش، ئۇيغۇر مەھەللىرىنى ۋەيران قىلىش قىلمىشلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدىمۇ يۈز بەرگەن ئىكەن.

قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى چېقىپ، ئۇيغۇر مەھەللىرىنى يوقۇتۇشى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەتى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا،

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ باغۋەنچىلىك، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، باقمىچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئائىلە ئىگىلىكىدىن كېلىدىغان كىرىم مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 25-سېنتەبىر كۈنى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر بايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان مال-مۈلۈكلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى.

دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زور كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر بايلىرىنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى ۋە باغ-ۋارانلىق ئۆيلىرىنى مۇسادىرە قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ سېتىلغانلىقى ياكى چېقىۋېتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى.

دوكلاتنى تەييارلاشقا قاتناشقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم زىيارىتىمىزنى بۇ ھەقتە قوبۇل قىلدى. زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىكى باغ-ۋارانلىق ئۆي-ماكانلىرىنىڭ چېقىلىپ، بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلۈشى، ئۇيغۇرلارنى ئەنئەنىۋى مىللى كىملىكى ۋە ئىقتىسادىي مەنبەسىدىن ئايرىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئولتۇراق رايونلىرى ۋە مەھەللە-كويلىرىنى چېقىۋېتىش مەسىلىسى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. 2008-يىلى قەدىمىي شەھەر قەشقەردىكى كونا ئۇيغۇر مەھەللىلىرى «شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش» نامىدا چېقىپ تاشلانغان ئىدى. ئەينى چاغدا بۇ ئەھۋال خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. ئۇلار بىردەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئولتۇراق رايونلىرى ۋە ئۆي-جايلىرىنىڭ چېقىۋېتىلىشى، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ كىملىكى، ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە مەدەنىيەت بوشلۇقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.