ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى كىتاب
2023.09.29

ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئوخشىمايدىغان مەنبەلەردە، ئوخشىمايدىغان شەكىلدە كۆرسىتىلمەكتە. 2017-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە بەزى دۆلەتلەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ نوپۇسىغا بولغان قىزىقىشمۇ كۈچەيمەكتە. ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئىستاتىستىكا مۇتەخەسسىسى دىلشات بارىشچى ئەپەندى يازغان «نوپۇس پەرەز قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ ئانالىزى» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.
مەزكۇر كىتاب ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، 9-ئايدا بېسىلغان 207 بەتلىك بۇ كىتاب 8 بابتىن تەركىب تاپقان. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى مەسىلىسى بويىچە بىرقانچە يىللار قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئىبارەتتۇر.
تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان «نوپۇس پەرەز قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ ئانالىزى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى دىلشات بارىشچى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بەزى كىشىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارماستىن ئاغزىغا كەلگەن سانلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 2020-يىلى بەزى كىشى ۋە تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ 30-35-مىليون ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، بەزىلىرى بولسا 35-40مىليون، ھەتتا 45-50 مىليون ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى، شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنى 1953-يىلى 3 مىليون 600 مىڭدىن كۆپ، 2020-يىلى بولسا 11 مىليون 600 مىڭدىن كۆپ دەپ ئېلان قىلغان ئىكەن. قىسقىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسى توغرىسىدا ئىلمىي بىر جاۋاب تېپىلمىغان، ھەممە ئادەم خالىغانچە بىر ساننى توغرا دەپ قاراپ ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭا مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي نوپۇس سانىنى ھېسابلاپ چىقىپ، ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويدۇم».
دىلشات بارىشچى ئەپەندى كىتابىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا 1987-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم ۋادىسىدىكى بالىلارنىڭ تۈگەپ كېتىش نىسبىتىنى ئېنىقلاپ چىقىش پىروجېكتىگە قاتناشقان، 1988-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىرىنىڭ ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىنى ھېسابلاش پىروجېكتىگە قاتناشقانىدىم. مەن 1995-يىلى چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، تۈركىيەدىكى ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىستاتىستىكا كەسپىدە 14 يىلغا يېقىن دەرس بەرگەن بىر ئاكادېمىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ كىتابتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1953-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان نوپۇس سانىنى ئېنىقلاپ چىقتىم» .
«سىزنىڭ ئىستاتىستىكىلىق تەتقىقاتىڭىزغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسى قانچە؟ » دېگەن سوئالىمىزغا دىلشات بارىشچى مۇنداق جاۋاب بەردى: «مېنىڭ تەتقىقاتىمغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 17 مىليوندىن ئارتۇق، شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 5 مىليوندىن ئارتۇق، خىتايلارنىڭ نوپۇسى بولسا 15 مىليوندىن ئارتۇق» .
ئۇنداقتا «نوپۇس پەرەز قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ ئانالىزى» ناملىق كىتابنىڭ ئىلمىي قىممىتى نېمە؟ مەزكۇر كىتابنى ئوقۇپ چىققان ئىقتىسادشۇناس، ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى خىتاينىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي نوپۇس سانىنى ئاشكارىلىمىغان بولغاچقا ھەممە ئادەم ئۆزى پەرەز قىلغان ساننى دەپ كەلگەنلىكىنى، بۇ كىتابتىكى نوپۇس سانىنى دىلشات بارىشچى ئەپەندى ئۇزۇن يىل ئىلمىي يوسۇندا ھېسابلاپ چىققانلىقىنى، شۇڭا د ئۇ ق ۋەخپىسىنىڭ نەشر قىلدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ئەسەرنىڭ بەلگىلىك ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تەتقىقاتچىلارنىڭ، مىللەتشۇناسلارنىڭ، جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرۇلغان «نوپۇس پەرەز قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ ئانالىزى» ناملىق كىتاب ھەقسىز تارقىتىلىدىغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئالاقە ئورناتسا بولىدىكەن.
دىلشات بارىشچى ئەپەندى 1984-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1992-يىلىغىچە شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستاتىستىكا كەسپىدە ماگىستىرلىق ئوقۇغان. 1997-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە تۈركىيەدىكى ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىستاتىستىكا كەسپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. تۈركىيەدىمۇ بىر قانچە پىروجېكتىگە قاتناشقان.