ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆز زېمىنىدىكى مول تەبىئىي بايلىقلىرىدىن نەپ ئالالمايدۇ؟
2024.11.05
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2000-يىللارنىڭ باشلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا پۈتۈپ رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى» نى باشلىغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ ساندىكى ئاھالىنىڭ يەنىلا گازسىز قېلىۋاتقانلىقى، بۇ رايوندىكى ئاساسلىق ئاھالە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى بۇ بايلىق مەنبەلىرىدىن بۈگۈنگە قەدەر بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ «8 چوڭ ئىشلەپچىقىرىش توپى» غا ئايلاندۇرۇشنى جىددىي رەۋىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش بىلەن تەڭ، يەنە رايوننىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى تورلاشتۇرۇش ۋە «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش قەدىمىنىمۇ كۈنسايىن تېزلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 31-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 28-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن ئۆتىدىغان يەنە بىر يېڭى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تاماملانغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، مەزكۇر تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ پۈتۈشىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى 10 مىليونغا يېقىن خەلققە «نەپ يەتكۈزىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ھالبۇكى، خىتاي ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە ئىككى ئوبلاستتا ھازىر 12 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە ياشايدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايونلاردىكى نوپۇسنىڭ 70% لىرىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى مەلۇم. ئەگەردە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشتىن 10 مىليون ئادەم بەھرىمەن بولالىغان بولسا قالغان 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم تېخىچە بۇنىڭغا ئېرىشەلمىگەن.
خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن ئىچكىرى خىتايغا تۇتىشىدىغان گاز تۇرۇبا لىنىيەلىرى ئارقىلىق كۆپ يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ نەچچە ئونلىغان ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدىكى 400 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ تۇرمۇشى ۋە كۆپ ساندىكى زاۋۇت-فابرىكىلىرىنىڭ ئېھتىياجى قامدالماقتا. لېكىن مەزكۇر تەبىئىي گاز مەنبەسى بولغان تارىم ۋادىسى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سانى تېخىچە گازسىز ياشىماقتا. خىتاي مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان تۇرۇبا يولىنى ئۇزارتىپ، جەنۇبنى گازلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشلىغانلىقىغا كۆپ يىللار بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە جەنۇبتىكى ئىككى ئوبلاست، ئۈچ ۋىلايەتتىكى بىڭتۈەننىڭ 46 پولكى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەيدانى، 42 ناھىيە ۋە شەھەرنىلا گاز بىلەن تەمىنلىيەلىگەن.
تەمىنلەشتە خىتايلار كۆپ جايلاشقان بىڭتۈەن ئاساس قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئەمما ئۇيغۇرلار كۆپ يېزا-قىشلاقلارغا تېخىچە گاز يېتىپ كەلمىگەن.
ۋاھالەنكى، ئۇيغۇر ئېلىدىن شەرققە توشۇلۇۋاتقان تەبىئىي گاز يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ نەچچە ئونلىغان ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدىكى 400 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆز يېرىدىن چىقىۋاتقان بۇ بايلىقلاردىن ۋە ئىمتىيازلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالماسلىقى كۈچلۈك سوئال پەيدا قىلماقتا.
ئامېرىكادىكى «چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى، ئانالىزچى تېڭ بياۋ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەزەلدىن ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدىغان مۇستەبىت دۆلەت تۈزۈلمە قۇرۇلمىسىنىڭ غەربىي رايوندا ياشاۋاتقان يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى بايلىقلاردىن مەھرۇم قېلىشىغا سەۋەب بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆز پىكرىنى مۇنداق بىلدۈردى:
«خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا ئاساسەن، تەبىئىي بايلىقنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى دۆلەت ئىلكىدە قىلىپ بېكىتىلگەن. خىتاي ئەڭ ئاساسىي شەكىلدىكى دېموكراتىيە، ھوقۇق، مەنپەئەت ۋە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغان مۇستەبىت دۆلەتتۇر. شۇڭلاشقا، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى نەرسە ئاساسەن ھۆكۈمەت ياكى كومپارتىيەنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ. ئۇ سىياسەت تۈزگەندە ۋە قانۇنلارنى يولغا قويغاندا، ھەمىشە ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتى ياكى سىياسىي پارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ. بۇ سەۋەبلىك، پۇقرالارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ھەمىشە دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرايدۇ، يەنى مەيلى ئۇيغۇر ۋە ياكى تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ ھوقۇقى مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە، غەربىي رايونلاردىكى مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى، ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەر ۋە ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، بۇ جايلارنىڭ يەرلىك ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى تۈزۈشتە يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى، بۇ ئاساسىي قانۇنلار خىتايدىكى پەقەتلا قۇرۇق سۆز بولۇپ، ئۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنمايدۇ ۋە ھۆرمەت قىلىنمايدۇ. شۇڭا بۇ، بايلىق جەھەتتە پۇقرالار، شەخسلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېغىر ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»
ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى «تالان-تاراج قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئاتاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشى جەھەتتىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ئۇ، مۇنداق دېدى:
«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى بايلىقلارنى تالان-تاراج خاراكتېرلىك ئېچىش قىلمىشى، يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزدى، جۈملىدىن رايوننىڭ مۇھىتىنى بۇزۇۋەتتى. ئەمما مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىرغىچە ھەر قانداق ئۈنۈملۈك بەلگىلىمىنى كۆرۈش تەس. بۇنىڭدىن باشقا، ھازىرقى خەلقئارا قانۇن سىستېمىسى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىدا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رايوندىكى تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلىقىغا، ھەتتا ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى مۇستەملىكىچىلىك دەپ تۈرگە ئايرىشقا قارىتا ئۈنۈملۈك جازا بېرىدىغان چارە-تەدبىر يوق. مەسىلەن، بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەر مەجبۇرىي ئەمگەك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاتارلىقلارغا قارىتا بەزى جازالارنى تۈزدى ھەمدە مۇناسىپ مەسئۇل كىشىلەر ۋە شىركەتكە قارىتا بەزى جازالارنى يولغا قويدى. ۋاھالەنكى، بايلىقلارنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋېلىش ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشتەك مۇستەملىكىچىلىك قىلمىشىغا تېخى ئۈنۈملۈك چەكلىمە ۋە جازا يولغا قويۇلغىنى يوق. »
دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئېلى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئۇلار ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە مۇھىم قېزىلما بايلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى بازىسىغا ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى بارغانسېرى كۈچەيتمەكتە ئىدى.
ياپونىيەدە تەبىئىي جۇغراپىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئالغان، ھازىر تۈركىيەدىكى ئىستانبۇل ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى ساياھەت بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دوكتور گۈلمىرە بەرداش خانىم، بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇنبەت تۇپراقلىرىدىكى مول تەبىئىي بايلىق زاپاس مىقدارى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خەۋەرلىرىدە ئېيتقىنىدەك ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن ئۆتىدىغان بۇ يېڭى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى 10مىليوندىن ئارتۇق خەلققە «نەپ يەتكۈزىدىغانلىقى» نى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى قارىشىنى قارىشىنى شەرھلەپ ئۆتتى.
دوكتور گۈلمىرە بەرداش خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالدىكى بۇ ئايلانما تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق شەھەر-رايونلاردىكى ئاھالىلەرنى قامداش، شۇنىڭدەك تېخىمۇ كۆپ خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر ئېلىگە جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇ بۇ ھەقتە توختالغىنىدا، خىتاينىڭ 2000-يىللارنىڭ باشلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى باشلىغان «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى» دا كىمنىڭ ھەقىقىي «نەپ» ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىزاھلاپ مۇنداق دېدى.
كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ مول تەبىئىي بايلىقلارنى ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلگەن. ئۇ مۇنداق دېدى.
«ئەلۋەتتە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئويلىشىدىغىنى ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ داۋاملىشىشىدۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ بۇ ھاكىمىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشى بىر تەرەپتىن، ئۇچۇر ۋە ئىدېئولوگىيەنى كونترول قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، تېخىمۇ بىۋاسىتە بولغىنى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە ھەربىي كۈچىدۇر. ئەگەر ئۇنىڭدا قانچە كۆپ مەبلەغ ۋە بايلىق بولسا، ئۇ ھاكىمىيىتىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىدا ئالاھىدە مول بايلىق بار بولۇپ، خىتاينىڭ 1/6 قىسمىنى ئىگىلەيدىغان شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇن نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا تەبىئىي بايلىقلار بار. شۇڭلاشقا، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇ يەردە تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرلىك تالان-تاراج ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ بايلىقلارنى ئېچىش جەرياندا، بىر تەرەپتىن يەرلىك كىشىلەر ئۆز بايلىقلىرىدىن تېگىشلىك نەپكە ئېرىشەلمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار داۋاملىشىۋاتقان تەبىئىي بايلىق تالان-تاراج قىلمىشلىرىدا مۇھىت ئاسراشقا پۈتۈنلەي سەل قاراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، رايوننىڭ مۇھىتىغا نۇرغۇن زىيان يەتكۈزدى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ناچارلاشتى.»
خىتاينىڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانىدى. ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ خىل قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ياشاش بوشلۇقىنى تارايتىپ خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتسە، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، ھاۋاسىنى بۇلغاپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
دەرۋەقە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇنبەت تۇپراقلىرىدىكى مول تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدىغان ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى» نامى ئاستىدىكى بىر يۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك بايلىق قېزىش ۋە توشۇش پىلانىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نەپ بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقنىڭ ساپ مۇھىت ئىچىدە ساغلام-ئازادە ياشىشىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنمەكتە.