ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋولكىسۋاگېننى زور مۈشكۈلاتقا گىرىپتار قىلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2023.03.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
volkswagen-uyghur-urumchi.jpg گېرمانىيە ۋولكسۋاگېن(Volkswagen) شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تارمىقى.
dw.com

گېرمانىيەدىكى ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇھى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك ئەيىبلىنىپ كەلگەن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ۋولكىسۋاگېننى بىخەتەرلىك سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغانىدى. ئەمما ۋولكىسۋاگېن ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىغىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاشنى رەت قىلغان ۋە خىتايدىكى تىجارىتىنى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشتۇرغانىدى. بۈگۈنگە كەلگەندە كۈتۈلمىگەن بىر زەربە ۋولكىسۋاگېننى ئېغىر ئەھۋالدا قالدۇرغان.

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «ئىقتىساد ھەپتىلىكى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئەمدى مەبلەغ سېلىشقا بولمايدۇ: DEKA ۋولكىسۋاگېننىڭ پاي چېكىنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدىن شىقىپ چىقاردى» ناملىق خەۋەر ۋە باشقا ئاخبارات قاناللىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ گۇرۇھلىرىدىن بىرى بولغان دەكا گۇرۇھى ۋولكىسۋاگېننى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقان ۋە ۋولكىسۋاگېننىڭ پاي چېكىنى بازاردىن سىقىپ چىقارغان. بۇ قاقشاتقۇچ زەربە ۋولكىسۋاگېن گورۇھىنى ئېغىر ۋەزىيەتتە قالدۇرغان.

خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، DEKA گۇرۇھىنىڭ بۇ كەسكىن قارارنى چىقىرىشىغا، مەركىزى نيۇ-يوركتا بولغان «مورگان ستانلېي خەلقئارا كاپىتال» (Morgan Stanley Capital International) ناملىق پۇل مۇئامىلە گۇرۇھىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى سەۋەب بولغان. قىسقىچە MSCI دەپ ئاتىلىدىغان مەبلەغ مۇلازىمىتى ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ گۇرۇھ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەتقىق قىلىپ، ئۆز دوكلاتىدا ۋولكىسۋاگېننىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. DEKA گۇرۇھى بۇ دوكلاتقا جىددىي قارىغان ۋە ئەسلىدىنلا خەلقئارادا ئېغىر ئەيىبلەشلەرگە ئۇچراپ كەلگەن ھەم بارغانسېرى ئىناۋىتى تۆكۈلۈۋاتقان ۋولكىسۋاگېنغا مەبلەغ جەھەتتە قىزىل سىزىق سىزىپ، ئۇنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىشنى توختاتقان. DEKA گۇرۇھىنىڭ سىجىل تەرەققىياتقا مەسئۇل رەھبىرى ئىنگو شىپايىخ بۇ ھەقتە توختالغاندا «بىزنىڭ نەزىرىمىزدىن قارىغاندا، ۋولكىسۋاگېننىڭ پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىغا ئەمدى مەبلەغ سېلىشقا بولمايدۇ. ۋولكىسۋاگېن ماشىنىلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلىقىغا دائىر ئەيىبلەشلەر بار» دېگەن.

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» دىن بېشارەت بېرىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، خەۋەرلەردە بۇ مەسىلە ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، DEKA گۇرۇھىنىڭ بۇ قارارى جايىدا ئېلىنغان بىر قارار بولۇش بىلەن بىرگە، كېچىكىپ چىقىرىلغان بىر قارار ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، DEKA گۇرۇھىنىڭ قارارى ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاش ھەمدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق باشقا شىركەتلەرنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى تارىخنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى دەلىللەش نۇقتىسىدىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

«ئىقتىساد ھەپتىلىكى» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، «مورگان ستانلېي خەلقئارا كاپىتال» (MSCI) نىڭ خىتاي توغرىسىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھىدىكىلەر بۇ ئورۇنغا ئادەم ئەۋەتىپ سۆزلىشىشكە باشلىغان. ئەمما بۇ سۆزلىشىشتىن ھازىرچە بىرەر نەتىجىنىڭ ۋۇجۇدقا چىققانلىقى بايقالمىغان. دوكلاتتا ۋولكىسۋاگېننىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق قىلمىشلىرىنىڭ ب د ت نىڭ سىجىل تەرەققىيات ئەھدىمالىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بايانلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەنلىكى ئىپادە قىلىنغان.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇرباننىڭ قارىشىچە، DEKA گۇرۇھىنىڭ قارارى سىياسىي جەھەتتىن سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم بىر قارار بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ۋولكىسۋاگېننىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە تاقىلىدىغان مۇھىم ئىقتىسادىي قارار بولۇپمۇ ھېسابلىنىدىكەن.

DEKA گۇرۇھىنىڭ سىجىل تەرەققىياتقا مەسئۇل رەھبىرى ئىنگو شىپايىخمۇ مەتبۇئاتلارغا ئوخشاش گەپنى قىلغان. ئىنگو شىپايىخنىڭ قارىشىچە، ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھىغا قارىتا گېرمانىيەدىكى باشقا فوندىلارمۇ DEKA غا ئوخشاش قارارلارنى چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ قارارلار ۋولكىسۋاگېننىڭ ئىقتىسادىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدىكەن. ۋولكىسۋاگېن نۆۋەتتىكى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جىددىي رەۋىشتە زايوم تارقىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە مەجبۇر ۋەزىيەتتە قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.