نوغاي مەسجىتىدىن قايتقان ئۇيغۇر بوۋاي: «كومپارتىيە ‹مەسچىتكە كىر› دېسە كىرىمىز، ‹كىرمە› دېسە كىرمەيمىز!»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-09-14
Share
meschit-teshwiqat-boway.jpg خىتاينىڭ تەشۋىقات لوزۇنكىلىرى ئېسىلغان مەسچىت. 2014-يىلى 17ئىيۇل، ئاقسۇ.
AP/Ng Han Guan

مەركىزى ئەنگىلىيەدىكى «ITV» قانىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى يېقىندا ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىكى زىيارىتى ئاساسىدا بىر سىن خەۋىرى ئىشلەپ تارقاتقان ئىدى. مەزكۇر فىلىمنىڭ دەسلەپكى قىسمىدا مۇخبىرلار لاگىرغا قامالغان ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىپ كېلىۋاتقان نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىتنىڭ قەشقەر توققۇزاقتىكى ئۆيىنى تېپىپ بارغان. ھالبۇكى، قىسقىغىنە 4 يېرىم يىل ئىچىدە نۇرسىمانگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى تۇرۇۋاتقان بۇ قورۇ ئاللىقاچان بىر خارابىلىققا ئايلانغان. بىز ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق.

«ITV» مۇخبىرى دەبى ئېدۋاردنىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى زىيارەت خاتىرىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم نوقتىسى، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى نوغاي مەسجىتى ئالدىدا تارتقان كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، مۇخبىر بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ پۈتۈنلەي قامال ئاستىدا ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بەرگەن. مۇخبىر بايانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇخبىر نوغاي مەسچىتىنى سۈرەتكە ئالغان كۈنى دەل جۈمە كۈنى بولۇپ، بىر قانچە ياشانغان كىشىنىڭ مەسجىتكە كىرىپ كېتىۋاتقىنى سىنغا ئالغان. مۇخبىر سۆزىدە «رايوندا رومال سېلىش، قۇرئان ئوقۇش ياكى ساقلاش ۋە ھەتتا بالىسىنىڭ ئىسمىنى ‹مۇھەممەد› دەپ چاقىرىش چەكلەنگەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ كىشىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى دىققەتنى تارتىدۇ،» دېگەن. ئارقىدىنلا مۇخبىر مەسچىتتىن چىقىپ كېتىۋاتقان بىر ئۇيغۇر بوۋايدىن سوئال سورىغان. ئۇيغۇر بوۋاي مۇخبىرغا: «كومپارتىيە بىزنى مەسچىتكە كىرىڭلار دېسە كىرىمىز، كىرمەڭلار دېسە كىرمەي ئۆيىمىزگە كېـتىمىز» دېگەن.

مۇخبىر دەبى ئېدۋارد بۇ سۆزنىڭ رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي جەھەتتىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى شەرھىيلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مۇخبىرلار يەنە ھازىر گوللاندىيەدە تۇرۇۋاتقان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ بايانىغا ئاساسەن ئۈرۈمچى «ئىتتىپاق يولى مەھەللە كومىتېتى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى» نىمۇ ئىزدەپ بارغان. چۈنكى قەلبىنۇر سىدىق خانىم مۇخبىرغا بۇ ئورۇندا ئۆزىنىڭ ۋە باشقا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا تۇغماس قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

دەبى ئېدۋارد بۇ مەركەز ئالدىدا تۇرۇپ قىلغان سۆزىدە: «قەلبىنۇر بىزگە ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن تەھدىت خاراكتېرلىق تېلېفون ئۇچۇرىنى كۆرسەتتى، ئۇنىڭدا ئاياللار ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بۇ مەركەزگە كەلمىسە، ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە باشقا يېقىنلىرىنىڭ ھاياتى بىلەن ئويناشقانلىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. مانا مۇشۇ بىنانىڭ يەر ئاستى قەۋىتىدە قۇرۇلغان ئورۇندا، ئاياللار مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلىنىدىكەن. يۈزلىگەن ئاياللارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئەسۋابى مەجبۇرىي ئورنىتىلغانلىقتىن ئۇلار روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن يارىلانغان،» دېگەنلەرنى بايان قىلغان.

مۇخبىر دەبى ئېدۋاردنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ مۇخبىرلار ئۈرۈمچىدە قەشقەردىكىدىنمۇ ئېغىر تەقىبلەشلەرگە دۇچ كېلىدۇ. مۇخبىر نۇرغۇن ساقچىلارنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ كىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، نەگە بارغانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرغانلىقىنى، ھەتتا قەلبىنۇر سىدىق تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ئەھۋال ئىگىلەۋاتقاندا بىرلا ۋاقىتتا 8 ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئۆزلىرىنى قورشىۋالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

«ITV» قانىلىنىڭ بىۋاستە ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ تارتقان بۇ كۆرۈنۈشلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ رايوندا يولغا قويغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىنكار قىلىۋاتقان، شۇنداقلا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە گۇۋاھلىق بەرگەن گۇۋاھچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە توختىماي ھۇجۇم قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى رېئاللىقنى يورۇتۇپ بېرىدىغان يەنە بىر جانلىق پاكىت بولۇپ قالدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت