گوللاندىيەدىكى مەدىنە: «ھەدەم ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرالمىغان ھەر بىر كۈنۈم ۋىجدان ئازابىدا ئۆتمەكتە»
2024.11.18

گوللاندىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەدىنە مەمەت، ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى، بولۇپمۇ ئىككى بالىنىڭ ئانىسى، ھاياتىدا ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ھەدىسى مېھراي مەمەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھازىرغىچە ئۆزى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي يەتكۈزدى.
مەدىنەنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە تونۇش-بىلىشلىرى ئارقىلىق ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ھەدىسى مېھراي مەمەت، ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ (شىمىگو) ساقچىخانىسى تەرىپىدىن 2021-يىلى 17-نويابىر كۈنى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇ، تونۇشلاردىن ھەدىسى مېھراينىڭ ئۈرۈمچىدىكى-6 ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەدىسى مېھراي مەمەت 1990-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. بۇلاقتاغ (شىمىگو) رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۆي ئايالى. بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن، توي قىلغان، بىر قىز ۋە بىر ئوغۇل پەرزەنتى بار.
چوڭ تۇتقۇن 2021-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىمۇ داۋاملاشقان
خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش» نامىدا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە بىر قانچە مىليون بىگۇناھ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلغان بولۇپ، بۇ، خەلقئارا قانۇن، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغىمۇ تامامەن خىلاپ ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇ جايلارنىڭ جازا لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، ئۇنى «تېررورلۇققا» ۋە «ئەسەبىيلىككە» قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان «تەربىيەلەش» ئورۇنلىرى ياكى «ئىختىيارى كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ كۈز بويامچىلىق قىلغان بولسا، 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار سولانغان مەزكۇر لاگېرلار ھەققىدىكى دوكلاتلارنىڭ، خىتاي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ياپالمىغاندا بولسا، چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ لاگېرلار توغرۇلۇق كۈچىيىۋاتقان سوئاللىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بېيجىڭدا مەخسۇس ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ رايوندىكى ئىجراچىلىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىندا، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ «ئوقۇش» پۈتتۈرۈپ، ئۆيلىرىگە قايتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. بۇ ۋاقىت 2019-يىلى 9-دېكابىر ئىدى. ھالبۇكى گوللاندىيەدىن رادىيومىزغا ئۆز ھەدىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقى توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بەرگەن مەدىنە مەمەت بولسا ھەدىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتۇلغان ۋاقتىنى 2021-يىلى نويابىر دەيدۇ.
مەدىنە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۆزى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقىنىدا، ئاپىسى بىلەن ھەدىسىنىڭ قىسقا مەزگىللىك يوقلاپ كېلىپ كەتكىنىنى، شۇ باھانىدە كېيىن ھەدىسىلا ئەمەس ئاپىسىنىڭمۇ مەھەللىدە بىر قانچە ئاي ئوچۇق لاگېرغا ئۆگىنىشكە بارغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەدىنە ھەدىسىنىڭ 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۇتۇلغانلىقىنى ۋە ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى» بار دېگەندەك يالغان جىنايەتلەر ئارتىلىپ 7 يىل كېسىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئازابلانغان. مەدىنەنىڭ باشقىلاردىن ئاڭلىشىچە، ھەدىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا 2012-يىللىرى ئۇنىڭ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا، ياغلىق چىگكەنلىكى ئۈچۈن بېسىمغا ئۇچرىغانلىقتىن مەكتەپنى تاشلاشقا مەجبۇر بولۇشىدەك كەچمىشى، ئۇنىڭ يەنە 2012-يىللىرى مىسىرغا ۋە 2014-يىلى تۈركىيەگە ساياھەتكە بارغانلىقى باھانە قىلىنغانىكەن.
ئۇ تۇتۇلغاندا ئۇنىڭ بالىلىرى 3 ياش ۋە 5 ياشتا بولۇپ، ئانىسىدىن كىچىكلا مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن بۇ بالىلارغا مومىسى قارىماقتىكەن.
بۇ ئائىلىدىن تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەن بىرلا ئۇ ئەمەس
مەدىنەنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن پەقەت چەت ئەلگە ساياھەتكە چىققانلىقى ئۈچۈنلا تۇتۇلغانلار يالغۇز ھەدىسىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ھاممىسىنىڭ يولدىشى ئۆمەرجاننى دائىرىلەر، ئىلگىرى ئۇنىڭ ھەج قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ-2018 يىلى تۇتۇپ 8 يىللىق كېسىۋەتكەن. ھاممىسى ئانارگۈل ۋە ئۇنىڭ قىزىمۇ 2021-يىلى 11-ئايدا لاگېرغا تەڭ ئېلىپ كېتىلگەن. ھاممىسى لاگېردا ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، بىر يېرىم يىلدىن كېيىن، يەنى 2023-يىلى 2-ئايلاردا قويۇپ بېرىلگەن.
ئەمما ئۇنىڭ ھەدىسى مېھراي بىلەن نەۋرە ھەدىسى ئازىلە ئىككىسى بىر كۈندە سوتلىنىپ، ئوخشاشلا «تېررورلۇق گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقىسى بار» دېگەن ناملار بىلەن 7 ياكى 8 يىلدىن كېسىلگەن.
مەدىنەنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ھەدىسى بىلەن تەڭ كېسىلگەن ۋە 6-تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئازىلە ئۆمەرجان ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، مېھراي بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئىكەن. ئازىلە مىسىرلىق بىر ئەرەب بىلەن توي قىلىپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن ۋە ئۇلار ئۈرۈمچىدە قىزلىرى بىلەن ياشاۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەر ئازىلەنى تۇتۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئەرەب ئېرىنى مەجبۇرىي تۈردە دۆلىتىگە كەتكۈزۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن تەڭ مېھراينىڭ پەرزەنتلىرى ھەممىسى مەدىنەنىڭ ئاپىسىنىڭ ھامىيلىقىدا ئىكەن.
مەدىنە، نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەدىسى ۋە ئائىلىسىدىكى بىگۇناھ جازالانغانلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشنى كېچىكتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، بولۇپمۇ ئانىلىرىدىن ئايرىلغان نارەسىدە بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىشى ۋە ئۇلار ھەققىدە تولۇقلاپ ئۇچۇر يىغىشقا بىر مەزگىل ۋاقىت كەتكەنلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ ھەدىسنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئاڭلىغان كۈنىدىن بۇيانقى 3 يىلغا يېقىن جەرياندا بىر كۈنمۇ خاتىرجەم ئۇخلاپ باقمىغانلىقىنى، ھەر كۈنىنى ۋىجدان ئازابىدا ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. مەدىنە ئانىسىز چوڭ بولۇۋاتقان نارەسىدە ئىككى جىيەنىنىڭ، ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغاندىن كېيىنكى مەيۈس ھالىتىنى كۆرۈپ، يۈرىكىنىڭ نەقەدەر ئېزىلگەنلىكىنى تەسۋىرلىيەلمەي يىغلاپ كەتتى. . .
مېھراي مەمەت 2017-يىلىدىن تارتىپلا «نۇقتىلىق كۆزىتىش ئوبيېكتى»
بىز ئالدى بىلەن مەدىنە تەمىنلىگەن مېھراينىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، «شاھىت بىز» تورى ئارقىلىق ئۇنىڭ خىتاي ساقچى ئارخىپلىرىدىكى تۇتۇلۇشىغا ۋە كېسىلىشىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئىزدەشكە تىرىشتۇق. «شاھىت بىز» تورىنىڭ خادىملىرىنىڭ ئىزدىنىپ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، مېھراي مەمەتنىڭ كىملىكىگە، 2017-يىلىدىلا «نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان گۇماندار» دەپ بەلگە قويۇلغانلىقى مەلۇم بولغان. ھالبۇكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر خاتىرىلەنمىگەن. بۇ خىل بەلگە قويۇلغانلارنىڭ %70 تىن %90 كىچە تۇتۇلغانلىقى مەلۇم ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىقى، دەسلەپ 2016- ۋە 2017-يىللىرىدىن باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن دۇنياغا بىلىنىشكە باشلىغانىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىشى ھازىرغا قەدەر داۋام قىلماقتا.
ھەر تەرەپلىمە خەۋەر ۋە دوكلاتلار، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ توختىماي خەلقئارالىق ئاخبارات ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا، باستۇرۇشقا ئۇچرىغان ئائىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىقلار بېرىشى نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق جازا لاگېرلىرى پاش بولغانىدى.
خىتاي دۇنيانىڭ بۇ ھەقتىكى جىددىي سوئال ۋە تەنقىدلىرىگە ئۇچراشقا باشلىغاندا، خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان بۇ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشى، مىليونلاپ ئادەمنى تۇتۇپ تۈرمە-لاگېرلارغا سولىشىنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىدى. «تەربىيەلەش» كە ئەۋەتىلىدىغان ئۇيغۇرلار «ئىشەنچلىك»، «ئادەتتىكىچە» ياكى «ئىشەنچسىز» دەپ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىپ چىقىلغاندىن كېيىن، شۇنىڭغا ماس ھالدا ئوخشاش بولمىغان «تەربىيەلەش» نۇقتىلىرىغا ئەۋەتىلگەن.
دائىرىلەر «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئىجرا قىلىشقا باشلىغانىدى. يەنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» نى ئۆگىنىش دولقۇنىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- ۋە 90-يىللىرىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلارنى ئاساس قىلىپ، ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپى» نىڭ دوكلاتلىرىدا، لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ 70 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى 18 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.
بۇلاقتاغ (شىمىگو) ساقچىسى: «كېسىلگەن جىنايەتچىنىڭ ئارخىپى مەخپىي تۇتۇلىدۇ»
بىز مېھراي مەمەتنىڭ 6-تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، تېلېفونىمىز ئۇلانمىدى ياكى كېسىۋېتىلدى. ئەمما ئۇنى تۇتقۇن قىلغان ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ (شىمىگو) رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۇچۇر مەركىزىگە قىلغان تېلېفونىمىز ئۇلاندى.
تېلېفوننى ئالغان ساقچى خادىمدىن مېھراينىڭ ئىسىم فامىلىسى ۋە كىملىك نومۇرىنى دەپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ھازىرقى ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى سورىدۇق. دەسلەپ توردىن بۇ خىل ئۇچۇرنى ئىزدەپ كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان خىتاي خادىم، بىر قانچە سېكۇنتتىن كېيىن بولسا، «كېسىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئارخىپ ئۇچۇرلىرىنى ئادەتتىكى كىشىلەرگە تەمىنلەپ بېرىشكە بولمايدۇ» دېدى.
ئارقىدىن «دېمەك سورىغان مېھراي جىنايەتچى بولسا قەيەردە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولامدۇ؟» دەپ قايتۇرۇپ سورىدۇق. ئۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ ئۇچۇرنى ئاممىغا تەمىنلەپ بېرىش چەكلىنىدۇ، قانۇن بويىچە، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ جىنايەتچىنىڭ ئارخىپىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن چوقۇم مۇناسىۋەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە ئەدلىيە تارماقلىرىغا ئىلتىماس سۇنۇش شەرت!» دېدى-دە تېلېفوننى ئۈزدى ۋە تېلېفونىمىز قايتا ئۇلانمىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر لاگېرلارغا قانچىلىك ئۇيغۇر قامالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ باقمىغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ لاگېردىكى نۇرغۇن تۇتقۇنلارنى قاماققا ھۆكۈم قىلىپ، تۈرمىلەرگە يۆتكىگەنلىكى، نۇرغۇن تۇتقۇنلارنى يەنە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى پاش بولۇپ كەلمەكتە.
2024-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكادىكى يېل ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان «دۈشمەن كۆرۈلگەن ئۇيغۇرلار: خىتاينىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغان مۇستەبىت زۇلمى ۋە كەڭ كۆلەملىك قاماققا ئېلىش» ناملىق بىر دوكلاتتا، خىتاينىڭ 2014-يىلىدىن كېيىنكى 10 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمە-لاگېرغا كەڭ كۆلەمدە قاماشنىڭ كۆلىمىنىڭ كىشىنى چۈچۈتىدىغان ھالدا ئىكەنلىكىنى جانلىق كۆرسىتىپ بەرگەنىدى. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، قاماقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەھبۇسلۇق مۇددىتى جەمئىي 4 مىليون 400 مىڭ يىلغا يېتىدىكەن. يەنى ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ نابۇت قىلىنغان ۋاقتى 4 مىليون 400 مىڭ يىلغا بارىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنىڭ كۆلىمى، مىقدارى ۋە ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش دەرىجىسىنى بىلىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ھېسابلاشنىڭ تېخى ئەڭ ئادەتتىكى مۆلچەر ئىكەنلىكىنى، ھالبۇكى خىتاينىڭ قانۇنىغا كۆرە، ئۇيغۇر سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ قاماق مۇددىتى تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جىنايەتلىرىنى «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» رامكىسىغا سېلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى «قانۇن بويىچە زەربە بېرىش» دەپ نىقابلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، مېھراي مەمەتكە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا 2021-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىمۇ، پەقەت ئىلگىرى چەت ئەلگە چىققانلىق تارىخى بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنىپ يېقىنقى مەزگىللەردە جازالىنىشى بولسا، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن 2017-، 2018-يىللىرىدىلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەم داۋاملاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.