USCIRF: «ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى يەرلىك خەلقنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە تەھدىت سالماقتا»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.05.02
uyghurda-meschit-qizil-lozunka-partiye-teshwiqat.jpg بىر كىچىك بالىنىڭ «پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغان مەسچىتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 4-نويابىر، قەشقەر.
AP

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 1-ماي كۈنى 2024-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ يامانلاشقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «دىنىي ئەركىنلىككە سىستېمىلىق، ئىزچىل ۋە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي» نى قايتىدىن دىنىي ئەركىنلىكى «ئالاھىدە ئەندىشە قىلىنىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى؛ دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلىشتا جاۋابكارلىقى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا داۋاملىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى كېرەك ئىكەن. بۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 1998-يىلى «يەر شارى دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى» ماقۇللاپ، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بېرى، بۇ كومىتېتنىڭ ئېلان قىلغان 25-قېتىملىق دوكلاتى ئىكەن، شۇنداقلا دوكلاتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتاينىڭ 25 يىلدىن بېرى ئىزچىل دىنىي ئەركىنلىكى «ئالاھىدە ئەندىشە قىلىنىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى تەۋسىيە قىلىنغان ئىكەن.

 بۇ يىللىق دوكلاتتا، دۇنيادىكى 28 دۆلەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئانالىز قىلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە بەزى ھالقىلىق تەۋسىيەلەرنى بەرگەن. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل 1-ماي كۈنى بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە ئۇنىڭدىكى دىنلارغا بولغان ۋەھىمە سەۋەب بولغانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇر قىممەت قارىشىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېتىقادچى گۇرۇپپىلاردىن كومپارتىيەنىڭ ماركسىزملىق دىنىي چۈشەنچىسىنى قوبۇل قىلىشنى، دىنىي ئەھكام ۋە دىنىي قائىدىلەرنى بۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى، خىرىستىيان چېركاۋلىرى ۋە مۇسۇلمان مەسچىتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش شەكلىنى «چەت ئەل» نىڭ دەپ چېقىۋەتكەنلىكى ياكى ئۆزگەرتكەنلىكى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا: «ئېتنىك-دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى بولغان شىنجاڭ بىلەن تىبەتتە، خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى يەرلىك ئاھالىنى ئاسسىمىلياتسىيەگە مەجبۇرلاپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە تەھدىت سالماقتا» دېيىلگەن. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يىللىق دوكلاتى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىشى ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىشى داۋاملىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى روبېرت مەككاۋ (Robert McCaw) ، ئامېرىكادىكى مەزكۇر مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ دىنىي بۇزغۇنچىلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا جاۋابكارلىقى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى قوللايدىغانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال جازا يۈرگۈزۈشىنى چاقىردى. روبېرت مەككاۋ 1-ماي كۈنى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ياكى ھازىرقى مەۋجۇت جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، تۇتقۇن قىلىش، باسقۇنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكتە جاۋابكارلىقى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا نىشانلىق يولغا قويۇش چاقىرىقىنى قوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جازالاش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشىنى چاقىرىدۇ. »

روبېرت مەككاۋنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئامېرىكاغا قوبۇل قىلىشتا تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشى كېرەك ئىكەن. روبېرت مەككاۋ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا تۈركىي ئاز سانلىق مىللەت مۇساپىلىرىنىڭ رەسمىيىتىنى بېجىرىشتە ھەم ئامېرىكاغا قوبۇل قىلىشتا تېخىمۇ ئاكتىپ خىزمەت قىلىشىنى چاقىرىدۇ. بىز ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مۇساپىرلارنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىشتا سۆزىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئېھتىياجلىق، دەپ قارايمىز. »

بايدېن ھۆكۈمىتى 2022-يىلىدىكى ئامېرىكانىڭ مۇساپىرلار پىلانى ۋە 2023-يىللىق مالىيە خامچوت پىلانىدا 2023-يىلى ئامېرىكاغا مۇساپىر قوبۇل قىلىشنى 60 مىڭدىن 125 مىڭغا چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى 2023-يىلى پەقەت 62 مىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا پىرېزىدېنت بايدېن ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكاغا مۇساپىر قوبۇل قىلىشتا ئالدىنئالا ئويلىشىدىغان ئىجتىمائىي توپلۇقلارنىڭ بىرى دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل يوق، دەپ قارالماقتا.

ھالبۇكى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۇ بىر يىلدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى، تۈرمىگە قامىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى، روزا تۇتۇشنى چەكلىشى قاتارلىق چەكلىمىلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملاشقانلىقى، كومپارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ شىنجاڭدا باستۇرۇشنى كۈچەيتىش، خىتايچىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە داۋراڭ سالغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، «تۇتقۇندا بەزى كىشىلەر ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان، يەنە بەزىلەر تۈرمىدە ئۆلگەن ياكى قويۇپ بېرىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۆلگەن. ئۇيغۇرلارنى، جۈملىدىن تۈرمىدىكىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن ھەم ئۇنىڭ ئالدى ئېلىنغان، شۇنداقلا شىنجاڭ ساياھەت مەنزىلى قىلىپ بەلگىلەنگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىنىڭ تولۇق ئىجرا بولمايۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ بىر دۆلەت ئورگىنى بولۇش سۈپىتىدە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قانۇنلارنى تولۇق ئىجرا قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 1-ماي يىللىق دوكلات ئېلان قىلىشنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى تىيا لې (Thea Lee) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئامېرىكا قانۇن چىقارغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر رايونى بىلەن سودا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. تىيا لېنىڭ ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرىغا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتىكى مەۋجۇت ۋەزىيەتتە ئەمگەك مۇپەتتىشلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەرەپسىز ئەمگەك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن. ئۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىدىكى گۇۋاھلىق سۆزىدە، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، «شىنجاڭدىن چېكىنىپ چىقىشنىڭ بىردىن بىر يول ئىكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.