ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ئازابلىرى گېرمانىيە پىسخولوگلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2024.12.02
گېرمانىيەدىكى «پىسخىكىلىق داۋالاش ۋە پىسخىكا ئىلمىي جەمئىيىتى» نىڭ يىللىق ئومۇمىي قۇرۇلتىيى 27-نويابىر گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا باشلانغان. 30-نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا د ئۇ ق سابىق رەئىس دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىياسپوراسىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.
ئۇ نۇتقىدا مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بەرگەن: «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى پەقەت خىتاينىڭ چېگراسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى نازارەت قىلىش، پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇش، تەھدىت سېلىش، بېسىم قىلىش ۋە ۋەتەندىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش قاتارلىق قاراتمىلىقى بولغان ئىستراتېگىيە شەكلىدە ئىجرا قىلىنىپ، دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلارغا قورقۇنچ ۋە تەھلىكە پەيدا قىلماقتا» .
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىياسپوراسىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى» ناملىق نۇتقى ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي جەھەتتىن تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى 9 مىڭدىن ئارتۇق دوختۇر، پسىخولوگ، سىياسەتچى، جەمئىيەتشۇناس ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى قاتناشقان بۇ خەلقئارالىق چوڭ يىغىندا ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەرگەن.
ئۇ بۈگۈن 29-نويابىر كۈنى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنىڭ دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر زەربىلەر ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر نۇتقىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ۋە ئۆز ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەر ھەمدە د ئۇ ق يېقىندا ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان روھىي بېسىملار توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتىمۇ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇ نۇتقىدا، شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ۋەيرانچىلىق، روھى بېسىم، تۈرلۈك ۋەھىمىلەرنى تىلغا ئېلىپ: «شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار يەنىلا ناھايىتى قەيسەر بىر خەلق، بىز ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنىڭ پاناھى ئاستىدا ياشاۋاتىمىز. مەدەنىيىتىمىز بىزنىڭ ئۈمىدلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا تۈرتكە بولماقتا. بىزنىڭ ئېجىل مۇناسىۋەتلىرىمىز دەردلىرىمىزنى ئورتاقلىشىش پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلىمەكتە. بۇلار بىزنىڭ كوللېكتىپ جاراھەتلىرىمىزگە داۋا بولۇش رولىنى ئوينىماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەن.
ميۇنخېن لۇدۋىگ ماكسىمىلىيان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەمدە ئامېرىكادىكى جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە نيۇ-يورك سيراكئۇس تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى توماس شۇلزە ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ئازابلىرى توغرىلىق توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«مەن بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئۇيغۇر دىياسپوراسى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ كېلىۋاتىمەن. مەن 1990-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغان چاغلىرىمدا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىدىكى يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ مەدەنىيەتلەرنى، ئۇ قەدەر گۈزەل شەھەر ۋە يېزىلارنى، تولىمۇ ئالىيجاناب ۋە پىكرى ئوچۇق ئىنسانلارنى كۆرگەنىدىم. ئەمما ئۆتكەن 10 يىللاردىن بۇيان مەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىگە شاھىت بولۇپ كېلىۋاتىمەن. نەتىجىدە، مەن تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر دىياسپوراسى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى چۈشىنىشكە، ئۇلارنىڭ قانداق دەردلەرگە مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاشقا، ئۇلارنىڭ كەچمىشلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، نېرۋا كېسەللىكلىرى ئىلمى، پىسخولوگىيە ۋە روھىي ساغلاملىقنى تەتقىق قىلىدىغان باشقا تەتقىقاتچىلار، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىشىپ بىر پروجېكىتنى باشلاتتىم. بىزنىڭ بۇ پروجېكىتنىڭ (لايىھەنىڭ) نىشانى خىتاينىڭ قاباھەتلىك زوراۋانلىقلىرى ئۇيغۇرلاردا پەيدا قىلغان ئېغىر روھىي ئازابلارنى تەكشۈرۈش ۋە داۋاسىنى ئىزدەش ئىدى. بىز بۇ خىزمىتىمىزنى يېڭىلا باشلاپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا پەيدا قىلغان بۇ جاراھەتلەرنىڭ نەقەدەر يۈكسەك بىر دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق».
توماس شۇلزە ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىق تۇرمۇشى ھەققىدە كۆپ مەلۇماتى بار بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدىن، مەدەنىيىتىدىن، ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن، ئاسارە-ئەتىقىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ، مىللىي كىملىكىنىڭ يوقىلىشقا يۈز تۇتۇۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىدىكەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا پەيدا قىلىۋاتقان روھىي بېسىملىرىنى كەسپىي پىسخولوگلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر جەم بولغان بۇنداق بىر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.