ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى: 150 كىشىلىك مەسچىتتە 4 نامازخان، ئۇيغۇر مەسچىتتە تۇڭگان ئىمام

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.11.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
heytgah-saqchi-charlash.jpg ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدا چارلاپ يۈرگەن ساقچىلار. 2017-يىلى 4-نويابىر، قەشقەر.
AP Photo/Ng Han Guan

خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا تەنقىدلەرگە جاۋابەن، ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي ۋەزىيەتنىڭ نورماللاشقانلىقىنى ئىزچىل ھالدا بازارغا سالماقتا. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، كورلادىكى 150-200 كىشىلىك بىر مەسچىتتە 4 لا كىشىنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقى؛ غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر ئۇيغۇر مەسچىتىدە  تەۋەلىكتىن ئۇيغۇر «دىنىي زات» تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن، تۇنگان ئىمامنىڭ خاتىپلىق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جامائەتنىڭ ئېغىر تەنقىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، 2017‏-يىلى ئەۋجىگە چىققان دىنىي باستۇرۇشلىرىنى 2020‏-يىلدىن باشلاپ، بەلگىلىك دەرىجىدە يۇمشاتقان ۋە بۇنىڭ كۆرۈنۈشى سۈپىتىدە ئىلگىرى تاقىۋەتكەن بىر قىسىم مەسچىتلەرنى نامازخانلار ئۈچۈن ئاچقان ئىدى. بۇ ئاتالمىش «يۇمشاش»قا گەرچە ئىككى يىلدىن ئېشىپ قالغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ سىياسىتىگە قارىتا پۈتۈنلەي ئىشەنچىنى يوقاتقان جامائەت، مەسچىتلەرگە كىرىشتىن ئۆزىنى تارتقانلىقى مەلۇم.

كورلادىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر كىشىلەرنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ۋە قىلماسلىق ھوقۇقى بارلىقى  تەكىتلەنگەن مەخسۇس بىر ئۇقتۇرۇشنى چۈشۈرگەن. دائىرىلەر بۇ ئارقىلىق، جامائەتنى  مەسچىتلەرنى بوش قويماسلىققا ئۈندەپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ئاھالىلەر مەزكۇر ئۇقتۇرۇشقا قارىتا ھېچقانداق ئىنكاستا بولمىغان. نەتىجىدە مەزكۇر ساقچى باشقۇرىۋاتقان تەۋەلىكتىكى 150-200 كىشىلىك بىر مەسچىتكە بىر مەھەللىدىن بىردىن كىشى بولۇپ، پەقەت 4-5 چە كىشى ھەر جۈمە  نامىزىغىلا كەلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا خوتەن ۋىلايىتى ھازىرلىغان بىر تەشۋىقات سەھنىسىدە، خوتەندىكى مەسچىتلەردىكى ئەسلىھەلەرنىڭ يېڭىلانغانلىقى، گۈزەل مەسچىت مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ مەسچىتكە كېلىشىگە تۈرتكە بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئىلگىرى خوتەن قاراقاشتىن ئىگىلىگەن بىر ئۇچۇرىمىزدا، ياۋا يېزىسىدا 2017‏-يىلىنىڭ بېشىدىلا دىنىي زاتلارنىڭ 60 پىرسەنتى كېسلىپ بولغانلىقى ئاشكارىلىغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ۋەزىيەت غۇلجادا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، قامال مەزگىلىدە ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈم ھادىسىلىرى كۆپەيگەندە، جەسەتلەر توپلىنىپ ئەكىتىلىشتىن ئاۋۋال، بەزى ئائىلىلەرگە مېيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرىۋېلىش پۇرسىتى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەتراپدا دىنىي زات بولماسلىق، يەنى دىنىي زاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تۈرمىلەردە بولۇش سەۋبىدىن، مېيىتنى قىسمەن بولسىمۇ دىنىي يوسۇن بويىچە ئۇزىتىشقا ئىمكان بولمىغان.

ئىلگىرى ئىگىلىگەن بىر ئۇچۇرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا شەھىرى خىتايبازىرىدىكى 3 مەسچىتنىڭ ھەممىسىلا تاقالغان. بۇ ئۈچىدىن تاختىيۇن مەسچىتتىكى 7 نەپەر مەسچىت ھەيئىتىنىڭ ھەممىسىلا كېسىۋېتىلگەن ئىدى. بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايانلىرىدىن  مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا ناھىيە قاراياغاچ يېزىسىدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىگە جۈمە نامىزىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن، ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسىدىن بىر تۇنگان ئىمام تەيىنلەنگەن.

ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، مەزكۇر مەسچىتتىكى جۈمە نامىزىغا پەقەت، مەھەللىلەردىكى «4 پېشقەدەم» دەپ ئاتالغان، تەمىنات جەھەتتىن ھۆكۈمەتكە بېقىنغان كىشىلەر تەشكىللىك ھالەتتە بېرىۋاتقان ئىكەن. ئۇلار تۇڭگان ئىمامنىڭ چالا ئۇيغۇرچە سۆزلىگەن خۇتبىسىنى چۈشىنىشتە قىينالغان ۋە ئارىلىقتا ھەجىۋىي يوسۇندىكى ئۇقۇشماسلىقلار كېلىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما جامائەت بۇنىڭغا كۈلۈشكە ياكى نارازىلىق بىلدۈرۈشكە پېتىنالمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.