«ئۇيغۇرۇمدا مېنىڭ ياشلىقىم» ناملىق كىتاب ياپونىيەدە يورۇق كۆردى
2023.09.15

9-سېنتەبىر كۈنى توكيودا ياپونىيە «ئاسىيا لبېىرال دېموكراتىك ئىتتىپاقى كېڭىشى» ناملىق ئورگاننىڭ ساھىپخانلىقىدا «ئۇيغۇرۇمدا مېنىڭ ياشلىقىم» ناملىق كىتابنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىل 28-ئاۋغۇست يورۇق كۆرگەن بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بولۇپ، مەزكۇر كىتابتا ئۇنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن ئۆسمۈرلۈك ھەم ياشلىق دەۋردىكى كەچۈرمىشلىرى ھېكايە شەكلىدە بايان قىلىنغان.
ياپون تىلىدا يېزىلىپ، ياپونىيە ئوقۇرمەنلىرىگە سۇنۇلغان بۇ كىتابتا، ئىلھام مەخمۇتنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى بىلەن بىرلىكتە يەنە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ تۈنۈگۈن ياكى بۈگۈن يۈز بەرگەن بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان كۈندىن ئېتىبارەن مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكى يورۇتۇپ بېرىلگەن. 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ياپونىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى قىيىن ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ كەلگەن ئىلھام مەخمۇت، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ياپونىيەدىمۇ خېلى دەرىجىدە تونۇلغان سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 31 يېشىدا ياپونىيەگە كەلگەندىن كېيىن، تويىن يوكوخاما ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ خەلقئارا سىياسەت كەسپىدە ئوقۇپ، ماگېستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان. 2008-يىلىدىن باشلاپ ئۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مىللىي زۇلۇملارنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياپون خەلقىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەر ساھەلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرۇمدا مېنىڭ ياشلىقىم» ناملىق كىتابى ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئۇ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي بېسىم ۋە زۇلۇملارنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى بولۇپ قالغان ياپونىيەگە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك ۋە بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ئۈچۈن، بۇ كىتابىنى ياپون تىلىدا يازغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئېچىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقانلىقىنى، كىتابنى ئۆزىنىڭ يىللاردىن بېرى يازغان خاتىرىسى ۋە توپلىغان مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن ئاممىباب ھەم چۈشىنىشلىك قىلىپ يازغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام مەخمۇتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بۇ كىتابى ياپونىيە «كازاخى مەدەنىيەت ئامبىرى» شىركىتى قارمىقىدىكى «قۇياش» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. مەزكۇر كىتابنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ياپونىيە پايتەختى توكيو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ياپونىيەلىك دوستلاردىن 40 قا يېقىن كىشى قاتناشقان. ئىلھام مەخمۇتنىڭ يېقىن دوستى، شۇنداقلا ئۇيغۇر داۋاسىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان ياپونىيەلىك مىئۇرا كوتارو (Miura Kotaro) ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ ئاخىرىغا مەخسۇس خۇلاسە خاراكتېرلىك يازما يېزىپ، بۇ كىتابقا يۇقىرى باھا بەرگەن.
مىئۇرا كوتارو ئەپەندى ياپونىيەلىك ئوبزورچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى بولۇپ، ئۇ ياپونىيە «ئاسىيا لبېىرال دېموكراتىك ئىتتىپاقى كېڭىشى» نىڭ باش كاتىپىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىكەن. مىئۇرا كوتارو ئەپەندى، «ئۇيغۇرۇمدا مېنىڭ ياشلىقىم» ناملىق كىتابنىڭ ئاخىرىغا يازغان باھاسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاجىئەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ياپونىيە ۋە ياپون خەلقىنىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان شەرقىي ئاسىيادىكى سىياسىي كرىزىسى بىلەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە باشلىنىشى بارلىقىنى؛ بىر مىللەتنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغدىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قوغدىشى بىلەن تەڭ-باراۋەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە بۇ كىتابنىڭ ياپونىيە ئوقۇرمەنلىرىگە ياپونىيەنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىمۇ ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. مىئۇرا كوتارو ئەپەندى مۇنداق دېدى:
«ئىلھام ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە جاپالىق ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن شۇ مەزگىللەردىن تارتىپ ياخشى تونۇشۇپ ھەم دوست بولۇپ كەلدىم. ئىلھام ئەپەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپونىيەدە تونۇشتۇرۇپ كەلدى. خىتاي ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىي مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىش بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان قىرغىنچىلىقتۇر. ئىلھام ئەپەندىنىڭ بۇ كىتابنى يېزىپ ئېلان قىلىشى، ياپون تىللىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي تارىخىنى ئۆگىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىرىنى چۈشىنىشىدە مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرى بولغۇسى. بۇ كىتاب، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي روھى ۋە ئۇيغۇر ھاياتىنى داۋاملىق قوغداپ قېلىش روھىنى نامايان قىلىدۇ. مانا بۇ نۇقتا بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى نىشانى بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى بىلەن ئىلھام ئەپەندى ئۆزىنىڭ ياپونىيەدىكى دەۋا ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر قەدىمىنى باسقان بولدى. بۇ كىتابتا 1980-يىللاردا ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئانا يۇرتىدا ئۆتكۈزگەن بالىلىق، ياشلىق كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان. بۇ كىتابتا يەنە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە كۆرۈلگەن مەلۇم دەرىجىدىكى يۇمشاش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا كۆرۈلگەن ئەركىنلىك تەلپۈنۈشلىرى، شۇنداقلا ‹تىئەنئەنمېن ۋەقەسى›دىن كېيىن باشلانغان تەقىپلەر رېئال ۋەقەلەر بىلەن يورۇتۇلغان. بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىشى ئۇنىڭ بۇ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق، ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ، دەپ قارايمەن.»
ھازىر «ياپونىيە ۋەتەن قوغداش پارتىيەسى» گە ئەزا بولۇپ ئىشلەۋاتقان گۈلىستان ئەزىز خانىم، ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرۇمدا مېنىڭ ياشلىقىم» ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ چىققان بولۇپ، ئۇ بۇ كىتابنىڭ ياپون تىلىدا نەشر قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
تاكۇشوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ياپون مەدەنىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست مىيازاكى ماساخىرو (Miyazaki Masahiro) ئەپەندى ئىلھام مەخمۇتنىڭ «ئۇيغۇرۇمدا مېنىڭ ياشلىقىم» ناملىق كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتى ۋە باھاسىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان. ئۇ باھاسىدا مۇنداق دەپ يازغان: «بىز ياپون خەلقى ئۇيغۇر پاجىئەسىدىن نېمىلەرنى ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك؟ بىز ئوكىناۋانىڭ ‹ئۇيغۇر قىسمىتى› بىلەن ئوخشاش بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئەستايىدىل ئويلىشىشىمىز كېرەك.»
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا «ئۇيغۇرۇمدا مېنىڭ ياشلىقىم» ناملىق بۇ كىتابىنىڭ داۋامىنى يېزىش ۋە نەشىر قىلىش پىلانى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يېزىلغۇسى بۇ كىتابتا ئۇنىڭ ياپونىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى ھاياتى ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرى، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئۆزىگە قالدۇرغان تەسىراتى قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنىدىكەن.